خىمېنېز شېئىرلىرىدىن تاللانما(ئىسپانىيە)
كۆزۈمدىن سىرغىغان بىر تامچە يېشىم كۆكتىكى يۇلـــتۇزغا كەتتى سىڭىشىپ. كۆز يېشىم مۇزلـــىغان يۇلتۇزغا يۇلتۇز ئاچچىق كۆز يېشىمــغا كەتتى ئايلىنىپ.
ئايرىلدىم،ئايرىلدى كۆكــمۇ كۆزىدىن مۇپتىلا ئەيلەبان ئىشىق سەۋداسىغا . ئايلاندى كائــــىنات،بارمۆجىزىلەر نورانە يۇلتۇزنىڭ دەرت پىراقىغا، ئازاپلىق كۆزيېشىم نــــۇر زىياسىغا. ****************
سەن مېنى ئوخشىتىپ بىمەنە سۆزلەرگە
سىزىپسەن شۇ قەدەر ئوىشىتىپ مېنى ھاياتنىڭ گىرىمسەن غۇۋا بېتىگە. كۆرۈنەر سىزغىنىڭ تىرىك ئادەمدەك قايىلمەن تەڭداشسىز ماھارىتىڭگە.
ئاھ!سىزغىن قايتىدىن قويماستىن كۆڭۈل ئوخشىسۇن ئوبرازىم بىمەنە سۆزگە. *****************
تونۇپ قالدىم تونۇش ئىزىڭدىن كەتتىڭ دىلغا جاراھەت سېلىپ. سەرسان ئىتمەن كوچىدا يۈرگەن ئاۋارىمەن يوقنى قىدىرىپ.
كەتتىڭ ئۇچۇپ ئالدىراش چاغلار قەدەملىرىڭ قالدۇردى پىراق. قەلبىم گويا تۈپتۈز داغدام يول ئۇزىماقتـــا ئۆلگەن بىر تىلەك ئۇزىماقــــتا يىراقتىن يىراق. **************
2012-10-25 قۇربان ھېيىت ھارپىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 赛乃木江 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-25 07:52 AM
|