مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 544|ئىنكاس: 5

زىرەك ئاياللار ۋە ھاماقەت ئاياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1232
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 5640 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 10:56:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىرەك ئاياللار ۋە ھاماقەت ئاياللار
--- زىرەك ئاياللار ھەمىشە ئېرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سىلىشتۇرغانسىرى ئۆزىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىدۇ. ھاماقەت ئاياللار ئېرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سىلىشتۇرغانسىرى ئۈمۈدسىزلىنىدۇ.

---زىرەك ئاياللار ئېرىنىڭ ئىش قىلغاندا بىپەرۋالىق قىلماسلىغىنى ھەر دائىم ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ ھەمدە ئېرىگە ئاۋارىچىلىق تىپىپ بەرمەيدۇ.ھاماقەت ئاياللار ھەمىشە تولا كوتۇلداپ،ئېرىدىن قۇسۇر ئىزدەپ ئېرىنى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىمۇ بىئارام قىلىدۇ.

---زىرەك ئاياللار ئېرىنىڭ ئىشىنى ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ بىلىپ ئېرىگە كۈچىنىڭ بارىچە ياردەم قىلىدۇ. ھاماقەت ئاياللار ئېرىنى ئۆزىنىڭ يىنىدىن نېرى كىتەلمەيدىغان قىلىپ قۇيىدۇ.

---زىرەك ئاياللار ئېرىگە ھەرقانداق ئىشتا توغرا يول كۆرسىتەلەيدۇ.ھاماقەت ئاياللار ھىچنىمىنى پەرق ئەتمەستىنلا ئېرىنىڭ خاتالىقىنى بايقىغان ھامان ئەيىپلەپ،ئۇنى ئۇسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

---زىرەك ئاياللار ئاممىۋى سورۇنلاردا ئېرىنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلىدۇ.ھاماقەت ئاياللار ئېرىنى سۈكىدۇ.

---زىرەك ئاياللار ئېرى ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرىسا ياكى ئائىلە ئىقتىسادىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلسە ، ئېرىنىڭ دەردىگە دەرمان بولالايدۇ.ھاماقەت ئاياللار ئېرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پۇل ۋە مەرتىۋە ئۈستىگە ئورنىتىدۇ.

---زىرەك ئاياللار ئۆيىنى پاكىزە تۇتۇپ،ئائىلىسىدىكىلەرگە ئازادەياشاش شارائىتى يارىتىپ بېرىدۇ.ھاماقەت ئاياللار ئۆينى قالايمىقان تۇتۇپ ئېرىنى بىزار قىلىدۇ.

---زىرەك ئاياللار ئېرىنىڭ ياخشى دادا بولىشىغا ھەقىقى ياردەم بېرەلەيدۇ.ھاماقەت ئاياللار بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ يامان گىپىنى قىلىپ،ئاتا-بالىلىق مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ رادىئو-تىلىۋىزىيە گىزىتى

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1232
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 5640 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 11:08:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاق كۈڭۈل ئاياللار مانا مۇنداق بولىدۇ(لەزز

ئاق كۈڭۈل ئاياللارنى قانداق پەرق ئىتىش كېرەك؟

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ئاق كۈڭۈل ئاياللار،ئەرلەرنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.چۈنكى ئۇلار ئىشلارنى بەك مۇرەككەپ ئويلىمايدۇ ھەم قائىدە-يۇسۇنغىمۇ بەك ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ،ئېرىمىز كۈڭلىمىزنى چۈشەنسىلا بولدى،دەپ قارايدۇ.خوشال بولسا كۈلىدۇ،خاپا بولسا يىغلايدۇ؛ئىچكى دۇنياسى مۇرەككەپ ئاياللار بولسا دائىم ياسالما ھالەتتە يۈرۈيدۇ،خوشال بولغىنى ياكى خاپا بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ ھەمدە ئەرلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئوڭايلىقچە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئاق كۈڭۈل ئاياللاربەختنىڭ تىگىگە يىتەلەيدۇ.بەزى ئىشلاردا ئۆزى مۇستەقىل پىكىر قىلالايدۇ.باشقىلارغا ئوڭايلىقچە ئالدانمايدۇ.ساددا ھەم قوپال ئاياللار باشقىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا ئۇڭاي چۈشۈپ قالىدۇ.

ھەممە ئايال بەخىتكە ئىنتىلىدۇ،لىكىن نۇرغۇن ئاياللار بەختنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ،ھەم بەختكە بولغان كۆز قارىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.بەزى ئاياللار بەختتىن بەك چوڭ ئۈمۈد كۈتىدۇ،ئۇنىڭغا ئېرىشىپلا قەدىرلىمەيدۇ ھەم ئۇنى ئۆز قۇلى بىلەن ۋەيران قىلىۋىتىدۇ.يەنە بەزى ئاياللارنىڭ بەختكە ئېرىشىش يولى كىچىككىنە ئىشلار تۈپەيلىدىن تۇسۇلۇپ قالىدۇ.

ئاق كۈڭۈل ئاياللار تۈز مىجەزى بىلەن ئۆزى سۆيگەن ئەرگە ئېرىشەلەيدۇ.ئىچكى دۇنياسى مۇرېەككەپ ئاياللار بولسا ھىسىياتىنى نۇرغۇنلىغان ھىسىياتسىز نەرسىلەر بىلەن يۇغۇرۋىتىدۇ.ماددي نەرسىلەرگە ئىشىنىدۇ-يۇ،ھىسىياتقا ئىشەنمەيدۇ،شۇنىڭ بىلەن بەخت بىلەن بولغان ئارىلىقى بارغانسىرى يىراقلىشىپ كىتىدۇ.

ئاق كۈڭۈل ئاياللاردا ساددا كۈڭۈل بولىدۇ،ئۇ ساپ،ئىسىل ياقۇتقا ئوخشاش ئادەمگە ئۆزىنىڭ ساپلىقىنى بىلدۈرۈپ،بىباھالىقىنى ئۇنتۇلدۇرغۇزىۋىتىدۇ:ئىچكى دۇنياسى مۇرەككەپ ئاياللارنىڭ قىممەت قارىشى ئۆزگۈرىشچان بولىدۇ.ئۇلار باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ،قىممىتىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى سەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئەرلەر نىمە ئۈچۈن بەزى ئاياللارغا كۈيۈنىدۇ؟چۈنكى ئۇلار مۇرەككەپ ھىسىياتىنىڭ ئاياللارنىڭ ساددا قەلبىنى ئازاپلاپ قۇيۇشىدىن قورقىدۇ.ئۇلار ئاق كۈڭۈل ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىگە ئۇلارغا ئوخشاش ساددا پۇزۇتسىيىدە بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ كۈڭلىنى ئاغرىتمايدۇ.بۇ بەلكىم ھەقىقى ئەركەكنىڭ ئاق كۈڭۈل ئاياللارغا بەرگەن جاۋابى بۇلۇشى مۈمكىن.

ئاق كۈڭۈل ئاياللارنى دۆت ، دىگىلى بولمايدۇ.ئۇلار تەبىئى مەرۋايىتتەك پارقىراپ تۇرىدۇ.ئاق كۈڭۈللۈكى بىلەن ئېرىنى بىر ئۈمۈر سۈيۈدۇ.،ھەتتا ئۆلسىمۇ بۇ نىيىتىدىن يانمايدۇ؛ئىچكى دۇنياسى مۇرەككەپ ئاياللار، ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتىدىن گۇمانلىنىدۇ ھەمدە ئارقىغا قايتىش يولى قۇيۇپ قويىدۇ.

ئاق كۈڭۈل ئاياللار ئاسانلا قانائەت قىلىدۇ ھەم ئېرى بىلەن بالىسىنى قانداق سۈيۈشنى ئوبدان بىلىدۇ.قىزىقىشىمۇ ئىنتايىن ساددا بولىدۇ.ئۇلار ئەرلەرنىڭ سۈيۈشىگە ئەرزىيدۇ،چۈنكى ئۇلار سۈيۈشكە يارالغان،مۇھەببىتىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ساددا بولىدۇ.

ئىچكى دۇنياسى مۇرەككەپ ئاياللار بەختنى بەكمۇ مۇرەككەپ ئويلايدۇ.ئاخرىدا ئېرىشىدىغىنى بەخىت بولماستىن ،بەلكى ئىشەنچىدىن مەھرۇم قىلىش بولىدۇ.ئۇلار ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى (خائىن) لار ھىساپلىنىدۇ.

مەنبە:رادىئو-تىلىۋىزىيە گىزىتى

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1232
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 5640 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 11:10:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەختلىك ئائىلەم بۇزۇلمىسۇن دىسىڭىز (لەززە

بەختلىك ئائىلەم بۇزۇلمىسۇن دىسىڭىز

~~~~~~~~~~~~~~

ھەممىمىزگە مەلۇم ئادەمنىڭ بەختلىك چاغلىرى سازغىلا ئوخشايدۇ،ئۇنى قانچىلىك چالالىسا شۇنچە ھوزۇر ئالالايدۇ.ئەكسىچە بولسا بۇ ساز سىزدىن مەڭگۈ يىراقلىشىپ كىتىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدىن ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرىشىمىز كېرەك.

~~~~~~~~~~~~~~

1.جۆرىڭىزگە بولغان كۈيۈنۈشىڭىزنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەڭ.----بەزىلەرجۆرىسىگە ھەدىدىن زىيادە كۈيۈنىدۇ.ئەگەرئون ئىشنىڭ توققۇزىنى قىلىپ بىرىنى قىلمىسا ،ئەر-خۇتۇنلىق مۇناسىۋەتكە تەسىر يىتىدۇ.

2.ھەدىدىن ئارتۇق پىخسىخلىق قىلماڭ----ئاياللارنىڭ پىخسىخلىقى چەكتىن ئىشىپ كەتسە،ئېرى ئىقتىسادى جەھەتتىن قاتتىق كونتۇرۇل قىلىنىپ، ئىچى سىقىلىپ،تۇرمۇشتىن كۈڭۈلى سوۋۇپ،ئەر-خۇتۇنلۇق تۇرمۇشقا تەسىر يىتىدۇ.

3.خاراكتىرىڭىز تۇراقلىق بولسۇن----خاراكتىرى تۇراقسىز ئەرنىڭ خوشاللىق ۋە خاپىلىققا بىلدۈرگەن ئىنكاسى ناھايىتى تىز ھەم كۈچلۈك بولىدۇ.بۇنداق روھى ھالەت جۆرىسىدا ۋەھىمىگە ئۇچراۋاتقاندەك روھى بىسىم پەيدا قىلىدۇ-دە،نىكاھ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يىتىدۇ.

~~~~~~~~~~~~~~~
دىمەك،بەختلىك ئائىلەم بولسىكەن دەيدىكەنمىز ئۆزىمىزنىڭ مىجەز-خۇلقىمىزنى ھەر جەھەتتىن كۈزۈتۈپ تۇرۇشىمىز لازىم.

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 224
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5683
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2010-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-28 11:22:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە بەك مۇرەككەپكەن [s:13]

ھېسلىرى بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 12:30:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1300
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9861
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2011-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-29 11:57:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېسلىرىمجون...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش