گومىنداڭ پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 118 يىللىقى تەبرىكلەنمەكچى
مىسرانىم مۇنبىرى قارلىق تەرجىمىسى
دۇڭنەن تورىنىڭ 21-چىسلادىكى خەۋىرى، تەيۋەن ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىنى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 118 يىللىقىنى تەبىركلەش خاتىرە كۈنى قىلىپ بىكىتتى، گومىنداڭ پارتىيە ئەزالىرى بۈگۈن ئۇقتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈن پائالىيىتى « جۇڭخۇا مىنگو دۆلەت بايرىمى» نىڭ ئۇسلۇبىدا ئۆتكۈزىلىدۇ، ئاددى-ساددا ۋە ھەشەمەتلىك ئەمەس، دېدى.
مەلۇم بىر نەپەر گومىنداڭ پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاشكارلىشىچە، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنى تەبىرىكلەش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ئورنى بۇرۇن ئويلىشىلىپ « سۈنجۇڭشەن خاتىرە سارىيى» دا ئۆكۈزۈلمەكچى بولغان، بىراق تېخى ئېنىق ئەمەس، يەنىلا مەسلىھەت باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئۇ يەنە ئۇندىن سىرت بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئاددى-ساددا ئۆتكۈزىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ ئېيتىشىچە،گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ سېكىرتارى ما يىڭجىيۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئىپادىسى ۋە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان پارتىيە ئەزالىرىنى مۇكاپاتلايدىكەن، ۋە يېڭى ئەزالارنىڭ پارتىيەگە كىرىشىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇنىڭ ئارقىلىق پارتىيەدە ياخشى ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن.
گومىنداڭ پارتىيىسى تۈنۈگۈن تەيبېيدە باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، باھالاش پائالىيىتىدە ھەرقايسى ناھىيىلەردىكى نەتىجىسى ياخشى كىشىلەرنى مۇكاپاتلىدى.
قۇشۇمچە:
جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ،ئىنقىلاب پېشۋاسى ،جۇڭخۇا مىنگو "دۆلەت ئاتىسى" ------سۈن جۇڭشەن ئەپەندى