|
|
|
|
شاڭخەي قىران سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى مۇھەممەدئەلى ئوسماننىڭ قولغا ئېلىنىش جەريانىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 S# B! L3 s' i: f
چالا ھەقىقەت يالغاندىن خەۋىپلىك . چالا ھەقىقەتكە قارىغاندا يالغاننى ئايرىش ئاسان . باشقىلارنى ئالداۋاتقان ئادەم ھەمىشە ساپ دىل ئادەم بولۇپ كۆرۈنۈشكە ئىنتىلىدۇ ، چۈنكى ئۇ بىر يالغاننى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن نەچچە قېتىملاپ يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولىدۇ . بىر يالغان ئون يالغاننى تۇغىدۇ . يالغانچىلىق ئادەمنى شۆھرەتپەرەسلىككە ئۆگىتىدۇ ، شۆھرەتپەرەسلىك ئادەمنىڭ ئېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئۆزىگە يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان خەتەرلەرنىمۇ سەزمەس قىلىپ قويىدۇ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 e: L% J4 _4 d# l- L. Rجىنايەت گۇماندارىنىڭ ئارخىپى :
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, E; v, c2 p; q1 z7 M4 u, ~& ~مۇھەممەدئەلى ئوسمان ، 35 ياش ، 2004 – يىلى ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى مەلۇم ئۇنۋېرسىتىتنىڭ خەۋەرلىشىش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ، 2004 – يىلىدىن 2005 – يىلىغىچە شاڭخەي چەتئەل تىلى ئۇنۋېرسىتىتىدا ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنگەن . 2005 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە شاڭخەي تۇڭجى ئۇنۋېرسىتىتى نىمىس تىلىنى تەربىيلەش مەركىزىدە نىمىس تىلى ئۆگەنگەن . 2007 – يىلىدىن 2009 – يىلىغىچە شاڭخەيدە خىزمەت قىلغاچ شاڭخەي تۇڭجى ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ماگىستىر ئاسپرانتلىقنى ئوقۇغان . بۇ جەرياندا شاڭخەي شەھەرلىك شىنجاڭ سودا جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل ھەيئىتى بولغان ، 2009 – يىلى شاڭخەي قىران سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان . مۇھەممەدئەلى كەشىپ قىلغان ئەقلى ئىقتىدارلىق ئەمالار ھاسىسى ، ھەج يىتەكچى ماشىنىسى ، كۆپ ئىقتىدارلىق جىنازا قاتارلىق كەشپىياتلار دۆلەتنىڭ پاتېنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . ئۇ يۇقىرقى كەشپىياتلىرى ئارقىلىق 2010 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن « 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇسۇلمان كارخانىچىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھاكىمە مۇنبىرى » دە « جۇڭگو مۇسۇلمانلار يېڭىلىق يارتىش مۇكاپاتى » غا ئېرىشكەن ھەمدە « 2010 – يىللىق جۇڭگودىكى ئون مۇنەۋەر مۇسۇلمان كارخانىچى » نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن . ئۇ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا چەتئەلدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ھەمدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ بولغان ، ئەمما بۇ يىل 7 – ئاۋغۇست يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇمانى بىلەن قولغا چۈشۈپ ، 6 – سىنتەبىر تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 L8 X4 v# [, x
« مېنى تۇتساڭلار ئاقىۋىتىگە ئىگە بولالماي قالىسىلەر »بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ e0 _0 K* A5 x
بىر ئەر 7 – ئاۋغۇست يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىگە كېلىپ دىلو مەلۇم قىلدى . ئۇ شۇ ناھىيىدە ئولتۇرۇشلۇق داۋۇت بولۇپ ، ئۇنىڭ دىيىشىچە ، يەكەن غەربىي يۇلتۇز بىناسىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەدئەلى ئۇنىڭدىن 75 مىڭ يۈەن ئېلىپ ، ساختا پاسپورت بېجىرىپ بەرگەن .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% f! x5 Z9 m0 h+ U# t: Q
ساقچىلار دېلو مەلۇماتىغا ئاساسەن مۇھەممەدئەلىنى ئىشخانىسىغا ئىزدەپ باردى . ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ تۆت تىمىغا جۇڭگو ۋە چەتئەللىك رەھبەرلەر بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى ، ئېرىشكەن شان – شەرەپلىرى ئېسىقلىق تۇراتتى . ساقچىلار مۇھەممەدئەلىگە پارسپورتنى كۆرسىتىپ :بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ h2 V3 R! ~: u4 M* Y
- بۇ پاسپورتنى داۋۇتقا سەن ھەل قىلىپ بەرگەنمۇ ؟ - دەپ سورىدى .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! f$ J3 m+ I% S' ^
- شۇنداق .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& K( o8 _; J# O
- ئۇنداقتا بىز بىلەن ماڭ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( g& G) H' H; @5 [4 o" b7 C
- مېنىڭ كىملىكمنى بىلمەيۋاتامسىلەر ؟ مۇبادا مېنى تۇتساڭلار ، ئاقىۋىتىگە ئىگە بولالماي قالىسىلەر .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 `" Y4 O; c* T4 O1 p; S& m- تولا گەپ قىلماي بىز بىلەن ماڭ .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 l# b4 E }3 o: e. Gمۇھەممەدئەلى ج خ ئىدارىسىگە ئىلىپ كىلىندى . ئۇ سوراقتا پاسپورت بىجىرىپ بىرىش باھانىسىدە باشقىلاردىن 805 مىڭ يۈەن ئالغانلىقىنى ، ئىككى كۈن ۋاقىت بەرسە ئۇ پۇللارنى ئىگىلىرىگە قايتۇرىۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، لېكىن ساقچىلار تەكشۈرۈپ مۇھەممەدئەلىنىڭ بانكا ھېسابىدا ھىچقانچە پۇل يوقلىقىنى ئېنىقلىدى . مۇھەممەدئەلىنىڭ ج خ ئىدارىسىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان 11 زىيانلانغۇچى ئارقا – ئارقىدىن دىلو مەلۇم قىلدى . مۇھەممەدئەلى كېيىنكى سوراق جەريانىدا 55 تەك ئادەمنىڭ 805 مىڭ يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى ، بۇ پۇللار ئارقىلىق ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم گۆرۈخانىدىن ئالغان 405 مىڭ يۈەن يۇقىرى ئۆسۈملىك قەرزىنى قايتۇرغانلىقىنى ، كېيىن يەنە 300 مىڭ يۈەندەك پۇلنى لاتارىيە ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەنلىكنى ئىقرار قىلدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ A0 \$ E% t W0 f' zتۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( B* ^3 N) x, R# j V" U' P
2009 – يىلى 32 ياشلىق مۇھەممەدئەلى « شاڭخەي قىران سودا چەكلىك شىركىتى » نى قۇردى ھەمدە شۇ يىلىلا تىجارەت قىلىپ 3 مىليون يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپتى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مىسىر بىلەن لېۋىيەدە مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرنىڭ سودىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ئاڭلاپ ، 3 مىليون يۈەننىڭ ھەممىسىگە مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سېتىلىپ ، مىسىر بىلەن لېۋىيەگە چىقاردى . ئويلىمىغان يەردىن 2010 – يىلى مىسىر بىلەن لېۋىيەدە سىياسىي داۋالغۇچ بولۇپ ، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئىزچىل ياخشى بولمىدى ، بۇنىڭ تەسىرىدە مۇھەممەدئەلى زور زىيان تارتتى . ئۇ شۇ قېتىمقى زىيىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۋىلىش مەقسىتىدە ، شېنجىندىكى مەلۇم شىركەتكە تور ئارقىلىق 500 مىڭ يۈەنلىك كومپىيۇتىر زاپچاسلىرىنى زاكاز قىلدى ، بىراق بۇ شىركەت ئەۋەتكەن زاپچاسلارنىڭ ھەممىسى ساختا بولۇپ چىقتى . كېيىن مۇھەممەدئەلى ئۇ شىركەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنداق بىر شىركەتنىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكىنى ، ئۆزىنىڭ تور ئالدامچىلىرىغا ئالدانغانلىقىنى بىلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ زاپچاسلارنى بىراك مال سۈپىتىدە 35 مىڭ يۈەنگە سېتىۋەتتى . مۇھەممەدئەلى كەينى – كەينىدىن زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ، ئۈرۈمچى ، خوتەن ، قاغىلىق ، يەكەن قاتارلىق جايلارغا بىرىپ پاسپورت ، ۋېزا بىجىرىش ، چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىش قاتارلىق ناملار بىلەن باشقىلارنى ئالداپ مەبلەغ توپلىماقچى بولدى . شۇنداق قىلىپ بۇلتۇر 4 – ئاۋغۇست مەلۇم تور بىكەتتە بۇ ھەقتە ئېلان چىقاردى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# q6 H+ g% ]5 Q9 h4 rساختا پاسپورتنىڭ ئاشكارلىنىشىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% ?+ V% f! A6 e" U1 V
مۇھەممەدئالى بۇ يىل يانۋار يەكەن ناھىيىسىگە كىلىپ ، ئۆي بېزەكچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قۇربانجاننىڭ ئۆي بېزەكچىلىك دۇكىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى . بۇ چاغدا قۇربانجان مۇھەممەدئەلىنى شۇ يەرگە كەلگەنلەرگە داغدۇغا بىلەن تونۇشتۇردى . مانا شۇ كۈندىن باشلاپ مۇھەممەدئەلىنى ئىزدەيدىغان ھاجەتمەنلەر تېخىمۇ كۆپەيدى . بۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆڭلىدە : « مۇشۇ يولۇمنى كىڭەيتسەم ، بۇرۇنقىدەكلا مىليونىر ھالىتىمگە قايتالىغۇدەكمەن » دەپ ئويلاپ ، يەكەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي يۇلتۇز بىناسىدىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ ئىشخانا قىلىۋالدى . شۇنداق قىلىپ 50 نەچچە ئادەم مۇھەممەدئەلىگە پاسپورت بىجىرگۈزۈش ئۈچۈن 15 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە پۇل بەردى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% S7 T2 i8 \& ]' ]" gكۈنلەر ئۆتتى ، پاسپورت چىقمىغانچە ئىچى تىتىلدىغان كىشىلەر ئۇنى پاسپورتنى ھەل قىلىپ بىرىشكە ، ھەل قىلالمىسا پۇلنى قايتۇرۇشقا قىستىغىلى تۇردى . مۇھەممەدئەلى بۇنداق بولىۋەرسە ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ يۈرگەن كۈنلەردە ، مەكىت ناھىيىسى « دولان قويى يېتىشتۈرۈش بازىسى » بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىپ ئېچىۋاتقان 3000 مو يەر بارلىقى ، بۇ يەرگە بېتون ياتقۇزىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشتى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەكىتتە 3000 مو يېرىنىڭ بارلىقى ، تەكشىلەپ ، ئۈستىنى بېتون قىلىپ بىرىدىغانلارنى ئىزدەۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقاردى . ئېلاننى كۆرگەن ھامۇت بىلەن مامۇت مۇھەممەدئەلىنى ئىزدىدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 U" D, l/ Q3 T3 s$ E# u- بۇ يەرنى ھۆددىگە ئېلىش ھەققى 30 مىليون يۈەن ، شۇڭا ئاۋۋال 600 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرشۇڭلار كېرەك ، - دېدى مۇھەممەدئەلى . ئىككەيلەن زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن ئۇ يەرنى كۆرۈپ بىقىشنى تەلەپ قىلدى . مۇھەممەدئەلى ئۇلارنى يەرنى كۆرسىتىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال ئىجارە ئالغان توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ، يەر تەكشىلەش ، يەر چىڭداش ئاپتوموبىللىرىنى شۇ جايغا ئاپىرىپ قاتار تىزىپ قويدى ، بەش ئادەمنى چىرتىيوژ سىزغۇچى سۈپىتىدە تۇرغۇزدى ، ۋاقىتلىق چىدىرلارنى تىكىپ ، پىلاكاتلارنى ئاستى . نەتىجىدە مامۇت بىلەن ھامۇت مۇھەممەدئەلىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ، 600 مىڭ يۈەن بەردى . مۇھەممەدئەلى قۇرۇلۇش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرگەچ ، 600 مىڭ يۈەننى باشقا تىجارەتكە ئىشلەتتى ، ئىككى ئايدىن كېيىن مامۇت بىلەن ھامۇتقا : « مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن قۇرۇلۇشنى قىلالمايدىغان بولدۇق » دەپ يالغان ئېيتتى . مامۇت بىلەن ھامۇت قۇرۇلۇش قىلالمايدىغان ئىش بولسا ، پۇلنى قايتۇرۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ، ئۇ 340 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ ، قالغىنىنى كېيىن بەرمەكچى بولدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ Q, A* ^$ E2 Z# m+ tمۇھەممەدئەلى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ، ئىلگىرى قازاقىستاندا خېلى ئۇزۇن تىجارەت قىلغان جاۋ جىشىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدى . مۇھەممەدئەلى جاۋ جىشىڭنىڭ قازاقىستاندا شىركەت ئاچقانلىقى ، پاسپورت ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، ھەمكارلاشماقچى بولدى ھەمدە جاۋ جىشىڭغا بۇ يىل مايدىن تۇتۇلغىچە ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 34 ئادەمنىڭ پاسپورتىنى بىجىرگۈزۈش ئۈچۈن 340 مىڭ يۈەن ، جاۋ جىشىڭنىڭ پارچە خىراجىتى ئۈچۈن 12 مىڭ يۈەن بەردى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، مۇھەممەدئەلى جاۋ جىشىڭنىڭمۇ ئالدامچى ئىكەنلىكىنى ئۇقتى . مۇھەممەدئەلى ئۇيان ئويلاپ – بۇيان ئويلاپ ، ھاجەتمەنلەرنى ساختا پاسپورت ئارقىلىق بىر مەزگىل بولسىمۇ ئالداپ تۇرماقچى بولدى . ئۇ مەقسىتىنى جاۋ جىشىڭغا ئېيتىۋىدى ، جاۋ جىشىڭ ئۈرۈمچىدىكى يالغان پاسپورت ياسايدىغانلارغا ئون ساختا پاسپورتنى ياساتقۇزۇپ ، مۇھەممەدئەلىگە ئەۋەتىپ بەردى . مۇھەممەدئەلى بۇ ساختا پاسپورتنىڭ بىرىنى داۋۇتقا تۇتقۇزدى . داۋۇت پاسپورتنى ئالغاندىن كېيىن يەكەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى چېگرادىن چىقىپ – كىرىشنى باشقۇرۇش ئەترىتىگە باردى . ساقچىلار ئۇنىڭ پاسپورتىنى تەكشۈرۈپ ، ساختىلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ، داۋۇتتىن ھەقىقى ئەھۋالنى سۈرۈشتۈردى . داۋۇت شۇنداقلا ئالدانغانلىقىنى بىلىپ ، شۇ كۈنىلا دېلو مەلۇم قىلدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ Q& |5 k4 T' L1 d3 l' ^, vمانا مۇشۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل داڭ چىقارغان بۇ ياش جىنايەت پاتقىقىغا پىتىپ قالدى . ئۇنىڭ تىراگىدىيىسى بىزگە ئادەم ئۆزىنى بىلمىگەندە ، ئەخلاق قارىشى تۆۋەنلىگەندە ۋە قانۇننى كۆزگە ئىلمىغاندا ، ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكەن دۇچار بولىدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 \+ u6 D, ~8 _4 r. H
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% f, y9 M2 W4 b, b% k
« شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى » نىڭ 2012 – يىللىق 16 – ئۆكتەبىر سانىدىن ئېلىندى
|
|
|
|
|
|