|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىسرانىم مۇنبىرىدە ئۆزىنىڭ ئېسىل يازمىلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەزىز تورداشلار، ئايىمىڭلەرگە مۇبارەك بولسۇن!!!!
مىسرانىم باشقۇرۇش كوللىگىيىسىدىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەردىكى بارلىق دوستلارنىڭ ئايىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.
تۆۋەندە ھازىر خىزمەت ئۈستىدە بولۇۋاتقان بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلارنىڭ تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەپ يازغان ئوتلۇق تىلەكلىرى توپلىنىپ يوللاندى. باشقا باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىلەك سۆزلىرى ئايەم كۈنىمىزدە داۋاملىق يوللىنىدۇ.
مىسرانىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تور بېكىتىمىز ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇلۇق قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ئايىمىڭلەرگە مۇبارەك بولسۇن! بەخت، ئامەت سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!
ھۆكۈمران
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز تورداشلار، مۇنبەر پەقەت سىلەرنىڭ ئىللىق قەلبىڭلار ئارقىلىقلا باشقىلارغا مېھىر ئاتا قىلالايدۇ. سىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقۇڭلار مۇنبەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى. ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىڭلەرگە مۇبارەك بولسۇن! شادلىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!
قارلۇق
مول- ھوسۇللۇق كۈندە يېتىپ كەلگەن قۇربان ھېيتىمىزدا بارچە دىللار شادلىققا تولسۇن! ئەزىز تورداشلارنىڭ ئايىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
سەھرا ئوغلى
قۇتلۇق ئايەمنىڭ خاسىيىتىدىن ئۆي- ئۆيلەردە بەخت كۈلكىسى ياڭرىسۇن، ئەزىز تورداشلارنىڭ ئايىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
ئايتۇغ
ئۇلۇق ئايەم كۈنىمىزدە قەلىبلەردىن قەلىبلەرگە مېھىر ئوتلىرى تۇتاشسۇن. بارلىق تورداشلارنىڭ ئايەم كۈنلىرى شادلىق ئىچىدە ئۆتسۇن!
تۇز
ئايەم دېمەك، شادلىق دېمەك. ئۇلۇق ئاللادىن بارلىق تورداشلارنىڭ ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك ، تۇرمۇشىغا چەكسىز ئاسايىشلىق بېرىشنى تىلەيمەن! ئەزىز تورداشلارنىڭ ئايىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
ئەزىزىم
ئۇلۇق ئايەم كۈنلىرىمىزدە بارلىق مىسكىن دىللار شادلىققا تولسۇن! بارلىق تورداشلارنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك بولسۇن!
مارشال
ئۇلۇق ئايەم كۈنىمىزدە چېھىرلەردىن يامرىغان شادلىق ئۈچقۇنى پۈتكۇل دۇنيانى شاد-خوراملىققا تولدۇرسۇن، بارلىق تورداشلارنىڭ ئائىلىسىدە شادلىق كۈلكىسى ياڭرىسۇن!!
ئېلىجان
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز مۇنبەرداشلار، قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! بەخت-ئامەت سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!!
قابىلجان
ئەزىز مۇنبەرداشلار، ئۇلۇق قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا باياشاتلىق، ھېيتتىكى قۇتلۇق دەملىرىگە شادلىق يار بولسۇن!!!!
كەترەن
ئايەم كۈنىمىزدە تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان يۈزلەردىن بارلىق مىسكىن قەلبلەرگە مېھىر يېغىپ تۇرسۇن! شادلىق ھەممىمىزگە يار بولسۇن!
زۇمرەت
قۇتلۇق كۈنلەر، قۇتلۇق دەقىقىلەر ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا مەڭگۈ داۋاملاشسۇن!! ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەتتىرگۈل
ئالدى بىلەن بارلىق تورداشلارغا ئۇلۇق ئاللاھتىن سالامەتلىك ۋە ئىمان تىلەيمەن، ئايىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە تۇرمۇشۇڭلارغا بەخىت، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، ھەر بىر كۈنۈڭلەرگە شادلىق ۋە بەرىكەت تىلەيمەن!
ئاخىرىدا بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىمىزنى تەبرىكلەپ يازغان تىلەك سۆزلىرىنى تېمىغا قالدۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
مىسرانىم باشقۇرۇش كوللىگىيىسى
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-26 02:17 AM
|
|
|
|
|
|