يۇرتىمىزدىكى خامان ئېلىش ئادىتى
ئاۋات ناھىيىسى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە كىچىك دائىرىدەئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى ئاساس قىلغان. دېھقانچىلىقتا ئاساسلىقى كېۋەز، بۇغداي، قۇناق تېرىلىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا خامان ئېلىشتا ئۆزگىچە فولكلورمۇ شەكىللەندۈرگەن.گەرچە ماشىنىلاشقان يېزا ئىگىلىك بۇ فولكلور ئادەتلىرىنى يوقىتىش گىردابىغا ئېلپ بارغان بولسىمۇ، مەن بۇ قېتىم چوڭلاردىن سوراپ، خامان ئېلىشقا ئائىت فولكلورئادەتلىرىنى خاتىرلەپ قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم. بۇنىڭ يۇرتىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى چۈشىنىشكە پايدىسى بولۇپ قالار.
بۇغداي زىرائىتى كۈزگى بۇغداي ۋە يازغى بۇغداي دەپ پەسىلگە قاراپ تېرىلىدۇ. كۈزگى بۇغداي10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تېرىلىدۇ. يازغى بۇغداي يەرنىڭ توڭىغا قاراپ 2- ئاينىڭئوتتۇرىلىرىدىن 3- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تېرىلىدۇ. ئورۇش ۋاقتىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىلگىرى كېيىن ئورۇلىدۇ. كۈزگى بۇغداي 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئورۇپ يىغىلىدۇ. يازغى بۇغداي 7- ئاينىڭ باشلىرى ئورۇپ يىغىلىدۇ. ئورۇلغان بۇغداي(ئۆنچە) تازىلاپ راسلانغان خامانغا ئېلىپ كېلىنىدۇ.
ئۈنچىنى خامانغا ئەكىلىپ بولغاندىن كېيىن قادالغان مومنى چۆرىدەپ چېچىپ يېيىتىلىپ قۇرۇتۇلىدۇ. بۇنى «ئاياق تاشلاش» دېيىشىدۇ. ئەگەر موم قادالمىسا يۇمىلاق دائىرىدەيېيىتىلىدۇ. ئاندىن سىم بىلەن مومىغا چۈلۈك ياساپ،ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىرچە ئارغامچىدا ھەر 50 سانتىمېتىر ئارىلىقنى بىرلىك قىلىپ، خامانغا قاتىدىغان كالا،ئېشەكلەرنىڭ بوينىنى چىگىپ، شارائىت ياربەرگەندە سىم ياكى ياغاچتا ياسالغان كۆشۈكىنى ھايۋانلارنىڭ تۇمشۇقىغا سېلىپ، شوينا بىلەن نۇقتىلايدۇ. خامانغا يەتتە-سەككىز تۇياق كالا ياكى ئېشەك قېتىلىدۇ. بۇ ئادەتتە قوشاق خامىنى دېيىلىدۇ. «قوشاق خامىنى» دەپ ئاتىلىشىدا مەن مۇنداق ئىككى خىل پەرەز بولسا كېرەك دەپ قارىدىم. بىرى، خامان يۇمشىتىش جەريانىدا «لاي-لاي» قوشىقى ئېيتىلىدۇ. شۇڭا ئۇقوشاق خامىنى دەپ ئاتالغان بولسا كېرەك. يەنە بىرى، خامان يۇمشىتىش ئۈچۈن يەتتە-سەككىز كالا بىر بىرىگە چېتىپ قوشۇلغان بولغاچقا «قوشـ-» دېگەن پېئىل تومۇرىدىن مۇشۇ سۆز ياسالغان بولسا كېرەك. بۇ مېنىڭ پەرىزىم، خالاس. ئېيتىلىدىغان «لاي- لاي»قوشىقى تۆۋەندىكىچە:
شاھى مەن، گادايى مەن،
غېرىب بولغان شاشقاندۇرمەن.
سەنمۇ غېرىب، مەنمۇ غېرىب،
چۆلگە بۇغداينى تېرىپ،
ئالتە شاشقاننى قېتىپ،
لاي-لاي ئېتىدىغان شاھ غېرىب.
مەن ئاتامدىن ئايرىلىپ ، لاي لاي
سۇندى قاناتىم قايرىلىپ لاي لاي
مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن
جانىم ئانامدىن ئايرىلىپ لاي لاي.
مۇشۇھالدا كالا دەسسەپ ئۈنچىنى يۇمشىتىدۇ. ئۈستى قەۋىتى يۇمشىغاندىن كېيىن بىر نەچچەقېيتىم ئۆرۈپ يۇمشىتىلىدۇ. يۇمشاپ بولغاندىن كېيىن دان ساماندىن ئايرىپ يىغىلىدۇ. يىغىلغان دان «بۆل» دىيىلىدۇ. ئەگەرتاشلانغان ئاياق دائىرىسى چوڭ بولسا 10 كۈن ئەتىراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ.
ئاندىن كېيىن بۆلنى شامالغا ئېتىپ سورويمىز. بۆل يىغىلغاندا قادالغان موم ئەتىراپىغايىغىلىدۇ. شامال ئادەتتە ئوڭ شامال ،تەتۈر شامال دەپ ئايرىلىدۇ. شىمال شامىلى ۋەقىيپاش شىمال شامىلى ئوڭ شامال بولىدۇ. قالغان تەرەپتىن چىققان شامال تەتۈر شامال بولىدۇ. ئادەتتە تەتۈر شامال چىققاندا بۇغداي سورۇلمايدۇ. بىرىنچى قەدەمدىكى سورۇش قۇيرۇق ياتقۇزۇش دېيىلىدۇ. سامان ئارىلاش دان يەنى بۆل شامالدا سورۇلغاندا دېنى ئېتىلغان جايىغا، سامىنى شامالغا ئەگىشىپ داننىڭ ئاياق تەرىپىگە سورۇلىدۇ. سورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن دان ئارىلىشىپ قالمىغان ساپ سامان قىسىمى يەنى قۇيرۇق قىسىمى داندىن ئايرىلىدۇ. قۇيرۇق ياتقۇزغاندا قۇيرۇق تەرەپتىن كىشىلەر ئۆتۈشنى ئېغىرئالىدۇ. سامىنىدىن ئايرىلغان داننى يېيىتىپ داڭگال، چارلىرى يەنە يۇمشىتىلىدۇ. بۇئادەتتە «بايخان قىلىش// پايخان قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بايخان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن چەشنى يەنە دۆۋىلەپ يىغىپ بىر قېتىم سورۇيمىز. چەش سورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكەرمىدىن ئۆتكۈزۈپ يۇمشىماي قالغان چار، چالما، ئەخلەت-چاۋارلىرى ئايرىۋېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چەش قاچىلاشقا تەييار بولغان بولىدۇ.
بۇغداينى چەش قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇچ قىسىمى كېسىۋىتىلگەن كۇنۇس شەكلىدە دۆۋىلەپ ئۈستىگەمەھەللىنىڭ يۇرت چوڭلىرى، ئىماملىرى «بىسمىللەھىر رەھمانىر رەھىم» دېگەن خەتنى ئەرەبچە يېزىپ بېرىدۇ. ئاندىن كېيىن كىگىز بىلەن چەش يېپىلىدۇ. كىگىز بىلەن ياپقاندا ئارىسىغا كالا تېزىكى قىستۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئادەم ئەلەيھىسسالام قىسسىسىدىكى كالا بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈلىدۇ. يەنى بۇغداي كالىنىڭ رىسقى ئىدى، دەپ قارىلىدۇ.
چەشنى كەملەش: ئادەتتە چەشنى چارەك بىلەن كەملەيدۇ. يۇرت يۇرتنىڭ چارەك ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ. بىزنىڭ يۇرتنىڭ چارەك ئۆلچىمى12 كىلو ئەتراپىدا بولىدۇ. كەملىگەندە يۇرت چوڭلىرى كەملەپ بېرىدۇ.بىرىنچى چارەكنى "چەش بۇرنى" دەپ ئايرىيدۇ . بۇ ئادەتتە كالا تىزەكلىۋاتقان چەشنى پاكلاش ئۈچۈن قىلىنغان ئىشتۇر. ھەر ئون چارەكتە بىرچارەكنى ئۆشرىگە ئايرىيدۇ. 9- چارەككە كەلگەندە «9-چارەك» دېمەي «ھەمسەككىز»دەيدۇ. 10- چارىكىنى ئۆشرىگە ئايرىدۇ. ھەر ھاينىڭ 9-، 19-، 29- چىسلا چەش كەملەنمەيدۇ. ئادەتتە چەش كەملەۋاتقاندا ئۇچار جانىۋار قونسا ، چەشنى يىسە ئۇنى ئۆركۈتۈپ ھەيدىۋېتىشكە بولمايدۇ. خىزىر ئەلەيھىسسالام ئۇچار جانىۋار سۈپىتىدەچەشكە قونغان دەپ قارايدۇ. كىشىلەر كەملەنگەن چەشكە قاراپ مانچە چارەك ئاشلىق ئالدۇق دېيىشىدۇ.
ئادەتتەكىشىلەر تۈگمەندە تارتىلغان تۇنجى ئۈگۈت ئۇنىنى باش بۇرنى دېيىشىپ پەقەت ئائىلەئەزالىرى ئېغىز تەگكەندىن كېيىن ئاندىن باشقا خۇلۇم- خوشنىلارغا تاماق سۇنىدۇ، ئۆتنەيېرىم قىلىدۇ، ياكى ساتىدۇ.
خامان ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار:
تۇلۇقتاش ئوتتۇرىغا تومراق پولات تۆمۈر قۇيۇپ،تاش، سېمۇنت بىلەن بىتون قىلىپ ياسالغان سېلىندىرسىمان شەكىلدىكى سايمان. ئىككىئ ۇچىدا كالا-ئېشەكلەرنى چېتىش ئۈچۈن پولات چىۋىق بىر غېرىچتىن ئۇزۇنراق سىرتىغا ئۇزارتىلغان بولىدۇ. بۇ سايمان ئۆنچىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ياغاچ ئارا بەشلىك ئارا، يەتتىلىك ئارا دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئۇنىڭ توغرا ئىسمى «بەش ئىلىك ئارا»، «يەتتە ئىلىك ئارا» بولۇپ، تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش نەتىجىسىدە شۇنداق ئاتىلىپ قالغان. ئۇنىڭ ئىلىكى باش بارماق توملۇقىدىكى قۇرۇق يۇلغۇن ياغىچىدىن، دەستىسى سۆگەت ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. كالا پاتىڭى سۇغا چىلاپ يۇمشىتىلغاندا ئۇنى تىلىپ ئىلىكىنى تەييارلانغان دەستىگە چىڭ تېڭىپ ئاپتاپقا قويۇلىدۇ. پاتاڭ پەي ئاپتاپتا قۇرۇپ قورۇلۇپ ئىلىكنى دەستىگە ھىملاشتۇرىدۇ. ناھايىتى يىنىك، ئەپچىل بولغاچقا ئاياق تاشلاشتا، يۇمشىتىلىۋاتقان ئۆنچىنى ئۆرۈشتە، بۆلنى شامالغا ئېتىپ سورۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.
تارتقۇ ئېغىز تىلىدا «تاتقا» دېيىلىدۇ. ئۇ ئۇزۇنلۇقى 80 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدىغان شالغا ساپ بىكىتىلىپ ياسالغان سايمان. ئۇ بۆل، چەشنى يىغىپ دۆۋىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ياغاچ گۈرجەك قۇرۇق ئۈجمە ياغىچىدىن ئۇيۇپ ياسالغان ساپلىق سايمان. بايخاندالغان چەشنى قايتا سورۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆتكەرمە ئېغىز تىلىدا «ر» تاۋۇشى چۈشۈپ قېلىپ، «ئۆتكەمە» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. سىم بىلەن تۆشۈكلىرى قۇناق دېنى ئۆتمىگۈدەك چوڭلۇقتا توقۇلغان قاسقانلىق سايمان. بايخاندالغان چەش قايتا سورۇلغاندىن كېيىن، چەشنى يەنىمۇ پاكىزلاش ئۈچۈن، ئېزىلمەي قالغان چالما، چار، ئەخلەت چاۋارلىرىنى ئايرىشتا ئۆتكەرمىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
غەلۋىر بىزنىڭ يۇرتتا «غالۋۇر» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. كىرىچ ياكى سىم بىلەن توقۇلغان قاسقانلىق سايمان. ئۇنىڭ تۆشۈكى ئۆتكەرمىنىڭكىدىن كىچىكرەك كېلىدۇ. بۇغداينىڭ چارىنى ئادالاشتا، توپا- سامىنىنى ئېرىغداشتا ئىشلىتىلىدۇ.
چارەك قۇرۇق شالدىن ياسىلىدۇ. بۇ ئەسلى ھەجىم بىرلىكى بولسا توغرا بولاتتى. بىزلەرئېغىرلىق ئۆلچىمى قاتارىدا ئىشلىتىپ ئادەتلىنىپتىمىز. يۇرتىمىزدا بىر چارەك 12~11كىلوغاباراۋەر. بۇغداي، قوناق، گۈرۈچ قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەرنى كەملەشتەئىشلىتىلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarim1988 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-21 11:40 AM