يالغۇزلۇق
بىر ئېكران ، بىر ئۇدار ، بىرلا رېتىمدا ،
بىر ئۆيدە ، بىر مەن بار ، يەنە ئايلىنار.
ھۇقۇش دەپ چارقىرار بەزىلەر مېنى،
ھۇۋلىساممۇ پەقەت ماڭا ئاڭلىنار.
سىزىقنىڭ ئۈستىگە تىزىپ مارجاننى،
رەڭ ئىزدەپ يۈرىمەن تاللاپ بوياقنى.
ئىسنىڭ ئاچچىقىن بىر مۇرا بىلەر،
كۆپىنچە خوشالمەن سۆيگەچ كەسپىمنى.
گاھ ئىلھام كەلمەيدۇ يازاي دېگەندە،
يۈرەكنىڭ دەردىنى ھەي، قازاي دېگەندە.
بىر چېكىت بولسا خاتا توختار ھەممىسى،
پەللىگە بىر چامدام باراي دېگەندە .
بىر قولدا بىر كىتاب ، قولدا كۇنۇپكا ،
ئېكراننىڭ نۇرىدا ئۇخلار كۇمۇتا .
نەچچە كۈن ئۇخلىماس مەندىكى كۆزلەر ،
چاچلىرىم تەر بىلەن بولار بىر چوتكا .
ساراڭغا ئوخشاتما مېنى ئەي دوستۇم ،
يەي دەيمەن مەززىنى سۆيۈپ ھۇزۇرلۇق .
كەچلىرى قارىسام مۇنبەر ئۈستىگە ،
ئەمەسكەن بىر ماڭا ھەمراھ يالغۇزلۇق.
2012-10-24 ئەركيار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-25 10:23 AM