ئېڭەك سالىمى
تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس
 ئوڭ قولۇمنى قويۇپ كۆكسۈمگە ،
 قىلغان ئىدىم يۈرەك سالىمى .
 قايتتى شۇئان جاۋاب ئورنىدا ،
 خوش ياقمىغان ئېڭەك سالىمى .
 ئويلاپ قالدىم ، سالاملارنىڭمۇ ،
 دەرىجىسى - كۇرسى ئۆسۈپتۇ .
 ئېڭەك ئورنى يۈرەكتىن ئۈستۈن،
 بولغاچ سالام ئاڭا كۆچۈپتۇ .
 كۆچۈۋەرسە ناۋادا شۇنداق ،
 يۈرەكلەردىن ئىتىقاد -ئىمان ؛
 پەرىقلىنەر ئاخىرى قانداق ،
 ئىككى پۇتلۇق ھايۋاندىن ئىنسان!؟
2003يىل 6-سىتەبىر،يېڭىسار. 
مەنبە:تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماسنىڭ<سەككىز سۈرىتىم>ساتىرىك شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
توردىكى مەنبە: 
http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=5674
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-20 11:14 PM