ھاياتلىققا تەلپۇنگەن غۇنچىنى قۇتقۇزىۋالايلى !
بۇ تېمىنى باشقۇرغۇچىلار تەستىقلامدۇ يوق بىلمىدىم. شۇنداقتىمۇ يوللاپ باقتىم مىڭ قىلمىغان بىلەن بىر نەۋقىران يىگىننىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەسمۇ ! مىسكىنلەرگە ئۈچۈن ياردەمگە سۇنۇلغان قوللىرىڭلارغا ئاللا رەھمەت قىلغاي ! بولسا باشقا بېكەتلەرنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى چىقىرىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
جەمىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە ھەر ساھا زاتلارغا:
غۇلجا شەھەر توغراق يېزا ھاجى مەھەللە كەنت 1- گۇرۇپپا ئەزاسى ئابدۇياشار ئابدۇغوپور 1989- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ يىل 23 ياش، ئابدۇياشار ئابدۇغوپور 2011- يىلى 6- ئايدا بەخىتكە قارشى ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ ھازىرغا قەدەر جەمى 6 قېتىم بالنىستا يېتىپ داۋالانغان،بۇ جەرياندا ئۇلار 200 مىڭدىن ئارتۇق داۋالىنىش خىراجىتى تاپشۇرغان. ئاتا- ئانىسى ئوغلىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش خىراجىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بارلىق مال مۇلكىنى سېتىپ تۈگىتىپ بولدى. يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە جەمىيەتتىكى ھەر ساھا زاتلار ئۇلارغا ئىمكانىيەت ئىچىدە كۆپ ياردەم قىلدى. ئەپسۇسلىنارلىقى ئابدۇياشار ئابدۇغوپور ئاپتونوم رايۇنلۇق 1- دوختورخانىدا يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپوراتسىيەسى قىلىشقا توغرا كەلدى. ئوپوراتسىيە خىراجىتى ئۈچۈن 400 مىڭ يۈەن چىقىم قىلىش كېرەك.
ئۆز ئوغلىنىداۋالىتىش ئۈچۈن بارلىق بىساتىدىن ئايرىلغان بۇ ئائىلە ئۈچۈن، بۇ 400 مىڭ يۈەن پۇلنى ھەل قىلىش چوڭ بىر مۇشكىلات بولۇپ قالدى. ئەسلىدە ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل ياشلىق دەۋرىدە تۇرىۋاتقان ئابدۇياشار ئابدۇغوپورنىڭ بېشىنى كېسەل قايغۇسى قاپلىدى.ئۇنىڭ ياش ھايات ئاسمىنىنى كېسەل بۇلۇتلىرى ئەگىپ، ئۇنىڭ ھاياتلىق قوياشىنى توسۇپ ئالدى. بۇ ئائىلە نامراتلىق ۋە پۇلسىزلىقتىن بالىسىنىڭ ياشلىق ھايات گۈلىنىڭ سولىشىشىغا ئېچىنغان ھالدا، قايغۇ ھەسرەت بىلەن قاراپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
ھاياتلىققا، ھاياتلىق قۇياشىغا تەلپۈنگەن بۇ ھاياتلىق گۈلى مۇشۇنىڭ بىلەنلا قۇرۇپ كېتەرمۇ؟ ئەسلىدىكى بەخىتلىك بىر ئائىلىنى قاپلىغان بۇ كېسەل قايغۇسى، ناماراتلىق ، پۇلسىزلىق سەۋەبىدىن بۇ ئائىلىنى ۋەيران قىلارمۇ ؟ جاپاكەش مېھرىبان ئاتا- ئانىنى پۇتمەس – تۈگىمەس دەرت ئەلەمگە قويارمۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆزلىرى مۇھتاجلىق ياشلىرىنىڭ توختىماي تۆكىلىشى بىلەن كۆز نۇرىدىن ئايرىلارمۇ ؟ ھاياتلىققا تەلپۇنگەن بۇ يۇلتۇز مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆچۈپ قالارمۇ ؟
ياق ! مىھىر شەپقەتكە تولغان بۇ جەمىيتىمىزنىڭ، قەۋمىمىزنىڭ بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەر تەرەپ مىھىر شەپقەت قوللىرىنى سۇنىدىغان ئېسىل ئەنئەنىسى بار. ئۆز قېرىنداشلىرىدىن بىر ياش نەۋقىران يىگىتنىڭ ھاياتى خەۋىپكە ئۇچرىسا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ! بۇ 400 مىڭ يۈەن پۇل بۇ ئائىلە ئۈچۈن چوڭ بىر تاغ ھىسابلانغان بىلەن، جەمىيتىمىزدىكى ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ ئورتاق مىھىرى مۇھەببىتى ئاستىدا ھىچ گەپ ئەمەس.
كېلىڭلار ئەزىز قېرىنداشلار! كۆپنىڭ كۈچى كۆپ. بىز ھەممىز ئاز- ئازدىن كۈچ چىقىرىپ بۇ ھاياتلىققا ئىنتىلىۋاتقان ياش غۇنچىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالايلى! سىزنىڭ ئازغىنە ياردىمىڭىز بۇ ئوغلىمىزنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالايدۇ. ئاللا ھەر بىر مىھىر شەپقەت ئۈچۈن سۇنۇلغان قوللارغا رەھمەت قىلغاي !.
ئالاقىلىشىش تېلفونى : 8081027 دادىسى ئابدۇغوپۇر ئابدۇل: 13779113658
ئابدۇياشار ئابدۇغوپور : 13150207456
جوڭگو يېزا ئېگىلىك بانكىسى كارتىسى : 6228482970852282815
كارتا ئېگىسى : ئابدۇغوپۇر ئابدۇل 阿布都伙甫而.阿布都尔
ئەسكەرتىش :تۆۋەندىكى ماتىرىياللارنى مەن شەخسەن ئۆزۇم شۇ بالىنىڭ ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ، ۋە بارلىق ماتىرىياللىرىنى كۆرۈپ شۇ ماتىرىيال ئىچىدىن تاللاپ سۇرەتكە تارتىپ ئېلىپ كەلگەن ساختىسى يوق .
ئەلقۇت مەرىپەت تورى ۋە مەستانا مۇزىكا تورىنىڭ قۇرغۇچىسى تاشپولات بىلال
ئالاقىلىشىش تېلفونى : 18099836515
QQ : 448102348ئىنىمىز ئابدۇياشار
ئابدۇياشارنىڭ دادىسى ئابدۇغوپور ئابدۇل
تۆۋەندىكىلەر بۇ يىل بىر يىل جەريانىدىكى داۋالىنىش ھەق تاپشۇرۇش تالونلىرى
تۆۋەندىكىلەر بولسا ئىقتىساد مەسىلىسى تۇپەيلىدىن بالنىستىن يېنىپ چىققانلىق ئىسپاتلىرى
دوختۇردىن چىقىش خۇلاسىسى خۇلاسىدە ئېنىق قىلىپ ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۇپەيلىدىن ئۆزلىرى دوختۇردىن چىقىشنى تەلەپ قىلدى دەپ يېزىلغان.
تۆۋەندىكىلەر بولسا بۇ ئائىلىنىڭ جەمىيەتكە قارىتا يازغان مۇراجەتنامىسى تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر كومىتىتى ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت تامغىسى ئۇرۇلغان
تۆۋەندىكىلەر ئابدۇياشارنىڭ دادىسىنىڭ بانكا كارتىسى
ئىنمىز ئابدۇياشارنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسى
دادىسى ئابدۇغوپور ئاكىنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسى
ئانىسى نۇربۇ ھەدىنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسى
گۇۋاھچىلار:
تاشپولات بىلال (مەستانە ۋە ئەلقۇت تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ) يانفون نومۇرى : 18099836515
ئابدۇسەمەت : (توغراق يېزىلىق ھۆكۈمەت مائارىپ ئىشخانىسىدىن ) يانفون نومۇرى : 13319992513