|
|
|
|
بۈگۈن ھىجرىيە— 1433-12-7-كۈنى «زۇلھەججە ئېيى». مىلادىيە 2012-10-23-كۈنى «ئۆتەبىر ئېيى».بارچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ مۇقەددەس قىبلىسى بولغان كەبە «بەيتۇللاھ» ئورۇنلاشقان مۇبارەك ماكان مەككە شەھرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى شەھەر-يېزا، چەت-بۈرجەكلىرىدىن كەلگەن مىليۇنلىغان ھاجىلارنىڭ تەكبىر سادالىرى بىلەن ياڭرىماقتا !!!
لەببەيك ئاللاھۈممە لەببەيك، لەببەيك لاشەرىكە لەكە لەببەيك !!!
ئىننەل ھەمدە، ۋەننىئمەتە لەكە ۋەلمۇلك، لاشەرىكەلەك !!!
(ئەزىز تورداشلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن ساقلىۋالغان رەسىملەرنى ھېيىتلىق سوغا سۈپىتىدە يوللاپ قويدۇم)
ھاجىلارنىڭ، پەرىز ھەجنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىدىن مىنا تېغىغا كېتىۋاتقان كۆرۈنىشى .
ھاجىلارنىڭ، مىنا تېغىدا تۇرۇشى ئۈچۈن تەييارلانغان چېدىر-خەيمىلار كۆرۈنىشى.
ھاجىلارنىڭ، مىنا تېغى بىلەن ئەرەفات تېغى يوللىرىدىكى كۆرۈنۈۈشلىرى .
مۇزدەلىفە مەسجىدى—مىنا تېغى بىلەن ئەرەفات تېغى ئوتتىرىسىغا توغرا كېلىدۇ .
ئەرەفات تېغى—ھاجىلار بىر كېچە-كۈندۈز ئىبادەت بىلەن تۇرىدىغان مۇقەددەس ئورۇن .
ئەرەفاتتا — بىر كېچە تۇرۇپ قايىتقان ھاجىلار، مىناغا كېلىپ شەيتانغا تاش ئاتجان كۆرۈنىشى .
ھاجىلار، ئىنسانلارنىڭ ئاشكارە دۈشمىنى بولغان لەنىتى شەيتانلارغا غەزەپ-نەپرەت تاشلىرىنى ئېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەيتانغا قەتتى ئەگەشمەكلىك قەسەمياتلىرىنى تەكرارلىغاچ مەككىگە كېلىپ بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلغان كۆرىنىشى.
جىلارنىڭ، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سەفا-مەرۋە ئوتتۇرسىدا يۈرىشى .
ھاجىلارنىڭ، مەككىدىكى ھەج پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەدىنە زىيارىتى ئۈچۈن يولغا چىقىشلىرى .
مېھرىبان ئاللاھتىن، بارچە مۇئىمىن-مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامدىكى بەش پەرىزنىڭ بىرى بولغان ھەج ئىبادەتلىرىمىزنى تۇلۇق ئادا قىلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلىشىنى تىلەيمىز.
ئۇلۇغ-قۇدرەتلىك ئاللاھ، بارچە مۇسۇلمانلارنى بۇ مۇبارەك-مۇقەددەس ماكانلارنى زىتارەت قىلىشغا مۇيەسسەر قىلسۇن ئامىن ...!!!
ئاخىردا تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز—زۇلھەججىنىڭ 9-كۈنى «ئەرەفە» كۈنىدىكى رۇزا تۇتۇش ئىبادىتىنى ھەرگەىز قولدىن بەرمەڭ. چۈنكى بۇ كۈننىڭ رۇزىسى ئىككى يىللىق گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم بۇلىشىغا كاپالەت بۇلىدۇ!!!
مۆلجەرلىدىن — سالام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا möljarli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-24 12:26 AM
|
|
|
|
|
|