مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6121|ئىنكاس: 29

2012-يىللىق قۇربان ھېيىت نامىزى توغرىسىدا(قۇشۇمچە:ھېيىت ناماز ۋاقتى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يۇقالسۇن ئاجىزل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17341
تۆھپە نۇمۇرى: 2009
توردا: 2012 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 05:36:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2012-يىللىق قۇربان ھېيىت نامىزى توغرىسىدا(قۇشۇمچە ھېيىت ناماز ۋاقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)


بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، رەببىمىز ئۇلۇغ اﷲ تائالاغا بولسۇن!ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا باشلىغۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا دۇرۇت ۋە سالاملاربولسۇن!


ئالدى بىلەن مىسرانىم تورىدىكى بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. قۇربان ھېيىت يېتىپ كېلىش ئالدىدا تورداشلارغا قۇربان ھېيت توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش، ناماز ئوقۇش ئۇسۇلىنى قىسقىچە ئۆگىتىش(چۈنكى ھېيىت نامىزى يىلدا ئىككى قېتىم ئوقۇلىدىغان بولغاچقا بىرقىسىم تورداشلارنىڭ ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن)، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭھېيت ناماز ۋاقتىنى تورداشلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ تېمىنى ئالاھىدە يوللىدۇق.(بۇنىڭغائوخشاش تېما بۇلتۇرمۇ قۇربان ھېيىت ئالدىدا يوللانغان ئىدى)




ئالاھىدە تەۋسىيە:ئەرافات كۈنى رۇزا تۇتۇشنى ئۇنۇتماڭ


ئەتە (25-ئۆكتەبىر، پەيشەنبە)ئىسلام كالېندارىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئەرافات كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە ئاللاھ تائالائىسلام دىنىنى تاماملىغان.


«بۇ كۈندە تۇتقانروزا ئۆتكەنكى بىر يىلنىڭ ۋە كېلىدىغان يەنە بىر يىلنىڭ گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ.» (ئىمام مۇسلىمدىن)


تورداشلارنىڭ ئەرافات كۈنىدىكى روزا تۇتۇشتەك ياخشىئەمەلنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.





قۇربان ھېيت نامىزى ھىجرىيەنىڭ بىرىنچى يىلى نەھر (قۇربانلىق قىلىدىغان) كۈنىدە يولغا قويۇلغان. ئۇكۈن بولسا زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنىدۇر.


قۇربان ھېيت نامىزىشەھەرلەردە ياكى چوڭ كەنتىلەردە ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۇ شەھەر ۋە كەنتلەرگەكېلەلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ۋاجىپتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇربان ھېيتنامىزىنى ئوقۇشنى ھاياتى بويىچە داۋام قىلدى ۋە كىشىلەرنى بۇ نامازغا چىقىشقابۇيرىدى. بۇ ھەقتە ئۇممۇ ئەتىيە مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىككى ھېيت كۈنلىرى (نامازئوقۇلىدىغان يەرگە) چىقىشقا بۇيرۇلدۇق. ھەتتا بىز قىزلارنى ئۇلار پۈركىنىپتۇرىدىغان پەردىلەرنىڭ ئىچىدە ئېلىپ چىقاتتۇق ھەتتا ھەيزدار ئاياللارنىمۇ ئېلىپچىقاتتۇق. ئۇلار ئۇ كۈننىڭ بەرىكىتىنى ۋە پاكلىقىنى ئۈمىد قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئارقىسىداتۇرۇپ كىشىلەر ئېيتقان تەكبىرنى ئۇلار بىلەن بىللە ئېيتاتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىللەدۇئا قىلاتتى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]


ئەمما مۇساپىرغا،ئايال كىشىگە، كېسەل ئاجىز كىشىگە، قۇلغا ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىغاقۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس.


قۇربان ھېيت نامىزىچاشكا نامىزىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ. قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن ئۇپۇقتىننەيزە بويى كۆتۈرۈلىپ ئاقىرىشقا باشلىغاندىن تارتىپ تاكى قۇياش چىڭ چۈشتىن قايرىلغانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئەگەر قۇياش ناماز ئوقۇپ تۇرغان ۋاقىتتا قايرىلىپقالسا، ناماز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. قاتتىق يامغۇر ياغقانغا ياكى ئىمامنىڭ كەلمىگىنىگەئوخشاش بىرەر ئۆزرىنىڭ سەۋەبىدىن ھېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ئۈچ كۈنگە قەدەركېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىنا كۈنلىرىنى:"ھەقىقەتەت بۇ كۈنلەر ھېيت كۈنلىرىدۇر" دېگەن. ئۇنى بىرەر ئۆزرە يوقتۇرۇپ ئۇنداق كېچىكتۈرۋېتىش مەكرۇھى تەھرىمە (ھارامغا يېقىن مەكرۇھ) دۇر.


ئىككى ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى


قۇربان ھېيت نامىزىمۇ جۈمە نامىزىغا ئوخشاش ئىككى رەكئەت بولۇپ جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. لېكىن،قۇربان ھېيت نامىزىدا ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس ۋ جابىر(اﷲ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) مۇنداق دېدى: رۇزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرىغائەزان ئوقۇلمايتتى. [بۇ ئەسەرنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]


ئىبنى ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنى چىقىپ ئەزان ۋەتەكبىر ئوقۇماستىن ھېيت نامىزىنى باشلاپ ئوقۇپ بەردى. [بۇ ھەدىسنى نەسەئىي رىۋايەتقىلغان]


قۇربان ھېيتنامىزىنى قازا قىلىۋاتقان ئادەم ئۇنى ئۆزى يالغۇز ئوقۇمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا باشقامەسچىتكە بېرىش مۇمكىن بولسا، نامازنى شۇ مەسچىتكە بېرىپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى، ھېيت نامىزىنى ھەممە كىشىلەر بىر يەردىلا ئوقۇماي بىر نەچچە يەردە ئوقۇسىمۇ توغرابولىۋېرىدۇ.


ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرىنى ئېيتىش ۋاجىپتۇر. ئۇتەكبىر ھەر بىر رەكئەتتە ئۈچ قېتىم ئېيتىلىدۇ. بىرىنچى رەكئەتتە ئىمام تەكبىرنىنامازنى باشلاپ "سۇبھانەكەللاھۇممە" نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئايەتئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئېيتىدۇ. ئىمامغا ئىقتىدا قىلغانلارمۇ ئىمامغا ئەگىشىپتەكبىر ئېيتىدۇ. ھەر قېتىم تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى قۇلىقىنىڭ يۇمشۇقىنىڭئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىدۇ ۋە تەكبىرنى ئېيتىپ بولۇپ قوللىرىنى ئىككى يانغا تاشلاپتۇرىدۇ. ئىمام ھەر ئىككى تەكبىرنىڭ ئارىلىقىدا ئىقتىدا قىلغان ئادەملەر تەكبىرنى ئېيتىپ بولغانغا قەدەر ساقلاپ تۇرىدۇ. ئىككى تەكبىرنىڭ ئارىلىقىدا:"سۇبھانەللاھ ۋەلھەمدۇلىللاھ ۋە لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر"دېيىش خاتا ئەمەستۇر.


ئىككىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىھە ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپبىر سۈرە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ئۈچ قېتىم تەكبىرئېيتىلىدۇ. تەكبىرنى بىرىنچى رەكئەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ۋەئىككىنچى رەكئەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىشنىڭ سەۋەبى بولسا،ئىككى رەكئەتتە ئوقۇلغان ئايەتلەرنىڭ ئارىسىغا بىر پاسىل چۈشمىسۇن دېگەنلىكئۈچۈندۇر. ئەگەر تەكبىرنى ھەر بىر رەكئەتنىڭ بېشىدا ئېيتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئەڭياخشىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە ئېيتىش لازىم. بۇ تەكبىرنى بىرىنچىرەكئەتتە ئۈچ قېتىم ۋە ئىككىنچى رەكئەتتە ئۈچ قېتىم بولۇپ جەمئىي ئالتە تەكبىرئېيتىش بولسا ئىبنى مەسئۇد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ ساندىكى ساھابىلارنىڭ (اﷲئۇلاردىن رازى بولسۇن!) تۇتقان يولىدۇر.  


ئەگەر بىر ئادەمبىرىنچى رەكئەتتە ئىمامغا، ئىمام تەكبىرلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن يېتىشكەنبولسا، ئۇ ئادەم ئېيتىشقا تېگىشلىك تەكبىرلەرنى ئىمام ئايەتلەرنى ئوقۇشقا باشلاپبولغان بولسىمۇ شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ھەتتا ئىمامرۇكۇ قىلغانغا قەدەر ئېيتالمىغان بولسا، ئىمام بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىدۇ ۋە تەكبىرلەرنىرۇكۇدا تۇرۇپ قوللىرىنى كۆتۈرمەستىن ئېتىدۇ.


ئەگەر بىر ئادەمھېيت نامىزىنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرەلمىگەن بولسا، ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ئۇرەكئەتنىڭ قازاسىنى قىلىشقا تۇرغاندا ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىدۇ.


قۇربان ھېيتنامىزىنىڭ خۇتبىسى


ھېيت نامىزىنىڭكەينىدىن ئىمامنىڭ ئىككى خۇتبە ئوقۇشى سۈننەتتۇر. ئىمام ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىلىقىدابىر قېتىم قىسقا بىر ۋاقىت ئولتۇرۋالىدۇ. بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداقدېدى: ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام (ھېيت كۈنلىرى) ئەۋۋەل ناماز ئوقۇيتتى.ئاندىن كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلەيتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خۇتبىنى سۆزلەپ بولۇپمۇنبەردىن چۈشۈپ ئاياللارنىڭ قېشىغا كېلەتتى ۋە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قولىغاتايىنىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلاتتى. بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېتىكىنىيېيىپ تۇراتتى. (شۇ چاغدىكى پېقىرلارغا سەدىقە قىلماقچى بولغان ئاياللار)سەدىقىسىنى ئۇنىڭ ئېتىكىگە تاشلايتتى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]   


ئىمام مۇنبەرگەچىققان ۋاقتىدا خۇتبە ئوقۇماستىن ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى، ئەسلىدە مۇنبەرگە چىققاندىنكېيىنلا مۇنبەردە ئولتۇرۇش مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇپ بولۇشىنى كۆتۈپ تۇرۇشئۈچۈندۇر. ئەمما ھېيت نامازلىرىنىڭ خۇتبىسىدە ئەزان ئوقۇلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىماممۇنبەرگە چىقىپلا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ.


بىرىنچى خۇتبىدەخۇتبىنى باشلاشتىن ئىلگىرى توققۇز قېتىم ۋە ئىككىنچى خۇتبىنىڭ بېشىدا يەتتە قېتىمئاخىرىدا ئون تۆت قېتىم  تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەبتۇر.


ھېيت كۈنلىرى قىلىشسۈننەت بولغان ئىشلار


قۇربان ھېيت كۈنىدەتاكى ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغانغا قەدەر بىر نەرسە يېيىلمەيدۇ.


ھېيت كۈنىدەيۇيۇنۇش، مىسۋاك قىلىش، خوش بوي نەرسە ئىشلىتىش، چىرايلىق كىيىم ـ كىچەك كېيىش،نامازغا كەلگىچە يولدا ئىچىدە تەكبىر ئېيتقاچ كېلىش ۋە خوش چىراي بولۇش سۈننەتتۇر.


بۇ ھەقتە ئىبنىئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنى قىزىلتون كىيەتتى. [بۇ ھەدىسنى تەبرانى رىۋايەت قىلغان]


ئىبنى ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى ھېيت كۈنلىرى ئەڭ چىرايلىقكىيىملىرىنى كېيەتتى، دېدى. [بۇ ھەدىسنى بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان]  


ئىبنى ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى ھېيت كۈنلىرى تاكى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە كەلگەنگەقەدەر يولدا تەكبىرنى ئاۋازلىق ئېتىپ كېلىدىغانلىقى ۋە (ئۇ يەرگە كەلگەندىنكېيىنمۇ) تاكى ئىمام كەلگەنگە قەدەر تەكبىر ئېيتىپ تۇرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى.[بۇ ئەسەرنى دارى قۇتنىي ۋە بەيھەقىي رىۋايەت قىلغان]


ھېيت نامىزىنىئوقۇشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تاكى ئۆيگە قايتىپ كەلگەنگە قەدەرنەپلە ناماز ئوقۇلمايدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى:پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزى ھېيت كۈنى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە چىقىپ ئىككى رەكئەتناماز ئوقۇپ بەردى. بۇ ئىككى رەكئەت نامازدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداقناماز ئوقۇمىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بىلالمۇ بار ئىدى. [بۇھەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان]


ھېيت كۈنى نامازغابارغان ئادەم نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن، كېلىشتە باشقا يول بىلەن ماڭىدۇ.بۇ ھەقتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيتكۈنىدە يولنى ئالماشتۇراتتى. (يەنى نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن، كېلىشتەباشقا يول بىلەن ماڭاتتى). [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىى رىۋايەت قىلغان]


ھېيت نامىزىغابارغىچە يولدا تەكبىرلەر ئاۋازلىق ئېيتىلىدۇ ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدىن باشلاپ تاكىئون ئۈچىنچى كۈنىنىڭ (يەنى زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈندىن ئون ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئۈچكۈن) ئەسىر نامىزىغا قەدەر ھەر پەرز نامازىنىڭ كەينىدىن تەكبىر ئېيتىش بالاغەتكەيەتكەن ھەر بىر كىشىگە ۋاجىپتۇر. بۇ تەكبىرلەرنى ئېيتىش ھەققىدە اﷲ تائالا مۇنداقدېدى: "ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە) اﷲ نى ياد ئېتىڭلار (يەنىنامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار) "[سۈرە بەقەر 203 ـ ئايەتنىڭبىرقىسمى]


"كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋىي)مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) اللەئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى اللەنىڭنېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) اللەنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىققىلسۇن". سىلەر قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار"[سۈرە ھەج 28 ـ ئايەت]  


ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ (ھەر نامازنىڭ كەينىدىن ئېيتىلىدىغان) تەكبىرنى قۇربان ھېيت كۈنىنىڭبامدات نامىزىنىڭ كەينىدىن باشلاپ تاكى ئون ئۈچۈنچى كۈنىنىڭ ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپبولغانغا قەدەر داۋام قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى. [بۇ ئەسەرنى ئىبنى ئەبۇشەيبەرىۋايەت قىلغان]


تەكبىر مۇنداقئېيتىلىدۇ: ئەللاھۇ ئەكبەر. ئەللاھۇ ئەكبەر. لا ئىلاھەئىللاللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر. ئەللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىل ھەمدۇ.


يەنى ئىككى قېتىم"ئەللاھۇ ئەكبەر" دەپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم "لا ئىلاھەئىللاللاھۇ" دېيىلىدۇ. ئاندىن يەنە ئىككى قېتىم "ئەللاھۇ ئەكبەر"دېيىلىدۇ. ئەڭ ئاخىردا "ۋە لىللاھىل ھەمدۇ" دېيىلىدۇ. بۇ تەكبىرنىجاراڭلىق ئېيتىش ۋاجىپتۇر. شۇنداق قىلىشنى سۈننەت دېگەن قاراشمۇ بار. ئەمما ئايالكىشى تەكبىرنى ئىچىدە ئېيتىدۇ.


تەكبىرنى بۇ شەكىلدەئېيتىش ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر.




ئۇيغۇر ھاۋارايى تورى تەمىنلىدى: http://www.hawarayi.com/bbc/forum.php


شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ 2012-يىللىق قۇربان ھېيت ناماز ۋاقتى(پايدىلىنىش ۋاقىت جەدۋىلى)


ئەسكەرتىش: ۋاقىتلارھەر بەش مىنۇتنى بىر بىرلىك قىلىپ پۈتۈنلەندى، ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ۋاقتى كۈنچىققان ۋاقتتىن تەخمىنەن 50 مىنۇت كېيىن قىلىپ تەڭشەلدى.بۇ پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈنسۇنۇلدى. ھەر قايسى رايونلار ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن نامازۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشىسە بولىدۇ، چۈنكى ھېيت نامىزىنى كۈن تىكلەنگۈچىلىك ئوقۇسابولىدۇ. ھېيت نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالمىغان تورداشلارنىڭ كۈن تىكلىنىش ۋاقتىغائالاھىدە دىققەت قىلىشىنى سۇرايمىز



.



شەھەر،ناھىيە



كۈن چىقىش ۋاقتى



 ھېيىت ناماز ۋاقتى



كۈن تىكلىنىش ۋاقتى



ئۈرۈمچى



6:38



7:30



11:54



تۇرپان



6:30



7:20



11:48



پىچان



6:26



7:15



11:44



توقسۇن



6:32



7:25



11:50



قۇمۇل



6:12



7:05



11:31



باركۆل



6:16



7:10



11:33



ئاراتۈرك



6:09



7:00



11:26



سانجى



6:42



7:30



11:55



فۇكاڭ



6:37



7:30



11:53



قۇتۇبى



6:41



7:30



11:57



ماناس



6:44



7:35



11:59



گۇچۇڭ



6:30



7:20



11:47



جىمسار



6:32



7:25



11:48



مورى



6:27



7:20



11:44



بورتالا



7:02



7:50



12:17



جىڭ



6:58



7:50



12:13



ئارىشاڭ



7:06



7:55



12:20



كورلا



6:41



7:30



12:00



بۈگۈر



6:48



7:40



12:07



لوپنۇر



6:39



7:30



11:59



چاقىلىق



6:29



7:20



11:52



چەرچەن



6:38



7:30



12:02



قارا شەھەر



6:39



7:30



11:58



خېجىڭ



6:37



7:30



11:59



خوشۇت



6:39



7:30



11:57



باغراش



6:39



7:30



11:58



ئاقسۇ



7:03



7:55



12:23



ئونسۇ



7:07



7:55



12:27



كۇچا



6:50



7:40



12:12



شايار



6:53



7:45



12:13



توقسۇ



6:54



7:45



12:14



باي



6:58



7:50



12:17



ئۈچتۇرپان



7:07



8:00



12:27



ئاۋات



7:02



7:50



12:23



كەلپىن



7:07



7:55



12:28



ئاتۇش



7:18



8:10



12:40



ئاقتۇ



7:17



8:10



12:41



ئۇلۇغچات



7:22



8:10



12:44



قەشقەر



7:17



8:10



12:41



كونىشەھەر



7:19



8:10



12:41



يېڭىشەھەر



7:18



8:10



12:41



يېڭىسار



7:17



8:10



12:40



پوسكام



7:11



8:00



12:36



يەكەن



7:11



8:00



12:35



قاغىلىق



7:10



8:00



12:35



مەكىت



7:11



8:00



12:34



يوپۇرغا



7:15



8:05



12:37



پەيزاۋات



7:15



8:05



12:37



مارالبېشى



7:08



8:00



12:30



تاشقورغان



7:19



8:10



12:44



خوتەن



6:58



7:50



12:25



قاراقاش



6:59



7:50



12:26



گۇما



7:05



7:55



12:31



لوپ



6:57



7:50



12:24



چىرا



6:56



7:45



12:21



كېرىيە



6:52



7:40



12:17



نىيە



6:48



7:40



12:14



غۇلجا



7:03



7:55



12:19



كۈيتۈن



6:49



7:40



12:04



غۇلجا ناھىيەسى



7:02



7:55



12:18



چاپچال



7:04



7:55



12:20



قورغاس



7:05



8:05



12:21



توققۇز تارا



6:59



7:50



12:16



كۈنەس



6:54



7:45



12:11



موڭغۇلكۈرە



7:02



7:50



12:20



تېكەس



7:00



7:50



12:17



نىلقا



6:58



7:50



12:15



چۆچەك



7:01



7:50



12:13



شىخۇ



6:51



7:40



12:06



دۆربىلىجىن



6:58



7:50



12:10



ساۋەن



6:46



7:40



12:02



تولى



6:57



7:50



12:10



چاغانتوقاي



7:02



7:55



12:15



قوبۇقسار



6:50



7:40



12:02



ئالتاي



6:43



7:35



11:52



بۇرچىن



6:47



7:35



11:57



كۆكتۇقاي



6:44



7:35



11:55



بۇرۇلتۇقاي



6:44



7:35



11:55



قابا



6:50



7:40



11:59



چىڭگىل



6:31



7:20



11:43



جېمىنەي



6:51



7:40



12:01



قاراماي



6:51



7:40



12:04



جەرەنبۇلاق



6:50



7:40



12:03



مايتاغ



6:49



7:40



12:05



شىخەنزە



6:45



6:35



12:00



ئارال



6:58



7:50



12:19



تۇمشۇق



7:04



7:55



11:25




ئۇيغۇر ھاۋارايى تورى تەمىنلىدى: http://www.hawarayi.com/bbc/forum.php


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kahar42 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-24 08:07 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TaRKiN + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 07:32:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگەئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 07:36:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ئاللاھ ئەجىرىڭزنى بەرسۇن،سىزنىڭ سەۋەبىڭىز بىلەن ئەتە روزا تۇتىدىغانلار  يەنە بىر قاتلىنىدىغان بولدى،مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85781
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 396
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2012-10-6
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 07:44:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلەندىم،گەرچە قىز-ئاياللارغا بۇنداق نامازلارغا قاتنىشىش شەرىپى بولمىسىمۇ،لىكىىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېمىلاردىن پايدىلىنىپ،كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالالايدىكەنمىز،ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.
چىن كۆڭلىمدىن كىلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيتىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.

nap~rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 07:52:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 07:56:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 07:57:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap~rat يوللىغان ۋاقتى  2012-10-24 07:52 PM
قاراقاشنىڭ خاتا بولۇپ قاپتۇ ، خوتەن بىلەن قاراقاشنىڭ ئ ...


ئىمزايىڭىزنى ئاخىرى ئۆزگەرتىپسىز قېرىندىشىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شرئەلى118 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-24 07:58 PM  


يۇقالسۇن ئاجىزل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17341
تۆھپە نۇمۇرى: 2009
توردا: 2012 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 08:09:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap~rat يوللىغان ۋاقتى  2012-10-24 07:52 PM
قاراقاشنىڭ خاتا بولۇپ قاپتۇ ، خوتەن بىلەن قاراقاشنىڭ ئ ...

ئالتە  7 بوپ قاپتىكەن تۈزىتىپ قويدۇم

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 09:23:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . اللە كۆپ ئەجىرلەر ئاتا قىلغاي ، امىن !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

كامىل يۇۋاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8121
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1731 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-24 09:25:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ  ئىسىل ياخشى يىگىت كەنسىز  ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن  ،،

كامىل،يۇۋاش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش