|
|
|
|
ئەيىب كىمدە ( ئۇيغۇرتىلىدىكى ئىملا خاتالىقى ھەققىدە) ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دوستلار، مۇنبەرگە تېما يوللىمىغىلى خېلى ئۇزاق بولۇپتۇ. بۈگۈن ئازراق ۋاقىت چىقتى. شۇڭا بۇ تېمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇناي. ئىلگىرى مۇشۇ مۇنبەرگە «چالا تەرجىمانلارنىڭ كارامەتلىرى» دېگەن مەزمۇندا بىرقىسىم سۈرەتلەر يوللىنىپ، خېلى داغدۇغا قوزغىغان ئىدى ھەم ئىملا توغرىسىدا مۇنازىرە بولغان ئىدى. شۇنداقلا، ۋېۋىسكىلاردىكى، تەشۋىقات ۋاراقلىرىدىكى ئىملا خاتالىقىنى ئاساسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار، بىر قىسىم تەرجىمانلار، ۋېۋىسكا ئىشلىگۈچى خەنزۇ يولداشلار دەپ قارالغان ئىدى. مەن بۈگۈن مۇشۇ ھەقتە توختالماقچى. ئەھۋالدىن قارىغاندا، يەكۈننى ئالدىراپ چىقىرىپ قويغاندەك قىلىمىز. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، مەن يېقىندا بىر دوستۇم بىلەن ئاق قۇۋۇق(نەنمېن)دىكى تامغا ئويۇدىغان بىر دۇكانغا كىرىپ، مۇنداق بىر ئىشنى بايقىدىم. دۇكان خەنزۇنىڭ دۇكىنى بولۇپ، دۇكان ئىچىدە ئۇيغۇر خەتچىك يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن دۇكان خوجايىنىغا ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى تامغىغا ئويدۇرىدىغانلىقىمنى دېدىم. خوجايىن ماڭا «بولىدۇ، ئىسمىڭنى بۇ قەغەزگە يېزىپ بەر » دېدى. مەن ئىسمىمنى ۋە دادامنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بەردىم. خوجايىن شۇئانلا كومپىيوتېرنى ئېچىپ، ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزىدىغان ھۆججەتنى ئاچتى-دە، قەغەزدىكى خەت قانداق بولسا، شۇ خەتنى كومپىيوتېرغا كىرگۈزدى. شۇ چاغدىلا مەن ھەممىنى چۈشەندىم ۋە بۇندىن كېيىن بىزنىڭ نان تېپىپ يېيىشىمىزنىڭ تېخىمۇ تەسكە توختايدىغانلىقىنى بىلدىم. ئەمدى، دېمەكچى بولغان گەپكە كەلسەم، ۋېۋىسكا، تەشۋىقات قەغەزلىرىدە ئىملا خاتالىقىنىڭ بولۇشى يەنىلا بىزدىكى مەسىلە ئىكەن. چۈنكى، بىز ئۆزىمىز يازدۇرماقچى بولغان گەپنى ئۇلارغا توغرا يېزىپ بېرەلمىگەندىكىن، ئۇلار خەتنى كىرگۈزگەندە خاتا كىرگۈزۈپ، شۇ بويىچە بېسىپ چىقىرىدىكەن. ئىش پۈتكەندىن كېيىنمۇ ئىشنى قىلدۇرغۇچى ئادەم ئۇنىڭدىكى خەتنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى بىلمىگەندىكىن، دۇكىنىنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويۇۋىرىدىكەن. بىز ئالدىنقى تېمىدا تەنقىد قىلغان تەرجىمانلار«چالا تەرجىمان»لار ئەمەسكەن. بەلكى، كومپىيوتېردىكى خەنزۇچىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىدىغان قۇرال(دېتال) چالىكەن. ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلمايدىكەن، تۈزلا تەرجىمە قىلىدىكەن. بىر قىسىم خەنزۇ يولداشلارنىڭ دۇكانلىرىغا ۋېۋىسكا ئىشلىگەندە، ئۇيغۇرچىسىنى شۇ قۇرال ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ باسىدىكەن. خوش ، ئۇنداقتا ئەيىب كىمدە ئىكەن؟ مەن شۇنداق دەيمەنكى، ئەيىب بىزدە. ئۇيغۇرتىلى ساۋادىمىزنى ياخشى چىقارمىغانلىقىمىزدا ئىكەن. سودىگەرلىرىمىزنىڭ پۇل تېپىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، «ئېلىپبە»نى ئۇنتۇپ قالغانلىقىدا ئىكەن. بۇنداق دېسەم، بەزىلەر ۋېۋىسكا ئىشلەيدىغانلار ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتسە بولمامدۇ دېيىشى مۇمكىن، ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، بۇ بازار ئېگىلىكى دەۋرى، ھېچكىم ھېچكىمگە ئارتۇق پۇل بېرىشنى خالىمايدۇ. ئۆزى قىلالايدىغان ئىشنى ئالاھىدە زۆرۈرىيەت تۇغۇلمىسا، باشقىلارغا ھەق بېرىپ قىلدۇرمايدۇ. شۇڭا ئۇ ۋېۋىسكا ئىشلەيدىغانلارمۇ ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتمەيدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇگۈنكى دەۋردە ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتمىدىڭ دەپ ئاساسسىز ئاغرىنغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئىچىدە، جەمئىيەتتتىكى شۇنداق ئىشلارنى كۈتۈپ تۇرغانلار ئىچىدە «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» كۆرۈپ چىققان، ئۇيغۇرتىلىنى ئۆلچەملىك يازالايدىغان ياشلار قانچىلىك؟ بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. يەنە بىرى، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلان شىركەتلىرى ۋە ۋېۋىسكا ئىشلەيدىغان ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ ئۇيغۇرتىلىنى ئۆلچەملىك يېزىش نىسبىتى قانچىلىك؟ «ئې»،«ئى» ھەرپلىرىنىڭ، «ئو» ،«ئۇ» ھەرپلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى پەرق قىلالايدىغانلار قانچىلىك بۇمۇ جىددى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. ئىملا خاتالىقى يۈز بېرىش سەۋەبىنىڭ ئۆزىمىزدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر مىسال، مۇشۇ مۇنبەرگە يوللانغان ئانا تىلىمىز ھەققىدىكى ئۈرۈمچى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ«چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر» دېگەن پىروگېراممىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن فىلىمدۇر. مۇنبىرىمىزدىمۇ ئىملاغا دىققەت قىلايلى دەپ ئەسكەرتىش بەرسە، پەرۋايىغا ئالماي خەت يېزىۋېرىدىغان، ھەتتا، ئۇنداق دېگەنلەرنى تىللايدىغان، كەينىدىن ئىت قوغلىغاندەك خەت يازىدىغان، «دەپتەردە ساۋادى چىقىپ، توردا ساۋادى چىقمىغان» تورداشلىرىمىز كۆپ. مەن بۇلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا، ئانا تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن بولسىمۇ، ئىملاغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ،ۋېۋىسكىلاردىكى خاتا خەتلەرنى كۆرگەندە، خوجايىنغا ئەسكەرتىپ قويۇشنى، مۇنبەردە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا دىققەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. كوچىلاردا ئانا تىلىمىزنى بويۇن قىستۇرماسلىقنىڭ بىرلا ئۇسۇلى بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇرتىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىملاغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش.
|
|
|
|
|
|