|
|
|
|
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان (قۇربان ھېيىت) كىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ،ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسىپورىت نازارىتى يىقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ھەرقانداق تاشيوللاردىكى ھەربىر ھەق ئىلىش پونكىتلىرىدا 7 كىشىلىكتىن تۆۋەن يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىكىتتى. 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 22:00 دىن 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 21:59گىچە.(يۇقىرىدا ئىشلىتىلگىنى ئۈرۈمچى ۋاقتى).
سەممىمىي ئەسكەرتىش: كەڭ شوپۇر دوسىتلارنىڭ ھېيىتنى مەنىلىك ئۆتكۈزىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بۇ سىياسەت ھەممىمىزگە ياخشى. ھەممەيلەننىڭ بۇ ياخشى سىياسەتتىن ياخشى بەھرىمان بولىشى،كىچىك ئىشلارنى دەپ مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن سوقۇشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.پىكا ماشىنىلار ۋە كىچىك تىپتىكى يۈك ماشىنىلىرى،يۈك،يولۇچى بىردەك ئاپتوموبىللىرىدىن ئوخشاش ھەق ئېلىنىدۇ. كۆڭۈلسىزلكلەردىن خالىي بولۇپ ھېيىتنى خاتىرجەم،مەنىلىك ئۆتكۈزەيلى!!(تېما ئىگىسىدىن)
سانجى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى ماناس دەرياسى ھەق ئېلىش پونكىتىدىن: پەخىردىن تۇرسۇن ئوتياشى
|
|
|
|
|
|