مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5184|ئىنكاس: 50

پاشىنى زەمبىرەك بىلەن يوقىتىش توغرىمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىنىمنىڭ ئۇستۇن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34992
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8429
تۆھپە نۇمۇرى: 208
توردا: 3830 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 09:26:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                  پاشىنى زەمبىرەك بىلەن يوقىتىش توغرىمۇ


    مۇشۇ كەمنىڭ بالللىرى راستىنلا پۇۋلىسە ئۇچۇپ كەتكۇدەك نازۇكلىشىپ كىتىپتۇ .خىمىيۋى ئوغۇتتا نەچچە مىڭ قىتىم مىلىنىپ كەتكەن سەي-كۆكتاتلارنى يەۋىرىپ ،بىر چۇشكۇرۇپ قويسا پوتلىسى چۇۋۇلۇپ كىتىۋاتقان .مىنىڭ سىڭلىممۇ شۇنىڭ قاتارىدىن كەم ئەمەس .شۇنداق پەپىلەپ چوڭ قىلغىنىمىزغا چۇشلۇق ، يىگىنى ئىچكەندەك -سوقا سەندەلدەك بىرى بولمىدى .يىزا قىشلاقلاردا ،كالتا ئىشتان ، يالاڭ ئاياغ گۇر-گۇر يامغۇردا ئىرىقتا لاي سۇ ئويناپ يۇرگەن باللارمۇ ، بىزنىڭ باللىرىمىزغا ئوخشاش ئاش-نان يەپ چوڭ بولىدۇ بولمىسا .
   تىخى نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا ، سىڭلىم قاتتىق قىززىپ كەتتى .ئەسلى سىڭلىم بىرھەپتە بۇرۇنلا زۇكامداپ قالغانىدى . مەن دورا ئىچمەي ئۆزلىكىدىن ساقايسۇن دەپ دوختۇرخانىغا بارغۇزمىغانىدىم .نەدىكىنى ،ئىمۇنىنىت كۇچىدىن تۆۋەنلىكىدىن  ساقايماقتىگۇل ، ئەگەشمە كىسەللىكلىرى كۆرۇلۇشكە باشلىدى .ئامال يوق .مەھەللىمىزدىكى ئامبۇلاتورىيەگە ئىلىپ چۇشتۇم .ئەمما مەسئۇل دوختۇر ئۆيىدە ئىش چىقىپ قىلىپ كىسەل كۆرمىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 2-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپاردىم .نۇمۇر ئىلىش كۆزنىكىنىڭ ئالدىدىكى ئۆچىرەتنىڭ ئۇزۇنلىقىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ .15مىنۇت كەم ،ساق 2سائەت ساقلاپتمەن .مىڭ تەسلىكتە نۇمۇر ئىلىپ مەسئۇل دوختۇرنىڭ يىنىغا باردۇق .دوختۇر :
-كىم كىسەل كۆرسىتىدۇ ؟-دىدى . مەن سىڭلىمنى ئىشارەت قىلدىم .دوختۇر كىسەل كۆرسىتىش تارىخى دىگەن دەپتەرگە بىرمۇنچە خەنزۇچە خەتلەرنى يازدى ۋە :
-مۇشۇ بويىچە تەكشۇرتۇپ، ئاندىن نەتىجىسى چىققاندا يىنىمغا كىرىڭ - دىدى .دەپتەردىكى خەتلەرنى كۆرۇپ كۆزۇم ئالىچەكمەن بولۇپ كەتتى .ئۆمۇچۈكنىڭ پۇتىدەك ئىمىر-چىمىر بىرخەتلەر .بولمىسا خەنزۇچە خەتتەك قىلاتتى . بىراق خەنزۇچىدىن ھەرھالدا خەۋىرىم بار . ئەمما يا خەنزۇچىغا يا ئوردۇچىغا يا قازاقچىغا ئوخشىمايدىغان ھەرخىل سىزىقلار ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوختۇردىن بۇنىڭ نىمە خەتلەر ئىكەنلىكىنى سورىدىم :
-دوختۇر ، بۇنىڭغا يازغىنىڭىز قايسى تەكشۇرۇشلەر ، مەن ئىنىق بىلەلمىدىم ؟-دىدىم. دوختۇر :
-ماۋۇ CTتەكشۇرىشى ، سىڭلىڭىزنىڭ ئۆپكىسىنى CT ئىلىپ، ئۆپكىدە ئىششىش ئەھۋالى كۆرۇلدىمۇ يوق ، شۇنى تەكشۇرتۇڭ ، ماۋۇ قان تەكشۇرۇش-قاننىڭ قۇيۇقلىقى-ئاق قان دانچىلىرى ئۆرلەپ كەتتىمۇ يۇق بۇلارنى تەكشۇرتۇڭ،ماۋۇ سۇيدۇك تەكشۇرىشى  ...
   ۋاي ئاللاھ ما ئىشلارنى كۆرۇڭ ، ھەممىسى تۆمۇر-تەسەك سايمانلارنىڭ تەكشۇرۇشلىرى ئىكەن .كىيىن دوختۇردىن تەكشۇرۇتۇش ھەقلىرىنى ھىساپلاتتىم .600يۇەن ئەتراپىدا بولىدىكەن .توۋا دەيمەن .بىر ئاددىغىنە زۇكامغا 600يۇەنلىك تەكشۇرۇش قىلسا ، يەنە قانچە پۇلغا ئۇكۇل دورا يازار ؟ دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلار كىسەللەرنى تۈمۇر -تەسەك سايمانلارغىلا يوللاپ بەرسە ، ئۇنداقتا دوختۇلارنىڭ ئۆزى زادى نىمە ئىش قىلىدۇ ؟ياكى دوختۇرلارنىڭ ئۇنچلىك سەۋىيەسى يوقمۇ  ؟ ياكى ئاشۇ تەكشۇرۇتۇش سايمانلىرى دوختۇرلارنى بىكار قىلدۇرالايدىغان دەرىجىدە ئىلغارلىشىپ، ھەرقانداق كىسەلنى داۋالىيالامدۇ ؟
   ئۆز گىپىمگە كىلەي ، يىرىم كۇن ئالتۇندەك ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ بىرمۇنچە ئاچچىق يۇتىۋالدىم .دوختۇرخانىدىن گەپمۇ قىلماي چىقىپ كىتىپ، ياندىكى دورىخانىدىن ئاددىغىنە 10 يۇەنگە زۇكام دورىسىنى سىتىۋالدىم .مانا قاراڭ 2 كۇندىن كىيىن سىڭلىم شىپپىدە ساقىيىپ كەتتى .مانا مۇشۇنداق ئاددى ئەمەسمۇ ؟  دوختۇرخانىلاردا نىمىشقا ھە دىسىلا قىممەت تەكشۇرۇشلەرنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ؟ ئويلاپ باقساق بولىدۇ ،يىزا-قىشلاقلاردا  بىرئۆمۈر دوختۇرخانا دەرۋازىنىڭ قاياققا قارايدىغانلىقىنى بىلەلمەي ئۆتۇپ كىتىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس . سەۋەبى نىمە ؟
    داۋالاش ۋە داۋالىنىش ئوتتۇرسىدىكى پەرقنىڭ نەقەدەر چوڭلىقىنىڭ ئىسپاتى . بىر ئاددىغىنە زۇكام بولۇپ قالغان بىمار 600يۇەنلىك تەكشۇرۇشنى قىلمىسا ، دوختۇر ئۇنىڭغا دىئاگىنۇز قويمايدىغان بۇ خىل ئەھۋالنى "پاشىنى زەمبىرەك بىلەن يوقىتىش" دەپ سۇپەتلىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ  .


               مەنبەسى : ئۆزۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tiwep تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-22 09:26 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Dakyanos + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم
nap~rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 09:51:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7173
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 806 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 10:10:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بۇندfق ئەھۋاللار مەۋجۇت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uygurjan09 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-22 10:11 PM  


ھەسرىتىمنى كىمگە ئېيتىمەن ،   بۇ دەردىمنى كىمدىن ئالىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 10:19:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى يىلى مەنمۇ يىشىغا توشمىغان ئوغلۇم يۆتىلىپ قالغاندا ، دوختۇرخانىغا ئىلىپ بارغانتىم ، دوختۇرنىڭ س ت دا تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بەك قورقۇپ كىتىپتىمەن ، بۇ ۋاقىتقىچە ھەتتا مەنمۇ س ت دا تەكشۈرتۈپ باقمىغانىدىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلۇم تۇغۇلغاندا ئۆپكىسى ئىچىلماپتۇ دەپ ئەينەكتە ھەپتە ياتقانىدى . مەن تېخى بالامنىڭ ئۆپكىسىدە مەسىلە بار ئوخشايدۇ دەپ يىغلاپ كىتىپتىمەن ، قىرىشقاندەك دوختۇرخانىدا ئادەم كۆپ بولغاچقا ئىككى كۈندە ئاران تەكشۈرتتۈم ، ئۈچىنچى كۈنى نەتىجە چىققۇچە بالامنىڭ يۆتىلى ، ئۆپكە ياللۇغىغا ئايلىنىپ كىتىپتۇ ، مەنمۇ بىكارغا ئىككى كۈن يىغلاپ يۈرۈپتىمەن تىخى . بەزى چوڭ دوختۇرخانىلاردىنچۇ ، تەجىربىسى مولراق دوختۇرلار بار شەخسى دوختۇرخانىلار ياخشىكەن

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80163
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3274
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 10:25:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 10:28:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاللىڭىز ئىشلەپ تەكشۈرۈتمەپسىز ..600كويلۇق تەكشۈرتۈپ يەنلا 5-6 كويلۇق زۇكام دورسى بېرەتتى ھەقچان ..بىراق تەكشۈرتۈكەنڭمۇ زىيىنى يوق ..ھىچ بولمغاندا خارتىرجەم بولدىغان گەپ ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12386
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1923 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 10:28:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغانلىرىڭىز ئەمەلىيەت،
دوختورخانىغا كىرگىنىڭىزدە دوختورلارنىڭ بىھۇدە تەكشۈرۈشكە يوللىشىدىكى سەۋەب 1.تەكشۈرۈشتىن كىرگەن كىرىم ساپ كىرىم بولوپ،ئاي ئاخىرىدا شۇ دوختورنىڭ تاپان ھەققىنى تىخىمۇ جىق ئىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ شۇڭا.
2.ئىھتىيانچانلىق ئۈچۈن،چۈنكى مۇشۇ كۈنلەردە كىسەللەر ئالاھىدە ھۇشىيار بولوپ قىلىپ تاساددىبىي بەزى كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلسە دوختورغا ئىششىغىلى ئاران تۇرىدۇ.شۇڭا زۆرۈر ۋە زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىنى قىلغاندا دوختورغا پايدىسى باركى قىلچە زىينى يوق،لىكىن زۆرۈر دەپ قارالمىغان تەكشۈرۈشلەرگە قاتناشتۇرماي تاساددىبىي ئەھۋال كۆرۈلسە دوختورغا شامال ئەمەس بوران تىگىدۇ.شۇڭا بىمارغا بەزى زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈشلەرگە يوللايدۇ.
3.دوختورلاردىكى ئۈنۋىرسال كەسپىي ساپا مەسىلى.ئىلگىرى بىر دوختور ھەر قانداق كىسەل كەلسە كۆرەتتى،كىسەل ئايرىماي داۋالايىتتى،ئىشقىلىپ ئاق خالات كىيگەن بىر دوختور،مەيلى تاشقى كىسەل بولسۇن مەيلى ئىچكى كىسەل ياكى ئاياللار ياكى بالىلار كىسەللىكلىرى بولسۇن ھەممىسىنى داۋالايىتى،لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس،ئىچكى كىسەل دوختورى پەقەت ئىچكى كىسەل داۋالايدۇ ،بالىلار كىسەللىكلىرى دوختورى پەقەت بالىلار كىسەللىكىنى كۆرىدۇ،ئىچكى،تاشقى،ئاياللار كىسەللىكى بىلەن كارى يوق.ھەم يۇقىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆلچىمىمۇ شۇ،يەنى مەخسۇس بۆلۈم مەخسۇس كىسەللىك.بۇ نۆۋەتتىكى سىياسەتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن.
لىكىن بۇنى دەپ تاپاۋەتچى تىۋىپنىڭ قىشىغا بارسىڭىز سىزدە يوق كىسەللەرنىمۇ تىپىپ بىرىدۇ.ئەركەك بولسىڭىز بۆرىڭىز ئاجىز،ئايال بولسىڭىز بالياتقۇ بوينى ياللۇغى،ياشتا چوڭراق بولسىڭىز قانغا ماي ئۆتىۋالغان،قان بىسىمى يۇقىرى بولىسىز،ئاشقازان ئاجىز،ئۆت ياللۇشى،سۆڭەككە سوغوق ئۆتىۋالغان ،بەدىنىڭىز سوۋوپ كەتكەن بولىسىز...
نىمىلا دىگەن بىلەن ئاساسەن بىمارلارغا زىيان بولىۋاتقىنى ئىنىق...
ئادەمنىڭ ئىچىنى قاينىتىدىغان ئىشلار جىق،بۇلار مەخپى پىتى قالغىنى،ئەڭ ياخشىسى كۆپچىلىكنىڭمۇ بىلمەي قالغىنى ياخشى،بولمىسا ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى يىرىم قىلىۋالغانغا چۇشلۇق ئىش يوق.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdukorax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-22 10:38 PM  


سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 10:42:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوختۇرغا بارغاندىن كىيىن  شۇ پۇل كېتىدىغان گەپكەن.بۈگۈن تەكشۈرتۈپ بىر مۇنچە داۋالىتىپ ساقايتىپ چىقىپ كەتسىڭىزمۇ ئەتە كىرسىڭىز يەنە بىرمۇنچە پۇلغا تەكشۈرىدىكەن،بىر بولسا تەكشۈرتمەي قولاقنى يۇپۇرۋالغان ياخشىكەن،بىرمۇنچە كېسەل چىقىرىپ ئادەمنى بىئارام قىلىپ ساق ئادەممۇ يۈرەك كىسەلكەنسىز ئۆت ياللۇغى باركەن،دىگەندەك كىسەللەرنى چىقىرىپ قويسا ئادەم تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كېسىلى ئېغىرلاپ كىتىدىغان گەپكەن.

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 10:46:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86182
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 727
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 264 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 10:47:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىگىچە چالا  سىستىرادىن بىرسى ماۋۇ تىمىغا قارشى ئىنكاس يازدۇ ، قاراڭلار ھە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش