تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تۆت مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ %90 ى ئۇيغۇر بولۇپ ، بۇ يەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆرپ-ئادىتى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان رايون .ئۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى بولۇپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ، مەدەنىيەت-سەنئىتى ۋە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى قاتارلىق تەرەپلەردە شىنجاڭ بويىچە ئەڭ تىپىك ۋە ۋەكىل خاراكتېرلىك بولغاچقا ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ‹‹ قەشقەرگە بارمىغۇچە ، شىنجاڭغا بارغاندەك بولمايدۇ ›› دەپ قارايدۇ ۋە قەشقەرنى كۆرۈشكە ، بۇ يەردىن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىشقا ئالدىرايدۇ . ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا ، بۇ يىل يانۋاردىن سېنتەبىرگىچە، قەشقەر ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 3 مىليون 140 مىڭ ( ئادەم / قېتىم) گە ، ساياھەت كىرىمى بولسا 1 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتكەن . .
ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلىق ساياھەت ئىدارىسى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمە بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت _ قەشقەر خەلقئارا ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك مىللىيچە چالغۇلار قەشقەر خەلىقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. (تەڭرىتاغ تورى. مۇخبىر : ۋاڭتاۋ)
بۇ يۇقىرىقى پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك سۈرەت.(بۇ بىر پارچە سۈرەت تەڭرىتاغ تورىدىن دىن ئېلىندى)
بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا ساياھەت- مەدەنىيەت بايرىمى ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 21- كۈنى ئاياغلىشىدىكەن. بۇ مەزگىلدە مىللىي چالغۇ ئەسۋاپلار كۆرگەزمىسى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر چالغۇ مۇنبىرى، ئېسىل تائاملار كۆرگەزمىسى، ناخشا- ئۇسۇل نومۇرلىرى قاتارلىق رەڭدار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن. خەلقئارا ساياھەت- مەدەنىيەت بايرىمىدا يەنە پوسكام، يەكەن، مارالبېشىدىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيەدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنغان. (شىنجاڭ رادىئو تورى. مۇخبىر:ئابلىمىت سوپى ھاجى)بۇ پائالىيەت مارالبېشى ناھىيىسىدە 19-20-21 -ئۆكتەبىر ئۆتكۈزىلىدىغان بۇلۇپ، تۈۋەندىكى سۈرەتلەر 20-ئۆكتەبىر تارتىلغان.
پائالىيەت مارالبېشى زەرەپشان خەلقئارا چوڭ بازىرى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.
پۈتۈن پۇشۇرۇلغان تۆگە، كالا، قوي كاۋاپلىرى... (مەن بارغاندا مۇشۇنچىلىك قاپتۇ) بۇلار تۈۋەندىكى تونۇردا پىشۇرۇلغان.
بۇ مارالبېشى ناھىيە ئاقساقمارال يېزىسىدىكى كاۋاپ ئۇستىسىنىڭ تونۇرى.
بۇ پۈتۈن قوي كاۋىپى(بەلكىم ئۆچكىدۇ) ناھىيە ئىچىدىكى مەلۇم رېستۇران ياكى كاۋاپخانىنىڭ بولسا كېرەك.
بۇ ناۋايلارنىڭ ھۈنىرىنىڭ بىر قىسمى، ئەسلى بۇ يەردە نۇرغۇن شەكىل چىقىرىلغان نانلار بار ئىدى، ئىھتىياتسىزلىقتىن باشقا رەسىملەر ئۈچۈرىلىپ كېتىپتۇ.
دۆلەت ئىچى سىرتىغا داڭلىق ئاناركۆل بېلىق كاۋىپى . (<<كروراندىكى ئىزچىلار>> رومانىدا تەسۋىرلەنگەن گەدەرمە كاۋاپ شۇ بولسا كېرەك)
بۇ چوغقا كۆمۈپ پىشۇرىلىدىغان كاۋاپ. ئاۋۇ قېرىن ئىچىگە گۆشنى ماشاپ، تەم تەڭشىگۈچ قوشۇپ، پىشۇرىلىدۇ.(بۇمۇ <<كىروراندىكى ئىزچىلار>> رومانىدا تەسۋىرلىنىدىغان <قۇم كاۋاپ>نىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى بۇلىشى مۇمكىن.)
توخو كاۋىپى.
تۈركىيە كاۋاپلىرىنىڭ دىيارىمىزدا بۇنچە ئومۇملىشىپ بازار تېپىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى نېمىكىن. رەسىمگە ئالدى تەرەپتىن تارتىشقا ئامال بولمىدى.ئادەم بەك كۆپكەن(بىكارلىق ئەمەسكەن بولمىسا)
ئۇيغۇرچە كاۋاپ.
بۇ پولو... قارىغاندا ئوخشىغاندەكمۇ قىلىدۇ.
سۇدا پىشۇرۇلغان گۆش
ئۆپكە ـ ھېسىپ
تۈۋەندىكى قوتاز، تۆگىلەرنى ئەتىگىچە ئىنسانلار يەپ بولىدۇ ھەقىچا. ھا ھا ھا
ماۋۇ قىزىل رەڭگە ئۆچ بولسا كېرەك، ئالدىمدا كىچىك بىر قىز قىزىل كۆينەك كىيىۋاپتىكەن، ھومىيىپ قاراۋاتىدۇ.
بۇ تۆگىنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشتى.
پائالىيەت مەيدانى يان تەرەپ ئۈستىدىن كۆرۈنۈش... چۈش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ كىشىلەر خېلى كۆپكەن...
كەچتە ئۆتكۈزىلىدىغان ئەدەبىيات سەنئەت پائالىيتىگە مۇناسۋەتلىك سۈرەتلەر مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-21 01:42 PM
|