ئاچچىق ھېسلار
رېئال تۇرمۇشىمىزدىكى يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئىشلار ئۆزىمىزگە بىلدۈرمەستىن ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى،كۆز—قاراشلىرىمىزنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ.كۆرىنىشىدىن بەزى چوڭ ئىشلارغا قارىغاندا بەزى كىچىك ئىشلارنىڭ تەسىرى ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ.رېئال تۇرمۇشىمىزدىكى ئەمەلىي ئشلار بۇ نوقتىنىڭ يېتەرلىك پاكىتى.
بۇ يىل ئىيۇل ئېيىنىڭ باشلىرىدا كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن دۆڭكۆۋرۈككە بېرىپ قايتاشىمدا ئاق مەسجىدتىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئولىشىۋالغانلىقىنى كۆردۈم.نېمە ئىش ئىكەنلىكىىنى بىلىپ باقاي دەپ قارىسام 30 ياشلار چامىسىدىكى ئىككى ئايال ھەقسىز يەلپۈگۈچ تارقىتىۋېتىپتۇ.كىچىك بالىلارمۇ،بوۋاي-مومايلارمۇ ئشقىلىپ چوڭ كىچىك ھەممەيلەن تالىشىۋېتىپتۇ.شۇئارلىقتا يولۇمغا ماڭاي دەپ تۇرسام ئالدىمغا بىرسى چۈشتى.مەنمۇ ھەقسىز يەلپۈگۈچكە ئېرىشكەنلىكىمگە خۇشال بولدۇم،بىراق جاھاندا نەدە ھەقسىز ئىش بار دەپ ئويلاپ سەل ئەجەبلەندىم.دەرۋەقە ئەجەبلىنىشىم توغرا چىقتى.يەلپۈگۈچنىڭ ئالدى-كەينى ئىككى تەرىپىدە ئۈرۈمچىدىكى دائىم تېلىۋىزورغا ئېلان بېرىدىغان شەخسى دوختۇرخانىنىڭ تەشۋىقات ئېلانى ئىكەن.ئېلان ئاياللار كېسەللىكىنى داۋالاش توغرىسىدىكى تېتىقسىز ئېلان ئىكەن.
ئىنسان بىر يامان ئشقا دۇچ كەلگەندە ئىش-ھەرىكىتى بىلەن تۇسۇش ياكى گەپ-سۆزى بىلەن توسۇش كېرەك،ھېچبولمىغاندا دىلى بىلەن توسۇش كېرەك.ئەلۋەتتە مەن بۇنداق ھەركەتلەرنى ئىش-ھەركىتىم ياكى سۆز بىلەن توسۇشقا ھوقۇقۇم ۋە كۈچۈم بولمىغاچقا،بۇ دوختۇرخانىنىڭ قىلمىشىغا غەزەپلىنىشكە مەجبۇر بولدۇم.مۇشۇنداق ناچار،شەھۋانىيلىق مەزمۇنىدىكى ئېلاننى ئىشلىگەن مەسئۇلىيەتسىز دوختۇرخانىغا ئاچچىقىم كەلدى.بولۇپمۇ چىرايىدا خۇشاللىق ۋە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىىپ تۇرغان،ئاشۇ ھەقسىز يەلپۈگۈچ تەمەسىدە تۇرغان قېرىنداشلىرىمغا ،سەبىي بالىلارغا تېخىمۇ ئاچچىقىم كەلدى.ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ ئېلان پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىدا يېزىلغان ئىكەن.
ئېنىقكى،بۇنداق ئېلان جەمئىيىتىمىزگە،مىللىي-مەدەنيىتىمىزگە سەلبى تەسىر پەيدا قىلىدۇ.گەرچە بۇنداق ئېلانلار ياۋروپادا ۋە ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېغىر ھېسابلانمىسىمۇ،بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ئېغىر سانىلىدۇ.بىزنىڭ مىللىي ئەخلاق ئۆلچىمىمىز بۇنداق مەزمۇندىكى ئېلاننى كۆتۈرەلمەيدۇ.ئەگەر ئۇيغۇرچە بىلىدىغان چەتئەللىك مۇشۇ مەيداندا بولۇپ قالغان بولسا بىزگە كېسەل كۆرپىسى دېگەن ئاتاقنى تېڭىشى ئېىھتىمالدىن يىراق ئەمەس.”مۇت(ھەقسىز)، زەھەر بولسىمۇ يۇت“ دېگەن تەمسىلنىى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلىۋالغان كىشىلىرىمىز چوقۇم ھەر نەرسىنىڭ قىممىتىىنى ئۆلچەپ كۆرۈشى كېرەك.
بۇ پەقەت جەمئىيىتىمىزدىكى يۈزبېرىۋاتقان ئشلارنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسى خالاس.شۇنداقلا بىزدە نادانلىق،بىلىمسىزلىك،ئىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ پاكىتى.20-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتەپپەككۇرى،ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىللەت تۈزەلمىگىچە،مىللەت تۈزەلمەس دېگەنىكەن.لەنىتى ئاپاق خوجا تەرىپىدىن بەزلىنىپ 300 يىلدىن ئارتۇق ئۇخلىتىۋېتىلگەن خەلقىمىز رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولغان 21-ئەسىردە بىرقىسىم قېرىنداشلىرىمىز تېخىغىچە مۈگىدەپ يېتىۋاتقان ئوخشايدۇ.دۇنيادىكى مەۋجۇداتلار ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ،تىركىشىدۇ.بىز پەقەت ئۆزىمىزدىكى خىسلەتلەرنى ياخشى ساقلاپ،ئىللەتلەرنى چۆرۈپ تاشلىغاندىلا دۇنيا سەھنىسىدە مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلىيالايمىز.
مۇھەممەدشېرىپ پىدائىي
2012-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-22 07:39 PM