1.قۇربانلىق دىگەن نىمە؟
قۇربان ھىيت كۈنلىرى مەلۇم ھايۋانلارنى بوغۇزلاش ئارقىلىق قىلىنغان ئىبادەت
‹‹قۇربان›› ياكى ‹‹قۇربانلىق››دەپ ئاتىلىدۇ.
2.نىمە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىمىز؟
‹‹رەببىڭ ئۈچۈن ناماز ئۆتىگىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن››
-كەۋسەر سۈرىسى 2-ئايەت
‹‹ھەر ئۈممەت ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋىلارنى (بوغۇزلىغاندا)
ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېتسۇن دەپ ،ئۇلارغا قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق››
-ھەج سۈرىسى 34-ئايەت
‹‹ئاللاھنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يەڭلار ۋە
پىقىر-يوقسۇللارغا يىگۈزۈڭلار››-ھەج سۈرىسى 28-ئايەت
قۇربانلىق قىلىش ئىسلامىيەتتىنمۇ بۇرۇن بار ئىدى.ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ئوغلى
ئىسمايىل ئەلەيھىسالامنىڭ ئورنىغا ئاللاھ ئەۋەتكەن قوشقارنى قۇربانلىق قىلغان
ئىدى.{ئى ئىبراھىم!(ھېلىقى) چۈشۈڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ يەنى چۈشۇڭدە
بۇيرىغاننى بىجا كەلتۈردۈڭ.بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق
مۇكاپاتلايمىز.بۇ ھەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر.بىز ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭ بىر
قۇربانلىقنى بەردۇق-ساففات سۈرىسى 102-107-ئايەت}ئىبراھىم ئەلەيھىسالامدىن
باشلاپ بارلىق پەيغەمبەرلەر بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلغان ۋە ئۈممىتىگە ئۆگەتكەن
ئىدى.
قۇربانلىق قىلىش ۋاجىپتۇر{ۋاجىپ-ئادا قىلىنىشى ئەمىر قىلىنغان ئىبادەتتۇر.
مەسىلەن:ھىيت نامىزى ئۇقۇش،رامىزان ئېيىدا پىقىر سەدىقىسى بىرېش.قۇربانلىق
قىلىش ۋاجىپتۇر}
ئەقلى ھوشى جايىدا،بالاغەتكە يەتكەن،ھۆر-ئەركىن،تۇرغان يىرىدە ياشاۋاتقان
(سەپەردە ئەمەس)،دىنىدا باي ھىسابلىنىدىغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قۇربانلىق
قىلىشى ۋاجىپتۇر.
3.قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلار:
كىچىك ھايۋانلاردىن قوي بىلەن ئۆچكە چوڭ ھايۋانلاردىن كالا بىلەن تۆگىنى
قۇربانلىق قىلغىلى بولىدۇ.
بىر ياشقا كىرگەن قوي- بىر كىشى ئۈچۈن قۇربانلىق بولىدۇ.
بىر ياشقا كىرگەن ئۆچكە- بىر كىشى ئۈچۈن قۇربانلىق بولىدۇ.
ئىككى ياشقا كىرگەن كالا- بىر كىشىدىن يەتتە كىشىگىچە بىرلىشىپ قۇربانلىق
قىلسا بولىدۇ.
بەش ياشقا كىرگەن تۆگە- بىر كىشىدىن يەتتە كىشىگىچە بىرلىشىپ قۇربانلىق
قىلسا بولىدۇ.
قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلار –ساغلام بولىشى،قارىغۇ ياكى چىشى چۈشۈپ
كەتكەندەك قۇربانلىق قىلىشقا توسقۇن بولىدىغان بىرەر ئەيىپى بولماسلىقى كېرەك.
4.قۇربانلىق مال قانداق بوغۇزلىنىدۇ؟
1.قۇربانلىق مال بىرەر يىرى ئاغرىمىغان ھالدا بوغۇزلىنىدىغان يەرگە ئېلىپ
كىلىنىدۇ.
2.قىبلىگە قارشى سول تەرىپىنى بېسىپ ياتقۇزۇلۇپ ،پۇتلىرى باغلىنىدۇ.
3.تەشرىق تەكبىرى ئېيتىلىدۇ.
تەشرىق تەكبىرى-ئاللاھۇ ئەكبەر،ئاللاھۇ ئەكبەر،لائىلاھە ئىللالاھۇ ۋاللاھۇ
ئەكبەر،ئاللاھۇ ئەكبەر ۋە لىللاھىل ھامد
مەنىسى-ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر،ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر،
ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر، ئاللاھ ئەڭ بۈيۈكتۇر،بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر.
4.مۇھەممەت ئەلەيھىسالام قۇربانلىقنى ‹‹بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەر››دەپ
بوغۇزلايتى.شۇڭا بىزمۇ ‹‹بىسمىللاھى ئاللاھۇ ئەكبەر›› دەپ بوغۇزلايمىز.
قۇربانلىق مالنى بوغۇزلىغاندا ‹‹شۈبھىسىز،مىنىڭ نامىزىم،ئىبادەتلىرىم،
ھاياتىم ۋە ئۆلۈمىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر.››دەپ دۇئا قىلىش
سۈننەتتۇر.{سۈننەت-پەيغەمبىرىمىز پەرىز ۋە ۋاجىپ ئىبادەتلىرىدىن باشقا
ئادا قىلغان ۋە بىزنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلغان ئىشلاردۇر.}
قۇربانلىق مالنى ئىگىسىنىڭ بوغۇزلىشى ئەڭ مۇۋاپىقتۇر.ئۆزى بوغۇزلىيالمىسا،
بۇغۇزلىيالايدىغان بىرەيلەنگە بوغۇزلاتسىمۇ بولىدۇ.بۇ ئەھۋادا ئۆزى بېشىدا قاراپ
تۇرسا ۋە دۇئا قىلسا كۆپ ساۋاپ بولىدۇ.
5.قۇربانلىق مال بوغۇزلىغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك؟
1.قۇربانلىق ھايۋاننى بوغۇزلاشنى بىلىدىغان كىشىلەر بوغۇزلىشى كېرەك.
2.قۇربانلىق مال قىينالماسلىقى،مۇمكىن بولسا كۆزىنى تىڭىپ،پۇتىنى باغلاپ
قۇيۇش كېرەك.
3.ئىتتىك پىچاق بولىشى كېرەك.{مۇھەممەت ئەلەيھىسالام قۇربانلىق مالنىڭ
قىينىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىز ئۈممەتلەرگە قۇربانلىق مالغا پەقەت بىرلا
قېتىم پىچاق سۈرۈشنى ئەمىر قىلغان}
4.مال بوغۇزلانغان مۇھىتنى پاسكىنا قىلماسلىق كېرەك.
6.قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنى قانداق تەقسىم قىلىمىز؟
قۇربانلىق مالنىڭ گۆشى ئادەتتە ئۈچ ئۆلۈشكە ئايرىلىدۇ.
1.بىر ئۆلۈشى نامراتلارغا تارقىتىلىدۇ.
2.بىر ئۆلۈشى ئۇرۇق –تۇغقانلارغا،قۇلۇم-قۇشنىلارغا ۋە مېھمانلارغا بېرىلىدۇ.
3.بىر ئۆلۈشىنى ئۆيدىكىلەر يەيدۇ.
قۇربانلىق قىلغۇچى خالىسا ،گۆشنىڭ ھەممىسىنى نامراتلارغا تارقىتىپ بەرسىمۇ
بولىدۇ.
7.قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسىنى قانداق قىلىمىز؟
1. .قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى زاكات بېرىلىدىغان كىشىلەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىشكە بولىدۇ.
ئاللاھتائاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
‹‹زاكات پەقەت پېقىرلارغا،مىسكىنلەرگە،زاكات خادىملىرىغا،دىللىرىنى ئىسلامغا
مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا،قۇللارنى ئازاد قىلىشقا ،قەرىزدارلارغا،ئاللاھ
يولىدا ئىشلىگۈچىلەرگە ۋە يولدا قالغان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ.بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن
بېكىتىلگەن پەرىزدۇر.ئاللاھ(بەندىلىرىنىڭ مەنپەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر.ھىكمەت
بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.››-تەۋبە سۈرىسى 60-ئايەت
بايلارغا،مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە،بىقىش مەجبۇرىيىتى بولغان كىشىلەرگە{ئاتا-ئانا،
چوڭ ئانا،چوڭ دادا،بالا-ۋاقا،نەۋرە چەۋرىلەر)،مەكتەپ،دۇختۇرخانا،جامى
{مەسجىت}،يول،كۆۋرۈك قاتارلىق يەرلەرگە زاكات بەرگىلى بولمايدۇ.
-ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە زاكات بېرەلمەيدۇ.
-بىر تۇغقانلار،ھامماچا،تاغا(ئانىسىنىڭ ۋە دادىسىنىڭ بىر تۇغقانلىرى)،بىر
تۇققىنىنىڭ باللىرى قاتارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلارغا زاكات بەرگىلى بولىدۇ.
2.مەسجىت-جامى مەكتەپ قاتارلىق يەرلەرگە ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا
بېرىشكە بولىدۇ.
3.دىنىمىز راۋا كۆرمىگەن يەرلەرگە بېرىش توغرا ئەمەس.{مەسىلەن-ئۆزى نامرات
بولسىمۇ ئەمما ھاراقكەش،قىماۋاز،ئوغرى،بۇلاڭچى ۋە ئەلنىڭ قاغىشىغا كەتكەن
كىشىلەرگە بېرىشكە ھەم ھاجىتىدىن چىققۇچىغا پارە ئورنىدا بېرىشكە بولمايدۇ}
8.قۇربانلىق سويغۇچىغا ئەجىر
قۇربانلىق سويغۇچىغا ئەجىر بېرىشكە بولمايدۇ.ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق
دىگەن:‹‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مىنى ئۆزىنىڭ قۇربانلىقىنى قىلىشقا،گۆش،تېرە،
يۇڭلىرىنى سەدىقە قىلىشقا،سويغۇچىغا ئۇنىڭدىن بىر نەرسە بەرمەسلىككە بۇيرىدى
ۋە :ئۇنى ئۆزىمىز رازى قىلىمىز،دېدى››
{-مۇسۇلمانلارنىڭ يولى464-بەت.بىرلىككە كەلگەن ھەدىستىن}
سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ-ئادەم بالىلىرىنىڭ قۇربان ھېيت كۈنى
ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن قىلغان ئەڭ ياخشى ئىبادىتى قۇربانلىق قىلىشتۇر.
بۇغۇزلانغان قۇربانلىقنىڭ قىنى يەرگە چۈشە-چۈشمەيلا ،قۇربانلىق قىلغۇچى
ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يۈكسەك بىر مەرتىۋىگە ئېرىشىدۇ.شۇڭا قۇربانلىقنى
خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار.
ئۇيغۇرلار ئادەتتە قۇربان ھېيىتتا تۇغۇلغان بالىغا ‹‹قۇربان،قۇرباننىسا››دەپ
ئىسىم قويىدۇ.
{نىسا-ئەرەپچە سۆز بولۇپ قىز دىگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ}
پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!
توپلاپ،رەتلىگۈچى-ئۇيغۇرئاي~25
مەنبە- ئاساسى قىسمى ناماز (ئىبادەتلىرىمنى ئۆگىنىمەن) ناملىق كىتاپتىن
ئېلىندى.
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى