مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8091|ئىنكاس: 50

قۇربان ھېيىتلىق ئېتوت سىنارىيەسى(يىگىت تاللاش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11655
تۆھپە نۇمۇرى: 759
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 01:34:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، قۇربان ھېيتىڭلار خۇشاللىق ۋە شاتلىق ئېچىدسە، ئاتا-ئانا، بالا-چاقا، يېقىن دوستلىرىڭلار بىلەن ئەڭ خۇشال خۇرام ئۆتكۈزۈشىڭلارنى، يۇرتىغا قايتالمىغان دوستلارنىڭ قۇربان ھېيتنى ئەڭ مەنىلىك ئۇسۇللار بىلەن ئۆتكۈزۈشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئېتوتىمنى بارلىق ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا ئاتاپ كۆڭۈل ھوزۇرىغا سۇندۇم.

                                                             ئېتوت
                                                                           يىگىت تاللاش
                                                            ئاپتۇر: ئارىش ئەپەندى

ئىككى قىز ناھايتى قىزغىن، خۇشال خۇرام، كۈلكىلىرىنى باسالمىغان ھالدا سەھنىگە چىقىپ كەلدى.
- ۋاي ئاداش، سەن نېمانداق بەك قىزىقارلىق ھە!، سىنىڭ قىلغان قىلىقلىرىڭنى ئويلىساملا كۈلگۈم كىلىدۇ ھاھا ھا ھا.
- ۋاي بوپ بەردىغۇ ماۋۇ تۈكۋاش ساراڭغا...

قىزلارنىڭ كۈلكىسى بېسىققاندىن كېيىن.
سانىيە مەن يول مېڭىپ بولالماي بەك ھاردىم ماۋۇ يەردە بىردەم ئارام ئالايلى دەپ، سەھنىگە قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.
سانىيەمۇ سومكىسىدىن بىر نەرسە ئاقتۇرغاچ ماھىرەنىڭ يىنىدا ئولتۇردى.
سانىيە سومكىسنى ئاقتۇرۇشنى توختۇتۇپ:
- راس ئاداش، ئۆتكەندە بىر يىگىت بىلەن كۆرىشىمەن دېگەن ئېدىڭ، قانداق بولدى.
ۋاي ئاداش قانداق بولاتى شۇ، ئۇ يىگىت بىلەن توردا تونۇشۇپ قالغان دېگىنە، قارىسام گەپ سۆزلىرى خىلى جايىدا تۇرىدۇ، كۆرىشەيلى دەپ كۆرىشىدىغان جاينى <<لەيلى-مەجبۇ>> تېز تاماقخانىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇق، يىگىت بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۆزىغۇ خىلى بولىدىغان بالىكەن، چىرايىمۇ بار. لېكىن، بىر ئەيىبى بىر قولىدا بىر تېلېفۇن، يەنە بىر قولىدا بىر تېلېفۇن، بىر تېلېفۇندا، چچ ، يەنە بىر تېلېفۇندا، ئۈندىدار (ۋېي شىن) ئويندايدىكەن، قاراپ تۇرسام تېلېفۇن قولدىن چۈشمەيدۇ، مىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا، ئاچچىقىم بەكلا كەلدى دېگىنە، ئالدى-كەينىمگە قارىمايلا ئاشخانىدىن چىقىپ كېتەي دەپ ئاشخانا بوسۇغىسىغا بارسام بىر ۋاقىتتا، مېكىيان، توختاڭ، دەيدۇ،
سانىيە: -  ئاداش، مېكيان دېگەن كېىم،
ماھېرە: - ئاداش، مېكيان دېگەن مېنىڭ چ چ دىكى ئىسمىم،
سانىيە: - ۋاي نېمانداق ئېسىم قويۇۋالغان.
ماھېرە: ۋاي شۇ، ئىشخانىدىكى گۈلسۈمنىڭ ئېشى بولمامدۇ، چ چ نى ئىلتىماس قىلىپ بەرگەندە، نېمە ئىسىم قويىمەن دېگەن ئىدى، نېمە قويساڭ قويە دېسەم، مېكيان دەپ قويۇپ قويۇپتۇ ئىسمنى.
ئاشخانىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزى مەندە، بەكمۇ ئاچچىقىم كەلدى، قىشىغا بېرىپ، مېكيان دېگەن كىمكەن ھەي، سەۋدايى ساراڭ دېسەم، ۋاي سىز مېكيان ئەمەسكەنسىز، كۈك توخۇنىڭ ئۆزىكەنسىز دېمەسمۇ، نىرۋام 960 گىرادۇس ئۆرلىدى، ئارقىمغا قارىماي چىقىپ كەتتىم، قۇلۇقۇمغا ئاشخانىدىكىلەرنىڭ كۈلگىنى ئاڭلاندى.
سانىيە: ھا ھا ھا ھا ھا
ۋاي ئاداش، كۈلۈپ بولالماي، قوۋۇرغا ئۇچەيلىرىم، ئاشقازانغا چاپلىشىپ قالاي دېدى. مۇشۇنداق يۇمۇرىستىك جۇمۇ سەن.
ماھىرە: ئاداش سانىيە، سەن يىگىتىڭنى ئۆيۈڭدىكىلەرگە كۆرسىتىمەن دېگەن ئېدىڭ قانداق بولدى راست.
سانىيە: ئۆيگە ئاپاردىم، ئۆيدىكىلەرغۇ خىلى قىزغىن مۇئامىلە قىلغان، كېيىن يىگىتىم كەتكەندىن كېيىن، دادام:
قىزىم بۇ يىگىتمۇ ياكى قىزمۇ؟ كېيىنىشلىرىگە قارىسام ھېچبىر يىگىتكە ئوخشىمايدۇ، نەدىكى بىر غىتمەك، ئوغۇللۇقتىن بىزار بوپ، قىزغا ئۆزگىرۋالغان بىرسىنى تىپىۋالدىڭمۇ نېمە، كيگەن كيىمىگە قارا، نىمانداق تار، چېچىنى قارا، 72 خىل رەڭنىڭ ھەممىسى بار، قىزلارمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ. كېيىن مەن ئۇ يىگىتنى قانداقمۇ كۈيئوغلۇم دەپ ئارقىمسا سىلىپ يۈرەلەيمەن. ئىسكەتىگە قارىسام، بىر پۈۋلىسەملا ئۇچۇپ كېتىدىغان بىر ئىنجىمەرۇق ئىكەن، بۇنداقلارنىڭ قولىدىن بىر ئىش كەلمەيدۇ قىزىم، شۇڭا توي ئىشىڭنى باشقىدىن ئويلان دەيدۇ. كېيىن يىگىتىم بىلەن كۆرۈشۈپ، كېيىنىشىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ دېسەم، قەدىرلىكىم بۇ دېگەن مودا، قارا چاچلىرىم كۆرىيەنىڭ چاچ پاسونى، كىيىنىشىممۇ كۆرىيەنىڭ، بۇ كېچىككىنە شەھەردە مەندەك يۈرىدىغان نوچى يىگىتلەردىن قانچىسى بار دەيسەن، سەنمۇ ئۇنداق مەتولاردەك، ياغلىق ئارتىپ يۈرمىگىن، ياخشى ساتراچانا بار چىچىڭىڭنى ياسىتايلى، ماڭا ماسلىشە، شۇ تۇرۇقىدا سەن بىلەن ماڭسام، دوسىتلىرىڭ ئاچاڭ بىلەن ماڭدىڭمۇ دەپ، مىنى مازاق قىلىدىكەن.
ئۇنداق دېمەڭ بولسا تۈركىيەنىڭ شۇنداق ياخشى كېيىملىرى بارغۇ، ئەرلەرگە ماس كەلگۈدەك، شۇ كېيىملەردىن كەيسىڭىز بولمامدۇ، يىگىتلىك سالاپىتىڭىزنى شۇنداق ياخشى نامايەن قىلىدۇ. نەدىكى تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ كېيىمىنى كېيۋالغۇچە؟
قەدىرلىكىم بىز ئەمدى بولدى قىلساق بولىدىغان ئوخشايدۇ، سىزنىڭ شەرتىڭىزگە مەن كۆنەلمىگۈدەكمەن. ئۆزۈمگە ماس كېلىدىغان قىزلارنى تاپاي.
دەپلا كېتىپ قالدى قارا ئاداش.
ماھىرە: قانداقراق يىگىت تاللاشنى ئويلىشۋاتىسەن ئەمدى؟
سانىيە: بانكا خادىمى بولسا ئەڭ مۇۋاپىق ئېكەن.
ماھىرە: قانداق دەيسەن؟
سانىيە: ئويلاپ باقە ئاداش، ئۇلار ئەتىگىنى بىر ئىشقا چۈشسە، يا تېلېفۇننى ئالالمىغان، يا سىرىتقا چىقالمىغان، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇنداق ياۋاش ئەردىن يەنە نەدە بار دەيسەن؟
ماھىرە: بۇ ئويلىغىنىڭمۇ توغرا.
سانىيە: ئاداش سەن قانداقراق يىگىت تاللاشنى ئويلىشۋاتىسەن.
ساقچىنى تاللاي دېسەم، ئەتىدىن كەچكىچە ئۆيگە كىرمەي، ۋەزىپە بار دەپلا يۈرىيدىكەن، ئوقۇتقۇچىنى تاللاي دېسەم، مائاشى بەك تۆۋەن ئاداش، شوپۇرنى تاپاي دېسەم شۇ سىرتتا ئاشنىسى كۆپ دېگىنە شۇ.
سانىيە: ئەمسە تېجارەتچنى تاللا ئاداش.
ماھىرە: ۋاي ئاداش، تىجارەتچىنى تاللىغان بىلەن كېيىن ۋەيران بولسا، ياكى تىجارەتتىن زىيان تارتسا، مەن باقسام بولار.
سانىيە: ئەمسە دېھقاننى تاللىغىن ماھىرە.
ماھىرە: ۋاي نېمە ديدىغانسەن، ئۆتەپ بېرىپ ئاشۇ  دېھقاننى تاللامدىمەن.
سانىيە: ئاداش، ئۇلار بەك ئاقكۆڭۈل، ساددا، سىرىتتىن ئاشنىمۇ تۇتمايدۇ، ئۆيگىمۇ ۋاقتىدا كېرىدۇ، يەر بولسا، ئۇلارنىڭ رېسىقى ئۈزۈلمەيدۇ، ۋەيرانمۇ بولمايدۇ.
ماھىرە: ۋاي بولدى قىلسە.
ھۆكۈمەت ئورگىنىدىن تاللامسەن يا؟ يەرلىك باج، دۆلەتلىك باج، بۇلارنىڭ مائاشى بەك يۇقىرى.
ئاداش، شۇ كۈزۈمگە سىققىدەك بىرەرسى يوق، كۆزۈمگە سىغقانلىرىنىڭ ئوبىكتى بار.
سانىيە: ۋاي بىچارە، قىز پىتىڭ، تۇل قالىدىغان ئوخشايسەن ھە؟
ماھىرە: ۋاي مىنى جىللى قىلمىغىنە.
دەپ ئالىيىپ سانىيەگە قاراپ قويدى.
سانىيە: ئەمسە، ئامىركا زۇڭتۇڭى ئوباما، رونالدۇ، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان دېگەندەكلەرنى ئويلىشىپ باق ئاداش.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ماھىرەنىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كەلدى، ماھىرە سەل تېرەككەندەك قىلىپ سانىيە مىختەك قالدى.
ماھىرەنىڭ تەلەتىنى كۆرگەن سانىيە دەرھال گەپنى بۇراپ:
ماھىرە ئاداش ئويلاپ قالدىم، ئۇنىمۇ دەيدىكەنمىز، بۇنىمۇ دەيدىكەنمىز، مۇشۇ ئاتا-ئانىمىزنىڭ تاللىغان لايىقى بولىدىكەن جۇمۇ، مۇھەببەتلەشتۇق، كۆيدۈم-پىشتىم دېيىشىپ، سىنىشىپ، ئارلىقتىكى ھۆرمەتنى، بىر-بىرىمىزگە يول قويۇشنى، يوقىتىپ قويىدىكەنمىز، مۇھەببەتلەشكەن چاغلاردا قىلغان سىخىيلىكى، توي قىلغاندىن كېيىن يوقايدىكەن، بىزگە بۇ ئىغىر كېلىپ ئۇرۇشىدىكەنمىزدە، ئاجرىشىشقا چۈشىدىكەنمىز، ھەتتا بالىلىرىمىزمۇ كۆزۈمىزگە كۆرۈنمەيدىكەن. ئاتا-ئانىمىزنىڭ تاللىغان لايىقى بىلەن بولسا توي قىپ بولغۇچە بىر ياكى ئىككى قېتىم كۆرۈشىدىكەنمىز، توي قىلغاندىن كېيىنمۇ، بىر-بىرىنىڭ خۇيىنى ئېلىپ بولغۇچە، بىر-بىرىگە يول قويۇپ، ئاياللار ئەرلىرىدىن ئەينىمىنىپ يۈرىدىكەنمىز. ھەش پەش دېگۈچە بالىلىقمۇ بولدىكەنمىز.
ئەڭ ياخشى يىگتنى ئاتا-ئانىمىز تاللاپ بەرسە بولغۇدەك ئاداش.
راسىت دىدىڭ سانىيە، ماڭا ئانام بىر قانچە يىگىتنىڭ گېپىنى قىلغان، ھازىرلا ئانام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئانامنى بىر خوش قىلىۋىتەي. خوش سانىيە.
دېگىنىچە ماھىرە كېتىپ قالدى.
ئارتىسلار سەھنىدىن چۈشتى.

مەنبە: ئۆز قەلىمىم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-27 12:02 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59318
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3729
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 04:51:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم قۇۋىتىڭىزگە بارىكاللا!! داۋاملىق تىرىشىڭ!!!  بولسا تېخىمۇ چوڭ ھەجىملىك سىنارىيەلەرنى يېزىشقا تىرىشىڭ!

يۇرت_ئوغلانى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34400
يازما سانى: 785
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6231
تۆھپە نۇمۇرى: 226
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 05:58:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي مەن تىخى توردىكى ئىتوتلار ئوخشايدۇ دىسەم ئەسلى ئىجادىيەت دەڭە تىرىشڭ psbCACVJ70S.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YURT OGLANE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-22 02:07 AM  


nap~rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 06:53:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 10:02:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي شۇ ئەمەسمۇ ؟ كۆيگەن پىشقانلارمۇ بىر-بىرلىرى بىلەن توي قىلالىغاننى كۆرمەپتىمەن ، شۇ ئاتا-ئانىسى كىمنى ئال ، كىمگە تەگ دىسە ئامال يوقكەن  ! شۇڭلاشقا بارغۇ ئات-ئانىمىز ئال دىگەننى ئېلىپ ، تەگ دىگەنگە تەگكەنمۇ بىر ئوڭ ئىشكەن !
ماۋۇ ئىتوتنى سەھنىگە ئېلىپ چىقا بولغۇدەك جۇمۇ ماڭا شۇنداق يارىدى !

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1872
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9545
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 10:26:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قىززىق كەن رەھمەت سىزگە

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 10:49:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋاي ۋاي!بۇ ئېتوتنى سەھىنلەشتۇردىغان بولسا ئالامەت ئوبرازلىق چىققۇدەك ،بىزنىڭ ھېيت خۇشاللىقىمىز ئۈچۈن خېلى ئەجىر قىپسىز،رەھمەت سىزگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48782
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4502
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 2308 سائەت
تىزىم: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 10:54:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدا قىززىق  رەھمەت!!!

ئۇيغۇرسەن پاك ياشا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49532
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3263
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 974 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2014-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 11:02:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ   

  بەزى گەپلىرىنى ئوقۇپ  ئەجەپ  كۈلىۋالدىم

ئادەم ئۆزى بىلەن بازارنى
    ئۆلىكى بىلەن مازارنى ئاۋاتلاشتۇرغىلى كەلمىگەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1912
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 11:06:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يەنىلا ئۆزەم تاپاي، چۈنكى ئۆي تۇتىدىغىنى، بىللە ھايات كەچۈرىدىغىنى يەنىلا مەن ئەمەسمۇ، شۇڭا ئالدىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ ئۆزەم تاپقىنىم ياخشى. مۇھەببەتسىز قۇرۇلغان تۇرمۇشنىڭ ھەممىسىنىڭ بەخـلىك بوپ كېتىشى ناتايىنچۇ.

مەن ئاقىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىدىنمۇ يېڭىلىپ باقمىدىم.
جاھىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىنىمۇ يېڭىپ باقمىدىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش