يولۇچى ئاسفالىت يولدا خىيال سۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئېغىر تىپتىكى يۈك ماشىنىسى ئۇنى نەچچە مېتىر يىراققا ئۇچۇرىۋەتتى. شوپۇر چىرايىدىن قان قالمىغان ھالەتتە چۈشتى ـ دە ئۇنى تىزلىكتە دوختۇرخانىغا ئلىپ ماڭدى.
قاتناش ساقچىسى ئۇدۇل شوپۇر نەتىجە كۈتۈۋاتقان لابۇلاتورىيە ئالدىغا كەلدى،ـ ۋە :
ـ ئۇ قانداقراق؟
ـ تېخى نەتىجىسى چىقمىدى...
ـ بىز يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى كۆزىتىش ئاپاراتىدىن ھازىرقى قاتناش ۋەقەسىنى كۆردۇق، سىزدە ھېچقانداق مەسئۇلىيەت يوقكەن، بىز ھادىسىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە خەۋەر قىلدۇق. سىز .... ،ـ ساقچىنىڭ گېپى تۈگىمەستىلا جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىدىن دوختۇر چىقتى:
ـ كەچۈرۈڭلار، ئۇنى قۇتقۇزىۋالالمىدۇق.
پالەچ ئايالىنى داۋالىتىش ۋە ئىككى بالىسىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان مەسئۇلىيەتچان شوپۇر ھاياتىدىكى تۇنجى ئەمما ئېغىر قىسمەتتىن ۋىجدان ئازابى تارتماقتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھەسرەت يامچىلىرى يالتىراشقا باشلىدى.
ـ سىز قايتىۋېنىڭ ئىش بولسا سىزگە ئۇختۇرۇش قىلىمىز،ـ دېدى ساقچى.
شوپۇر چوڭقۇر ئىزتىراپ ئىچىدە ئىشىك تەرەپكە بۇرۇلدى. بۇ ۋاقىتتا ساقچىنىڭ ھەسرەتلىك ئاۋازدا<<ھەي بىچارە بالىلار>> دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ساقچىدىن سورىدى:
ـ نېمە بولدى؟
ـ ھېچنېمە، بۇ ئادەمنىڭ بالىلىرىنى دەۋاتىمەن.
ـ ھە؟ بالىلىرى نېمە بوپتۇ؟
ـ ئانىسىمۇ يوقكەن، دادىسىمۇ يوق بوپتۇ.
ـ سىز ھازىر تېخى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشتىم دېگەنىدىڭىزغۇ؟
ـ دېيىشنىغۇ دېگەن، تېلفۇننى قوشنىسى ئاپتۇ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۆيىدە ھېچكىم بولمىغاچقا بالىلىرىغا تاماق ئېتىپ بەرگەنمىش. . .
ـ نېمە ؟ بالىلىرى دەيسىزغۇ ؟
ـ شۇنداق ئىككىسى ئوغۇل، بىرسى قىز. چوڭى بەش يا، كىچىكى ئۈچ ياش دەڭە .
شوپۇر يىغلىۋەتتى. ئۆز ئائىلىسىنى ئويلىدى. ئويلاپمۇ ھېچ ئىشنى ھەل قىلالماۇي تېرەكلىك يوللارنى بېسىپ ئۆيىگە قايتتى.
ئىككى كۇندىن كىيىن ئۇ ئۆزلىگىدىن بالا بىقىۋىلىش توختامىغا ئىمزا قويدى.
2
كېچە قاراڭغۇسى ئەتراپنى سۈكۈتكە تولدۇرغان ئاخشامنىڭ تىنىچلىقىنى يىراقتىن كېلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشى بۇزۇپ قويدى. چىلىق ـ چىلىق تەرگە چۆمۈپ كەتكەن بۇ مەزلۇم ئۆلەر تىرىلىشىگە قارىماي يۈگۈرمەكتە ئىدى. تۇيۇقسىز قاتا نىقاپ تاقىۋالغان بىرى بۇ ئايالنىڭ ئالدىنى توستى.
ـ تېز، يېنىڭدىكى ھەممە پۇلنى چىقار!
ئايال ھەيرانلىق ۋە قورقۇنچ ئىچىدە بۇ ناتۇنۇشقا مۇنداقلا قاراپ قۇيۇپ داۋاملىق يۈگرەشكە باشلىدى. بۇلاڭچى ئۇنىڭ بېلىكىدىن قاماللاپ تۇتتى ۋە يەنە بىر قولىدا كېكىردەككە پىچاقنى تەڭلەپ تۇرۇپ ھەيۋە قىلدى.
ـ پۇلنى چىقار دەيمە قانجۇق!
ـ يېېنىمدا بىر پۇڭمۇ يوق مېنى قۇيۇۋەت...
ئايال ئوغرى قولىدىن يولقۇنۇپ چىقىشقا ئورۇندىيۇ مۇمكىن بولماي قالدى.
ـ مېنى قۇيۇۋەت، بالام خەۋپ ئىچىدە، تېز بارمىسام ئۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ...
ـ ماڭا قۇرۇق گەپ ئەمەس پۇل كېرەك! پۇل !
ـ پۇل بېرەي، مەن چوقۇم بېرىمەن. لېكىن ھازىر يېنىمدا بىر پۇڭمۇ يوق. مەن سەندىن ئۆتۈنەي... ئالدىراشچىلىقتا پۇل قاپچۇقىنىمۇ ئالماي كەپتىمەن....
ئايال ئۆكسۈپ يىغلايتى، ئەمما ئوغرى شەپقەت قىلىپ قويۇپ بېرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
ـ پۇل بولمىسا بالاڭنىڭ ئۆلگىنى ئۆلگەن، ئەڭ ياخشىسى يالغان سۆزلىمەي پۇلنى بەر.
ئايالنىڭ ئاغزىغا گەپ كەلمىدى. ئۇنىڭ مېڭىسىدە بايىقى تېلفۇندا قىزنىڭ ئېيىتقان <<ئاپا ! كېسىلىم قوزغىلىپ قالدى. تېز كەل... بولالمايۋاتىمەن>> دېگەن سۆزى ئەكىس سادا بۇلۇپ قايتىلىنىۋاتاتتى. ئانا قاتتىق ئازاپلاندى. تۇيۇقسىز جىسمىغا ئولاشقان كۈچ بىلەن بۇلاڭچىنى نەچچە مېتىر يىراق يەرگە ئىرغىتىپ تاشلىۋەتتى،ـ دە جېنىنىڭ بارىچە يۈگىرەشكە باشلىرى.
ئايال يۈگۈرگەچ ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قاراپ بۇلاڭچىنىڭ مىدىرلىماي ياتقىنى كۆردى. قار قاتتىق يېغىۋاتاتتى، ئايال ئوغرىنىڭ يېنىغا باردى. ئوغرى ئاجىز ئىڭراۋاتاتتى. ئوغرىنىڭ بېشىغا ئۇچلۇق تاش پارچىسىنىڭ كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئايالنى قورقۇنىچ ۋە ئىككىلىنىش چۇلغىۋالغانىدى.
شۇنىسى ئېنىقكى ئايال ئوغرى بىلەن كارى بولماي كەتسە ئۇ ئۆلۈپ كېتەتتى.ئايالنىڭ چىرايىدىن قەتئىيلىك چاقناپ كەتتى. ئۇ ئاۋال ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن ھاپاشلاپ مېڭىشقا باشلىدى.
قان ئاقماقتا ... بۇلاڭچى ئايالدىن ئۆزىنى قۇتقۇزىۋېلىشنى توختىماي تىلەيلى... ئايال بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. تۇيۇقسىز ئوغرى ئۆزىنى يەرگە ئېتىۋەتتى.
ـ بولدى ... سىز ... كېتىۋېرىڭ... بالىڭىزنى سىزنى ساقلاۋاتىدۇ....،ـ دېدى ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا.
ـ ياق، سېنى ئېلىپ كېتىمەن... چوقۇم ئېلىپ كېتىمەن... ،ـ دېدى ئايال كەسكىنلىك بىلەن.
ئوغرى پەقەتلا ماڭغىلى ئۇنىمىدى، ئۇ ئۆزىدىن بالىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئىھتىياجخلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تىز قايتىپ كېتىشكە ئۈندىدى. ئايال ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەتتى.
ئوغرى ئايالدىن توختىماي قۇتقۇزۇشنى تىلەيتتى.
قان ئاقماقتا ............ئايال بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىلگىرلىمەكتە ئىدى ......تۇيۇقسىز ئوغرى ئۆزىنى يەرگە ئىتىۋەتتى ..
بولدى سىز كىتىۋىرىڭ .بالىڭىز سىزنى ساقلاۋاتىدۇ- دىدى ئۇپەس ئاۋازدا
ياق سىنى چوقۇم ئىلىپ كىتىمەن ئايال كىسىپ ئىتتى
ئوغرى پەقەتلا ماڭغىنى ئۇنىمىدى ئۇ ئۆزىدىن بالىسىنىڭ ئۇنۇڭغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ تىز قايتىپ كىتىشكە ئۈندىدى .ئايال ئۇچقاندەك كىتىپ قالدى.
ئۇنىڭ ئاياق ئىزى يېڭى چۈشىۋاتقان قار ئۈستىدە قالدى. ئۇ ئۆز ئوغلى تەرەپكە ئەمەس، يېزد تەرەپكا قاراپ يۈگۈرگەنىدى...
مەنبە :ئۆز قەلىمىم
تەھىرىردىن: دېئالوگ بار ئەسەرلەردە پىرسوناژلارنىڭ سۆزلىرى ئالدىغا چوقۇم سىزىق تارتىلىشى كېرەك. ئاندىن ئو ،ئۇ،ئۆ،ئۈ،ئې،ئى،ك،گ ھەرپلىرىگە كۆپرەك دىققەت قىلىڭ. سىزگە ئىلھام تىلەيمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-20 10:39 PM