مەن ئەۋلىياھ ئەمەس
خورازمۇ چىللايدۇ ئۆزى بىلگەنگە ،
ئېيتىپ باق ئوخشارمۇ پالتا كەتمەنگە.
نە ئەمدى تۇتۇلسا گاھىدا تىلىم ،
كۈلىسەن باش چايقاپ ئۇرۇپ مەيدەمگە.
كەچۈرگىن ئاتامنىڭ ئارزۇسى بىلەن ،
چاكىرىڭ بولدۇممەن ئالدىڭغا كېلىپ.
مەن شۇنداق بىچارە كەچۈر ئەي باشلىق،
ئەزەلدىن بىرسىگە باقمىغان يېنىپ.
كەچلىرى ئۇيقۇ يوق دەرۋازا ھەمراھ،
قورقىمەن بىرەر ئىش چىقسا تۇيۇقسىز.
بەزىدە كۆزلىرىم كەتسە ئۇيقۇغا،
ئويغىتار قىزغىنىپ سىگناللار تېز.
شۈكرى دە دېگەندەك ئاتام ھەر دائىم ،
مىڭ شۈكرى ھېلىمۇ دەيمەن قورساق توق.
سەھەردە ئويغاتتىڭ ئىشىكنى تېپىپ،
زۇۋانسىز تېز ئاچتىم تەگكەچ بىر پاي ئوق.
'ئېشەكنىڭ بالىسى' ئاشۇ پارچە سۆز،
توساتتىن قىپ قويدى مېنى بىر گومۇش.
ئويلاپ باق ، تۇنجى رەت خاتالىققۇ بۇ،
تىل بىلەن يۈرەككە سالدىڭغۇ نوغۇچ.
بىر - بىرلەپ دوكىلات بەرسەممۇ ساڭا ،
شىلتىدىڭ قولۇڭنى ھۆركىرەپ ماڭا.
بىلمىدىم ، باسالماي قالدىم ئۆزەمنى ،
چىرماشقان قوللۇرۇم سېنىڭ ياقاڭدا.
سۇئالىڭ ئاندىن كۆپ پۇلۇڭدىن سېنىڭ،
سۆزلىمەي بولدىلا ساڭا ئەمدى بەس.
جاق تويدۇم خىزمەتتىن تەلىيىم كاجكەن،
ھەممىنى قىلغىنى دىپلوم دېگەن نەس .
بوۋاملار سەھرادا ياشاركەن خوشال ،
تەرىدىن نېمەتلەر ئالغاچقا ھالال.
شۇ يەردىن تىرىلەي قاخشىمىسا جان،
خوشاللىق تاپارمەن مەنمۇ ئېھتىمال.
خەير ، خەير ،خەير، كەتتىم يىراققا،
ئاچچىقىم ياندى ھېلىدىن بىر پەس.
شۇنى دېگۈم بار ساڭىمۇ توۋلاپ،
بىلمەمسەنما؟ مەن ئەۋلىياھ ئەمەس!...
2012-10-21 ئۈرۈمچى ئابدۇكېرەم ئەزىز ئەركيار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا erkyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-21 05:54 AM