ئۆتكەن يىلى ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ ئەسلىدىكى باھاغا تەڭمۇ -تەڭ قۇشۇلۇپ كەتكەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم پۇلى بولسىلا ئۆي -مۈلۈككە مەبلەغ قىلىدىغان ،ئۆي ئالغىلى پۇلى يەتمىسە قەرىز قىلىپ بولسىمۇ ئۆي ئىلىۋالىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ ئۆي سىتىۋىلىش قىيىن مەسلىگە ئايلانغان ئىدى.
ئۆي باھاسىنىڭ ئايدىن -ئايغا تىز ئۆرلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىلەر باشقا ساھەلەرگە سالغان مەبلىغىنى چىقىرىپ ئۆي -مۆلۈك كەسپىگە مەبلەغ سىلىپ ياكى ئۆي -مۈلۈك ۋاستىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىندىغانلارنى كۆپەيتتى .
لىكىن داۋاملىق ئۆرلەۋىرىدىغان تاۋار مەۋجۇت ئەمەس . ھەرقانداق بىر تاۋار ئۆرلەپ بەلگىلىك نۇقتىغا چىققاندا كىشلەر ئۇنىڭ يۇقۇرى باھاسىنى قوبۇل قىلالماي قالغاندا ئۇ ھامان چۈشىدۇ .
ئۆيمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس .
ھۆكۈمەتنىڭ ئەزران ئىجارىلىك ئۆي ئەرزان قۇلاي ئۆيلەرنى يىلدىن -يىلغا كۆپەيتىپ سىلىپ قىينچىلىقى بار خەلق ئاممىسىغا تارقىتىپ بىرىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆي باھاسى زىيادە يۇقۇرى بولۇش سەۋەپلىك ئۆي ئالالماسلىق قىيىنچىلقىنى ھەل قىلىش ۋە ئۆي باھاسىنى كونتىرۇل قىلىش ئۇچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ ئۆي باھاسىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى .
ئۆي سىتىش سودىگەرلىرىمۇ نۇرغۇن ئىتىبارلىق پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بارغان بولسىمۇ بۇ يىل ئۆي-مۇلۇك بازىرىدا ئانچە چوڭ جانلىنىش كۆرۈلمىدى .
كىشلەر گەرچە ئۆي باھاسى يىلدىن -يىلغا ئاشىدۇ دەپ قاراۋاتقان بولسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ خەلىققە پايدىلىق ئۆي-مۈلۈك سىياسىتى تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ داۋاملىق رول ئوينىشى ئارقىسىدا، نۆۋەتتە ئۆي-زېمىن بازىرى ئۆتكەن يىلدىكىدىن تۆۋەن ھالەتتە تۇرماقتا .
مەنبە ؛ بىر مىسقال بىلۇگى
www.1miskal.com