|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز دوستلار!كەمىنە لوپنۇرى ئالدى بىلەن ھەر قايسىڭلارنىڭ قۇتلۇق قۇربان ھېيتىنى چىن دىلىدىن تەبرىكلەيدۇ.ھەممىڭلارنىڭ ئائىلەڭلارنىڭ تېنچ-ئامان، تېنىڭلارنىڭ ساق-سالامەت، ئىشىڭلارنىڭ غەلبە-نۇسرەت ئىچىدە بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيدۇ.ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! لوپنۇرى تور خاتىرىسى ئولۇغ قۇربان ھېيت ھارپىسىدا ھەر قايسىڭلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەش بىلەن بىرگە كىچىككىنە ھېيتلىق كۆڭلىنى بىلدۈرمەكچى.بۇ قېتىمقى ئېلكىتابىمىز ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان، ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىدا ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ،ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە نائىل بولغان داڭلىق سەنئەتكار ئابدۇۋېلى جارۇللايۇپنىڭ ھاياتىغا بېغىشلانغان "يىللار شۇنداق ئۆتكەن ناملىق بىئوگىرافىك قىسەسىدۇر.بۇ كىتاب 1989-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، ھازىر ئوڭايلىقچە ئۇچىراتقىلى بولمايدىغان مۇھىم كىتابلارنىڭ بىرىدۇر.بۇ كىتابتىن سىز ئابدۇۋېلى جارۇللايۇپنىڭ ھاياتى ئىش-پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇپلا قالماستىن، ئەينى دەۋىردىكى سىياسى ۋە ئىجتىمائى ئەھۋاللار ھەققىدىمۇ خېلى ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بولالايسىز.كىتابنىڭ بەلگىلىك تارىخى قىممىتى بار.
كىتابنىڭ بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: http://www.lopnuri.com/?p=2510
تۆۋەندە كىتابقا قىستۇرۇلغان سۈرەتلەردىن بىر قانچىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-25 12:19 AM
|
|
|
|
|
|