قارتنىڭ مەنىسى
قارتا دېگەن بۇ ئاتالغۇ بىزگە ئانچە ناتۇنۇش نەرسە بولمىسا كېرەك،چۈنكى بۇنىڭ بىلەن بىز خېلى كۆپ ئۇچرىشىپ تۇرىمىز. مەھەللىنىڭ دوقمۇشلىرىدا، پالچىلارنىڭ قوللىرىدا،ئىشخانىلاردا، ياتاقلاردا، قېماخانىلاردا، ئۆيلىرىمىزدە، سىنىپلاردا، مەسجىتلەرنىڭ ئالدىدىكى تۆت ئادەم ئاران پاتىدىغان قىسىلچاقلاردا...ئىشقىلىپ كۆپ. تۇرمۇشۇشىمىزغا كومپىيۇتىر ناھايىتى تېز ئومۇملاشقاندەك ئومۇملاشتى. بۇ نەرسىنىڭ بىزگە كەلتۈرگەن پايدىسىدىن زىيىنى ناھايىتى كۆپ بولدى دەپ قارايمەن. تۆۋەندە مەن مۇنبەرداشلارغا قارتنىڭ ئىچىگە يوشۇرۈنغان سىرنى چۈشەندۈرۈپ قوياي. چۈنكى دۈشمەننىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلمەك تەس.
قارتنى كالىندارنىڭ قىسقارتمىسى دەپ چۈشەنسەك خاتا بولمايدۇ. قارت كورۇپكىسىنىڭ ئىچىدە جەمىئي 54 تال قارت بولۇپ،بۇنىڭ 52سى دائىم ئىشلىتىدىغىنىدۇر. بۇ بىر يىل ئىچىدە 52 ھەپتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قالغان ئىككىسى بولسا قوشۇمچە قارتتۇر، قىزىل(داۋاڭ) قۇياشقا،قارا(شاۋۋاڭ) ئايغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىر يىلنىڭ ئىچىدىكى ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش ئايرىم-ئايرىم تاپان،بوپ(غىچ)، قاغا، چىتىر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. قىزىل تاپان بىلەن قىزىل بوپ(غىچ) كۈندۈزگە، قاغا بىلەن چىتىر كېچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
تۆت پەسىلنىڭ ھەربىر پەسىلى 13 ھەپتىدىن تەشكىل تاپقان. قارتنىڭ ھەربىر رەڭگىدە 13تال قارت بار.ئۇلارنىڭ يىغىندىسى 91 گە تەڭ(1+2+3+4+5+6...+13=91). بۇ ھەربىر پەسىلنىڭ 91 كۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ. قارتتا ئوخشىمىغان 4خىل شەكىل بار(تاپان،بوپ(غىچ)، قاغا، چىتىر ). بۇلارنىڭ سانلىرىنى قوشىۋەتسەك 364 بولىدۇ ئۇنىڭغا،قىزىل(داۋاڭ)نى قوشساق 365،قارا(شاۋۋاڭ)نى قوشساق 366 بولىدۇ. بۇ بىر يىلنىڭ 365ياكى366 (كەبىسە يىلى )ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
قارتتىكى J Q K (سالدات،ماتكا،كارۋۇل) دىن جەمىئي 12سى بار، بۇلار بىر يىلنىڭ 12ئايدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ھەم قۇياشنىڭ بىر يىل جەريانىدا 12 سەييارىدىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
قاغا(زەيتۈن يوپۇرمىقىغا ئوخشىتىلغان) تىنىچلىققا،تاپان(يۈرەككە ئوخشىتىلغان) مۇھەببەتكە،بوپ (غىچ)(ئالماسقا ئوخشىتىلغان) بايلىققا،چىتتىر (تۆت قۇلاق ياكى ئۈچ قۇلاققا ئوخشىتىلغان )بەختكە سىمۇۋۇل قىلىنغان.
تۆت تال K (كارۋۇل) ئايرىم-ئايرىم ئەنگىلىيە،فىرانسىيە،ئىسپانىيە، پرۇسسىيەلەرنىڭ پادىشاھلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
تۆت تال Q (ماتكا) خانىشلىرىغا،تۆت تالJ (سالدات) ياساۋۇللىرىغا سىمۇۋۇل قىلىنغان.
پالچىلار بەلكىم قارتنىڭ مۇشۇ يەرلىرىنى سىز بىلەن بىزگە قارىغاندا بەكەرەك بىلىشى مومكىن. بىز بىلىدىغان نەرسىلەردىن بىلمەيدىغان نەرسىلىرىمىز ناھايىتى كۆپ. بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ۋاقتىدا بىلىۋالمىساق بىلىدىغانلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىزنى ئورەككە باشلىشىمۇ مومكىن.