ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، قۇربان ھېيتىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن!
تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيت ئارامىغا ئاددى بولسىمۇ  < مۇۋەپپەقىيەت دۇردانىلىرى 1 > ناملىق ماتېريالنى سوۋغات سۈپىتىدە  سۇندۇم .
ھەممىمىزگە مەلۇم ،ھەربىر بايرام يېڭى بىر يىلنىڭ ، يېشىمىزغا قۇشۇلغان يېڭى بىر ياش نىڭ بىشارىتى .  قۇربان ھېيت  مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بايراملىرىنىڭ بىرى  بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بىزلەرنى بىرياش قېرىتىپ ، ئۆمۈر ياپراقلىرىمىزدىن 365نى خازان قىلىىش بەدىلىگە  بۈگۈنكى ھېيت تەنتەنىسىنى ئاتاقىلىپ تۇرۇپتۇ.
ئۆتكەن يىلدىكى قۇربان ھېيت كۈنىدىن بۈگۈنگىچە ئۆمۈر مەنزىلىمىزدىن 355  كۈن ،  8520  سائەتلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتۇق. ئويلاپ باقتىڭىزمىكىن ،شۇنچە ئۇزۇن مۇساپە جەريانىدا  نىمىلەرنى يۇقۇتۇپ ، نىمىلەرنى ئىجاد قىلدۇق؟  تۇرمۇشىمىزدا ، خىزمىتىمىزدە ، سودا - سېتىق ، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىمىزدا يېڭىلىق  بارمۇ - يوق؟
يۇقۇرىقى سۇئاللارغا  مۇۋەپپەقىيەتلىك جاۋاپ بىرەلمەي قالغان بولسىڭىز  مەزكۇر < مۇۋەپپەقىيەت دۇردانىلىرى 1 > ناملىق ماتېريالنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. مەزكۇر ماتېريالدىكى  < مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى يەتتە مەخپىيەت >  < سىزنى مەڭگۈ نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان سەككىز تۈرلۈك ئىقتىدار >  <جاھاندارچىلىقتىكى مۇھىم ئىشلار >   سىزنى   < مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ يەتتەتۈرلۈك ئادىتىدىن >  ئاگاھلاندۇرۇپ  < ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدىغان پەيت > نى بىلىۋېلىشىڭىزغا ياردەم بىرىدۇ . ئەگەر سىز  < مەڭگۈ نامرات ئۆتۈشنى خالىمىسىڭىز >  < تىجارەتتە سەل قاراشقا بولمايدىغان نۇقتىلار > نى تەتقىق قىلىپ ، < باشقىلارغا كەڭ قۇرساق بۇلۇپ > < باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتىشنىڭ سىرى >  نى بىلىۋالسىڭىز  2013- يىلدىكى قۇربان ھېيتقىچە  چۇقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىڭىز مۈمكىن !
ئاخىرىدا  ،  اللە قا ھەمدۇ - سانا ، شۈكرى - ئىستىغپار  ئېيتىش بىلەن   بارلىق تورداشلارنىڭ  ھېيت تەنتەنە - خۇشاللىقىغا خاتىرجەملىك تېلەيمىز !
مۇۋەپپەقىيەت دۇردانىلىرى ‹1› نى تۈۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەيسىز .( بۇ دىتالغا   UKIJ TuZ TOM  خەت نۇسقىسى ئىشلىتىلگەن)
دىتال كۆرىنىشى :

چۈشۈرۈش ئادرىسى : 
http://qiannao.com/file/DihanogliCom/03b8bf3d/