iPhone 4s نىڭ يېڭى ياكى يېڭىلانغان ئىكەنلىكى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى
iPhone 4s\iPhone 4 نىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر iPhone 4s\iPhone 4 نى سېتىۋېلىشقا باشلىدى. كىشىلەرنىڭ بۇ قىزغىنلىقىنى كۆرگەن ھاياسىز سودىگەرلەر باشقىلاردىن ئەرزان باھادا سېتىۋالغان ياكى بۇزۇلغان iPhone 4s\iPhone 4 لارنىڭ تاشقى قېپىنىلا ئۆزگەرتىپ ئۇنى يېڭى iPhone 4s\iPhone 4 لار بىلەن ئوخشاش باھادا ساتماقتا، نۇرغۇن دوستلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ يېڭى iPhone 4s\iPhone 4 نىڭ پۇلىغا كونا، ئىشلەتكەن، سۈپەت كاپالىتى يوق بولغان iPhone 4s\iPhone 4 لەرنى سېتىۋالماقتا. بۇ يازمىدا بىز قانداق قىلىپ بىز سېتىۋالماقچى بولغان iPhone 4s\iPhone 4 نىڭ يېڭى ياكى يېڭىلانغان iPhone 4s\iPhone 4 ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.
بىرىنچى قەدەم: يانفوننىڭ قېپىنى ئاچقاندىن كېيىنكى پۇراق نۇرغۇنلىغان دوستلار iPhone 4s\iPhone 4 سېتىۋالغاندا نۇرغۇنلىرى iPhone 4s\iPhone 4 نىڭ ئەسلى بولاق (زاۋۇت بولىقى) بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئەسلىي بولاق بولمىسا بۇ تېلېفوننىڭ يېڭىلانغان بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، لېكىن ئىستېمالچىلار بىر نۇقتىغا سەل قارىغان بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ نۇرغۇنلىغان ھاياسىز سودىگەرلەرمۇ يانفوننى ئەسلىي بولاققا ئوخشاش بولىيالايدۇ، شۇڭا بولاقنىڭ ئەسلىي ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ يانفوننىڭ يېڭى ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. لېكىن بولاقنىڭ ئاچقاندىن كېيىنكى پۇراققا قاراپ يانفوننىڭ يېڭى ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. مەيلى شياڭگاڭ مىلى بولسۇن، مەيلى ياۋروپا مىلى بولسۇن ياكى چوڭ قۇرۇقلۇق مىلى بولسۇن ھەممىسىدە يېڭى يانفون بولىقىنى ئاچقاندا بىر خىل ئىنتايىن سۇس بولغان ساندال ياغىچى پۇرىقى بولىدۇ، لېكىن يېڭىلانغان يانفون بولىقىنى ئاچقاندا بىر خىل خىمىيىلىك بۇيۇملار پۇرىقى كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يانفون قېپىنى ئاچقاندىن كېيىن زاپچاسلارنىڭ تولۇق ئىكەن ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەسكەرتىش: ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى iPhone 4s\iPhone 4 دا كارتىنى چىقىرىدىغان يىڭنە بولمايدۇ، ھەرقايسى نۇسخىلارنىڭ زەرەتلىگۈچىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئىككىنچى قەدەم: يانفوننىڭ ئىنچىكە نۇقتىلىرىغا دىققەت قىلىش كېرەك. يانفوننى قولغا ئالغاندىن كېيىن يانفوننىڭ تىڭشىغۇچ ئېغىزىغا تىڭشىغۇچ سالغان ئىز، ۋىنتىلارنىڭ بوشاتقان ئىزنىڭ بار يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا iPhone 4s\iPhone 4 دا كارتا قاچىلىغۇچىدا يانفوننىڭ IMEI نومۇرى بولغان بولىدۇ. سېتىۋالغۇچى دوستلار بۇ نومۇرنىڭ كۆچۈۋېلىپ يانفوننى ئاچقاندىن كېيىن نومۇر بۇراش كۆزنىكىدە #06#* نى كىرگۈزۈپ، چىققان نومۇر بىلەن كۆچۈرۈۋالغان نومۇرنىڭ ئوخشاش ياكى ئەمەسلىكىنى سېلىشتۇرۇش لازىم.
ئۈچىنچى قەدەم: زاپچاسلارنى تەكشۈرۈش iPhone 4s\iPhone 4 نىڭ ئەسلىي سانلىق مەلۇمات سىمىدا جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلدى دېگەن خەتنىڭ ئىنگلىزچىسى يېزىلغان بولىدۇ، ئەسلىي تىڭشىغۇچىدىمۇ ئوخشاش ئىنگلىزچە خەت يېزىلغان بولىدۇ. iPhone 4s\iPhone 4 نىڭ كارتا چىقىرىدىغان يىڭنىسىگە قاراپ پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، ئۇسۇلى: يالغان يىڭنىدە ئولتۇرۇشقان بىر نۇقتا بولىدۇ، لېكىن ئەسلىسىدە ئۇنداق نۇقتا بولمايدۇ، ئەسلىسىدە TAIWAN ياكى CHINA دېگەن خەت بولىدۇ، ئەستايىدىل قاراش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسلىي زەرەتلىگۈچ ئىنتايىن سىلىق، يۇمىلاق كېلىدۇ، بارماق بىلەن سىلىغاندا ھېچقانداق ئىنتايىن سىلىق تۇيغۇ بېرىدۇ، زەرەتلىگۈچكە بېسىلغان خەتمۇ ئىنتايىن ئوچۇق بولىدۇ.
تۆتىنچى قەدەم: يانفوننى ئېچىپ تەكشۈرۈش پۈتۈنلەي يېڭى iPhone 4s\iPhone 4 قوزغالغاندىن كېيىن بىۋاسىتە سىستېمىغا كىرمەيدۇ، بىر قاتار تەڭشەشلەردىن كېيىن ئاندىن سىستېمىغا كىرىدۇ، بۇنىڭدىن يانفوننىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇلغان ياكى ئاكتىپلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر سېتىۋالغان يانفونىڭىز بىۋاستە قوزغالسا بۇ يانفون چوقۇم پۈتۈنلەي يېڭى يانفون ئەمەس.
بەشىنچى قەدەم: يانفوننىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇلغان ۋاقتىنى تەكشۈرۈش iPhone 4s\iPhone 4 نىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇلغان ۋاقتىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، ئالمىنىڭ ئىگە تەرەپ تورىدىن تەكشۈرۈش ئۇسۇلى: ئاۋۋال ئالمىنىڭ ئىگە تەرەپ تورىغا(www.apple.com) كىرىپ، Support نى بېسىپ ئىككىنچى رەسىمدىكىدەك كۆزنەككە كىرىمىز. ئۇنىڭدىن قىزىل سىزىلغان ئۇلىنىشنى چېكىپ ئۈچىنچى رەسىمدىكىدەك كۆزنەككە كىرىمىز. كىرگۈزۈش كۆزنىكىگە يانفوننىڭ IMEI نومۇرىنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرسەك يانفوننىڭ ئاكتىپلانغان ۋاقتى چىقىدۇ.
يۇقىرىقى قەدەم-باسقۇچ ئارقىلىق ئالما تېلېفونلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يىڭى تېلېفون ياكى يېڭىلانغان تېلېفون ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ------------------------------------------------------ ئەڭ يىڭى يانفون ئۇچۇرى، باھاسى، IT مەھسۇلاتىلىرى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز مىكروئۇچۇر(微信) ئارقىلىق تۆۋەندىكى «يۇلتۇز سىفىرلىق مەھسۇلاتلىرى» توپى كودى
نى سىكانېرلاپ ياكى Jewlan_yultuz نى ئىزدەپ قوشۇپ ئېرىشىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا umudur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-24 02:45 PM
|