گۈزەل چىرا ناھىيىسى
چىرا ناھىيسى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان.
جەنۇب تەرپى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قاراقۇرۇم تېغى .
شىمال تەرپى تەكلىماكان قۇملۇقى،شەرىق تەرپى كېرىيە ناھىيەسى،غەرىب تەرپى لوپ ناھىيەسى.
مەمۇرىي رايۇن ئەھۋالى:
بىر بازار،يەتتە يېزا ،127كەنىت بار.
چىرا بازىرى،گۇلاخما يېزىسى،دامكۇ يېزىسى،چاقار يېزىسى،ئۇلۇغساي يېزىسى،نۇرى يېزىسى،بوستان يېزىسى. بۇنىڭ ئىچىدە چىرا بازىرى،گۇلاخما يېزىسى،دامكۇ يېزىسى تۈزلەڭلىك رايۇنىغا جايلاشقان.
قالغان تۆت يېزا تاغلىق رايۇنغا جايلاشقان.
ئۇمۇمىي يەر مەيدانى31688كۇۋادىرات كىلومىتىر.
ئۇمۇمىي نۇپۇس230مىڭ،ئۇيغۇرلار ئۇمۇمىي نۇپۇسنىڭ %96نى ئىگىلەيدۇ.
خەنزۇلار%3،ئۆزبەك،تۇڭگان،قازاقلار%1نى ئىگىلەيدۇ.
ئىشلىتىشكە بۇلىدىغان ئورمان كۈلىمى 35مىڭ مو.
دىھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئاساسىي ئۇرۇندىكى كەسىپ.