مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 473|ئىنكاس: 8

مەۋلۇدقەسىدىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83187
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3209
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2012-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 02:16:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نامىغا بېغىشلانغان قەسىدىلەر


بۈگۈن پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،

ھىدايەت ئالەمگە چېچىلغان كۈنى.

بىلگىل ئى كائىنات قانداق ئىنسان ئۇ،

دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئالغان يۈكىنى.


ئەرەب دەشتىسىدە تۇغۇلغان ئىدى،

ئۇلۇغ رەببىمىزنىڭ ئەلچىسى ئىدى.

زالالەت ئىچىدە قالغان ئۇممەتنىڭ،

جەننەت يوللىرىدا باشچىسې ئىدى.


ئۇنىڭ نۇرلىرىدا زۇلمەتلەر ئۆچتى،

شەيتانلار يىڭىلدى، تاغۇتلار كۆچتى.

ئويغاندى قەلىبلەر، يايرىدى دىللار،

ۋەھىيلەر ئاسماندىن يەرگە ئۆزلەشتى.


 

پەيغەمبىرىمىز كىم؟ قاچان، قەيەردە توغۇلغان؟


نەچچە تۈمەن پەيغەمبەر،

ئىنسانلارنىڭ ئۈلگىسى.

بىر ئاللاھقا چاقىرغان،

پەيغەمبەرنىڭ ھەممسى.


ئاخىرقىسى مۇھەممەد،

بىزگە كەلگەن ئەلچىسى.

تۇغۇلغاندۇر مەككىدە،

ئۇندا ئالەم قىبلىسى.


تۇغۇلغان ئۇ ھەبەشلىك،

پىللار مەغلۇپ بولغاندا.

مىلادىيغا بەش ئەسىر،

يەتمىش بىر يىل تولغاندا.


شۇ كۈن رەبىئۇل ئەۋۋەل،

ئون ئىككىىسى بولغانكەن.

چوڭ دادىسى مۇتەللىب،

"مۇھەممەد" ئات قويغانكەن.


يېتىم بولۇپ قورساقتا،

دادىسىنى كۆرمىگەن.

ئالتە ياشتا ئانىسى،

بۇ دۇنياغا خوش دىگەن

ئىنسانلارنىڭ ئۈلگىسى.

بىر ئاللاھقا چاقىرغان،

پەيغەمبەرنىڭ ھەممسى.


ئاخىرقىسى مۇھەممەد،

بىزگە كەلگەن ئەلچىسى.

تۇغۇلغاندۇر مەككىدە،

ئۇندا ئالەم قىبلىسى.


تۇغۇلغان ئۇ ھەبەشلىك،

پىللار مەغلۇپ بولغاندا.

مىلادىيغا بەش ئەسىر،

يەتمىش بىر يىل تولغاندا.


شۇ كۈن رەبىئۇل ئەۋۋەل،

ئون ئىككىىسى بولغانكەن.

چوڭ دادىسى مۇتەللىب،

"مۇھەممەد" ئات قويغانكەن.


يېتىم بولۇپ قورساقتا،

دادىسىنى كۆرمىگەن.

ئالتە ياشتا ئانىسى،

ئاتىلىرى ئابدۇللاھ،

ئاندىن ئابدۇل مۇتەللىب.

ئۇندىن ئۆتسە ھاشىم ۋە،

ئابدۇ ماناف ئىسملىك.


ئابدۇ مانافنىڭ ئۈستى،

قۇسەي ئىبنى كىلابدۇر.

مۇررە ئىبنى لۇئەيدىن،

ئۆتسە غالىب فىھرىدۇر.


تۇتىشىدۇ نەسەبى،

بوۋىمىز ئىبراھىمغا.

ئىسىللىكى مەلۇمدۇر،

ئامۇ-خاسقا، ئالىمغا.


خۇشپۇراققا تولسۇن قەبرىڭىز،

سالام رەھمەت قىلسۇن رەببىمىز.

ئى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ قۇلى،

سىزگە ئۈممەت بولۇش پەخرىمىز.


پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرى كىملەر؟


ئاياللىرى خەدىچە،

ئۇممۇ سەلمە ئائىشە.

ھىندى، زەينەپ، مەيمۇنە،

ھەفسە ئۇممۇ ھەبىيبە.


جۈۋەيرىيە، سەپىييە،

سەۋدەمۇ ھەم ئايالى.

مارىيە ھەم رەيھانە،

كېنىزىكى پىدايى.


مۇسۇلمانلار تۆتتىن كۆپ،

خوتۇن ئالسا بولمايدۇ.

پەيغەمبەرنى ھىچ مۇئمىن،

ئۆزىگە قىياس قىلمايدۇ.


ئۆيلىنىشى ئىھتىياج،

ئىدى دىنى خىزمەتنىڭ.

ئاشۇ تەقۋا ئاياللار،

ئانىسدۇر ئۈممەتنىڭ.


پەيغەمبەرئەلەيھسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى

خەدىچە


يىگىرمە بەش يېشىدا،

خەدىچەگە ئۆيلەنگەن.

ئاللاھ ئاڭا ئۇنىڭدىن،

جۇپ ئوغۇل تۆت قىز بەرگەن.


چۈچىگەندە ۋەھىيدىن،

پەيغەمبەرنى يۆگىگەن.

رەببىڭ سېنى تاشلىماس،

دېگەن سۆزنى ئۇ دېگەن.


ئۇدۇر تۇنجى مۇسۇلمان،

خىزمەتلىرى تەڭداشسىز.

جەننەتتە بىر ئۆيى بار،

شاۋقۇن-سۈرەن ۋارۋارسىز.


جەننەتتىكى ئەڭ ئەۋزەل،

تۆت ئايالنىڭ بىرسى ئۇ.

قالغان ئۈچى فاتىمە،

ئاسىيە ۋە مەريەم شۇ

خەدىچە


يىگىرمە بەش يېشىدا،

خەدىچەگە ئۆيلەنگەن.

ئاللاھ ئاڭا ئۇنىڭدىن،

جۇپ ئوغۇل تۆت قىز بەرگەن.


چۈچىگەندە ۋەھىيدىن،

پەيغەمبەرنى يۆگىگەن.

رەببىڭ سېنى تاشلىماس،

دېگەن سۆزنى ئۇ دېگەن.


ئۇدۇر تۇنجى مۇسۇلمان،

خىزمەتلىرى تەڭداشسىز.

جەننەتتە بىر ئۆيى بار،

شاۋقۇن-سۈرەن ۋارۋارسىز.


جەننەتتىكى ئەڭ ئەۋزەل،

تۆت ئايالنىڭ بىرسى ئۇ.

قالغان ئۈچى فاتىمە،

ئاسىيە ۋە مەريەم شۇ

خەدىچە


يىگىرمە بەش يېشىدا،

خەدىچەگە ئۆيلەنگەن.

ئاللاھ ئاڭا ئۇنىڭدىن،

جۇپ ئوغۇل تۆت قىز بەرگەن.


چۈچىگەندە ۋەھىيدىن،

پەيغەمبەرنى يۆگىگەن.

رەببىڭ سېنى تاشلىماس،

دېگەن سۆزنى ئۇ دېگەن.


ئۇدۇر تۇنجى مۇسۇلمان،

خىزمەتلىرى تەڭداشسىز.

جەننەتتە بىر ئۆيى بار،

شاۋقۇن-سۈرەن ۋارۋارسىز.


جەننەتتىكى ئەڭ ئەۋزەل،

تۆت ئايالنىڭ بىرسى ئۇ.

قالغان ئۈچى فاتىمە،

ئاسىيە ۋە مەريەم شۇ

خەدىچە


يىگىرمە بەش يېشىدا،

خەدىچەگە ئۆيلەنگەن.

ئاللاھ ئاڭا ئۇنىڭدىن،

جۇپ ئوغۇل تۆت قىز بەرگەن.


چۈچىگەندە ۋەھىيدىن،

پەيغەمبەرنى يۆگىگەن.

رەببىڭ سېنى تاشلىماس،

دېگەن سۆزنى ئۇ دېگەن.


ئۇدۇر تۇنجى مۇسۇلمان،

خىزمەتلىرى تەڭداشسىز.

جەننەتتە بىر ئۆيى بار،

شاۋقۇن-سۈرەن ۋارۋارسىز.


جەننەتتىكى ئەڭ ئەۋزەل،

تۆت ئايالنىڭ بىرسى ئۇ.

قالغان ئۈچى فاتىمە،

ئاسىيە ۋە مەريەم شۇ

پەيغەمبەرگە ھىچكىممۇ،

ئىشەنمەستە ئىشەنگەن.

مال-مۈلكىنى پەيغەمبەر،

يوللىرىدا خەجلەنگەن.


كەلسە قاچان جىبرىئىل،

سالام ئېيتاتتى باشتا.

ھىجرەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن،

كەتكەن ئاتمىش بەش ياشتا.


سەۋدە


ئىككىنچىسى سەۋدە دۇر،

ھەبەش كۆرگەن مۇھاجىر.

ئىرى ئۆلۈپ ھىجرەتتە،

ينىپ كەلگەن مۇساپىر.


قوغداش ئۈچۈن پەيغەمبەر،

نىكاھىغا ئالغانكەن.

نۆۋىتىنى ئۆتۈنۈپ،

ئائىشەگە بەرگەنكەن.


ئائىشەمۇ ئۇنىڭدەك،

ئېسىل بولسام دەپتىكەن.

نىكاھ سۈلھى ئايىتى،

ئۇ ھەققىدە كەپتىكەن

ئائىشە


ئۈچىنچىسى ئائىشە،

مۇئمىن ئۆيدە تۇغۇلغان.

ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى،

ئانىسى ئۇممۇ رۇممان.


ھۇمەيرادۇر لەقىمى،

تارىختا نامى قالغان.

ئاياللىرى ئىچىدە،

رەسۇل ئۇنى قىز ئالغان.


رەسۇلۇللاھ ئەڭ ياخشى،

كۆرگەن ئىنسان ئىككىدۇر.

بىرى ئاشۇ ھۇمەيرا،

بىرى ئەبۇ بەكرىدۇر.


سالام دېگەن جىبرىئىل،

ۋەھى ئىلىپ كەلگەندە.

ئۇ سەۋەپلىك تەيەممۇم،

چۈشكەن سۇسىز يۈرگەندە

ئائىشەنىڭ ئىلمىنىڭ،

بەھرىسى كۆپ ئۈممەتكە.

ئىككى مىڭدىن كۆپ ھەدىس،

قالغان ئۇندىن مىللەتكە.


رەسۇل ئۇنىڭ ئۆيىدە،

قۇچاغىدا جان بەرگەن.

شۇ چاغلاردا ئائىشە،

ئون سەككىز ياشقا كىرگەن.


بۆھتانلارغا قالغاندا،

ئاللاھ ئۇنى ئاقلىغان.

ئاتمىش ئۈچ يىل ياشاپلا،

بۇ دۇنيانى تاشلىغان.


ھەفسە


ئۆمەر قىزى ھەفىسە،

تۆتىنچى بوپ ئايالى.

ئۇ مۇسھەپنى ساقلىغان،

بولۇپ دىنغا پىدايى

ۋاپات بولغان مەزگىلى،

قىرىق بىرى ھىجرەتنىڭ.

خەلىپىنىڭ قىزى ئۇ،

ئانىسى ھەم ئۇممەتنىڭ.


زەينەپ بىنتى خۇزەيمە


زەينەپ بىنتى خۇزەيمە،

بەشىنچىسى بولغانكەن.

ئىككى ئايلا ئۆي تۇتۇپ،

ئاخىرەتكە ماڭغانكەن.


داڭقى چىققان تارىختا،

ئاڭلاپ ئاجىز نالىسى.

ساخاۋەتلىك نامىدۇر،

مىسكىنلەرنىڭ ئانىسى.


 

ئۇممۇ سەلەمە


تۆتى ئىدى ھىجرەتنىڭ،

ئۇممۇ سەلمەنى ئالغان.

جىبرىئىلنى دىھيەتۇل،

كەلبىمىكىن دەپ قالغان.


ئۆلۈپ ئىرى ھىجرەتتە،

مۇساپىر بوپ قېپ قالغان.

دىگەچ ۋەخلۇفنا خەيرەن،

پەيغەمبەر ئۇنى ئالغان.


 

ساھابىلەر ئىچىدە،

فەقىھلەردىن ئۇمۇ بار.

مۇساپىرغا ئوزۇقچى،

دىگەن گۈزەل نامى بار.


ھۈدەيبىيە كۈنىسى،

رەسۇل ئاڭا كېڭەشكەن.

رەسۇل چىققاچ ئىھرامدىن،

سەھابىلەر ئەگەشكەن

.

ئائىشەدىن قالسىلا،

ھەممىدىن كۆپ ھەدىيسى.

شاگىرت ئاڭا ساھابە،

تابىئىلەر جىمىيسى.

ياشاپ توقسان يىللارچە،

دىنغا بەرگەن زور مىراس.

رازى بولسۇن رەببىمىز،

ئامىن دەيلى ئامۇ-خاس.


ئالتىنچىسى بۇلۇپ ئۇ،

بولغان ئانا ئۈممەتكە.

ئاتمىش ئۈچى ھىجرەتنىڭ،

كەتكەن ئۇ ئاخىرەتكە.


جۇۋەيرىيە


مۇستەلەقتىن ئولجىغا،

چۈشكىنى جۇۋەيرىيە.

ئالتىنچىسى ھىجرەتنىڭ،

بولغان ئۇممۇل مۇئمىنە.


ئۇ سەۋەپلىك جەمەتى،

ئازات بولغان قۇللۇقتىن.

ئەللىك ئالتە ھىجرەتنىڭ،

كەتكەن بۇ دۇنيالىقتىن.


زەينەپ بىنتى جەھىش


سەككىزىنچى ئايالى،

زەينەپ بىنتى جەھىشكەن.

ئىلىپ بەردۇق ساڭا دەپ،

ئاللاھدىن ۋەھى چۈشكەن.


زەيد ئىبنى ھارىسنىڭ،

نىكاھىدىن ئاجراشقان.

شەرىئەتتە ئۈممەتكە،

نىكاھدا بىر يول ئاچقان.


قولى ئۇزۇن ئەمگەكچان،

سەدىقىدىن يول تاپقان.

رەسۇلۇللاھ كېتىپلا،

ئارقىدىن ۋاپات تاپقان.


مىجەزى ئوڭ ئەخلاقلىق،

پىتنىلەردىن ساقلانغان.


ئۇممۇ ھەبىيبە

ئاندىن ئۇممۇ ھەبىيبە،

ھىندى دەپمۇ ئاتالغان.

ھەبەشتىكى ناجاشى،

توي قىلىپ يولغا سالغان.


قوبۇل قىلغان خوجىمىز،

ناجاشىدىن ھۆرمەت دەپ.

مۇئاۋىيە دەۋرىدە،

دەركەن ۋاپات بولغان دەپ.


سەفىييە


سەفىييە بىنتى ھۇيەي،

مۇسا ھارۇن ئەۋلادى.

ئاتا، تاغا ئېرى ھەم،

پەيغەمبەر دەپ داڭلاندى.


ئىسىللىقى تەڭداشسىز،

گۈزەللىكتە يىگانە.

مەيمۇنە


مەيمۇنەمۇ ئاخىرقى،

ئون بىرىنچى ئايالى.

ھىجرەتنىڭ يەتتىسىدە،

پۈتكەن ئۇنىڭ نىكاھى.


نىكاھلانغان سەرەپتە،

ۋاپات بولغان سەرەپتە.

ھىجرەتنىڭ ئاتمىش ئۈچى،

كەتكەن ئىززەت شەرەپتە.


خۇشپۇراققا تولسۇن قەبرىڭىز،

سالام رەھمەت قىلسۇن رەببىمىز.

ئى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ قۇلى،

سىزگە ئۈممەت بولۇش پەخرىمىز.


بالىلىرى


پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەۋلادلىرى كىملەر؟

بالىلىرى قاسىمدۇر،

ئابدۇللاھ ھەم ئبىراھىم.

ئۇممۇ كۇلسۇم روقىيە،

فاتىمە زەينەپ ئايىم.


ئارىسىدا ئىبراھىم،

مارىيەنىڭ بالىىسى.

خەدىچەدىن تۇغۇلغان،

ئىبراھىمدىن باشقىسى.


نەبۇۋۋەتتىن بۇرۇنلا،

كۆپىنچىسى تۇغۇلغان.

فاتىمە ۋە ئىبراھىم،

نەبۇۋۋەتكە قوشۇلغان.


 

ئۆلۈپ كەتكەن بۇرۇنلا،

باللىرىنىڭ ھەممىسى.

قالغان پەقەت پاتىمە،

ھەسەن-ھۈسەن نەۋرىىسى.

خۇشپۇراققا تولسۇن قەبرىڭىز،

سالام رەھمەت قىلسۇن رەببىمىز.

ئى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ قۇلى،

سىزگە ئۈممەت بولۇش پەخرىمىز.


پەيغەمبەرىمىزنىڭ ساھابىلىرى كىملەر؟


ساھابىلەر كۆز بىلەن،

پەيغەمبەرنى كۆرگەنلەر.

پەيغەمبەرنى ھاياتى،

بەدىلىگە سۆيگەنلەر.


قىين كۈندە ئىسلامغا،

ھامى بولغان كۈچ بولغان.

قوغداش ئۈچۈن ئىماننى،

سىناقلارغا دۇچ بولغان.


ئۇلار شۈنچە پىداكار،

سۆز ھەركەتتە ئادىلدۇر.

پەيغەمبەردىن ئۆگەنگەچ،

ئىمانلىرى كامىلدۇر.


رازى بولغاچ رەببىمىز،

ھاياتىدىن ئۇلارنىڭ.

ئەڭ ياخشى دەپ نامى بار،

قۇرئاندىمۇ شۇلارنىڭ.


مەككىلىكلەر مۇھاجىر،

دىن دەپ يۇرىتتىن كەچكەنلەر.

مەدىينىلىك ئەنسارى،

پەيغەمبەرنى كۈتكەنلەر.


 

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ يىقىن تۆت دوستى كىملەر؟


قىين ئاتا ئىككى دوست،

ئەبۇ بەكىرى، ئۆمەردۇر.

ئەلى، ئوسمان كۈيئوغلى،

دوسلۇققا جان بىرەدۇر.

جەننەتتىن بىشارەت بىرىلگەن كىشىلەر كىملەر؟


ئون كىشىگە پەيغەمبەر،

خەۋەر بەردى جەننەتتىن.

ھايات تۇرۇپ شادلاندى،

خۇشخەۋەردىن – نېئمەتتىن.


ھەدىسلەردە تەپسىلى،

قۇرئاندا بار ئىشارەت.

بىلىپ قىلىڭ ئون كىشى،

مۇنۇلاردىن ئىبارەت؛


ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ھەم،

ئوسمان، ئەلى، چاھار يار.

ئەبۇ ئۇبەيدە جەرراھ،

زۇبەيرە ھەم ساندا بار.


سەئدىبنى ئەبى ۋەققاس،

سەئد ئبنى زەيد ئىسمىداش.

تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللا،

ئابدۇرراھمان ئەۋف شاش.

ئۇندىن باشقا ئۈچەيلەن،

ھەم جەننەتكە كىرگەيلەر.

مەشھۇر ئەمەس ۋە لېكىن،

ھەدىس كۆرگەن بىلگەيلەر.


سەئد ئىبنى مۇئاز نىڭ،

لۆڭگىسنى ئەسلەڭلار.

خەدىچەنىڭ جەننەتتە،

ئۆيى بار دەپ ئويلاڭلار.


بىلالنىڭ كەش ئاۋازى،

جەننەتلەردە ئاڭلانغان.

تاھارەتسىز يۈرمەسلىك،

خىسلەتلىرى داڭلانغان.


پەيغەمبىرىمىز بىزنى نېمىگە چاقىردى؟قانچە ياشتا دۇنيادىن كەتتى.؟


قىرىق ياشتا ئاللاھدىن،

پەيغەمبەر قىپ تاللاندى.

تۈنجى ۋەھى ھىرادا،

ئوقۇ بىلەن باشلاندى.

ئۇندىن باشقا ئۈچەيلەن،

ھەم جەننەتكە كىرگەيلەر.

مەشھۇر ئەمەس ۋە لېكىن،

ھەدىس كۆرگەن بىلگەيلەر.


سەئد ئىبنى مۇئاز نىڭ،

لۆڭگىسنى ئەسلەڭلار.

خەدىچەنىڭ جەننەتتە،

ئۆيى بار دەپ ئويلاڭلار.


بىلالنىڭ كەش ئاۋازى،

جەننەتلەردە ئاڭلانغان.

تاھارەتسىز يۈرمەسلىك،

خىسلەتلىرى داڭلانغان.


پەيغەمبىرىمىز بىزنى نېمىگە چاقىردى؟قانچە ياشتا دۇنيادىن كەتتى.؟


قىرىق ياشتا ئاللاھدىن،

پەيغەمبەر قىپ تاللاندى.

تۈنجى ۋەھى ھىرادا،

ئوقۇ بىلەن باشلاندى.

ئۇندىن باشقا ئۈچەيلەن،

ھەم جەننەتكە كىرگەيلەر.

مەشھۇر ئەمەس ۋە لېكىن،

ھەدىس كۆرگەن بىلگەيلەر.


سەئد ئىبنى مۇئاز نىڭ،

لۆڭگىسنى ئەسلەڭلار.

خەدىچەنىڭ جەننەتتە،

ئۆيى بار دەپ ئويلاڭلار.


بىلالنىڭ كەش ئاۋازى،

جەننەتلەردە ئاڭلانغان.

تاھارەتسىز يۈرمەسلىك،

خىسلەتلىرى داڭلانغان.


پەيغەمبىرىمىز بىزنى نېمىگە چاقىردى؟قانچە ياشتا دۇنيادىن كەتتى.؟


قىرىق ياشتا ئاللاھدىن،

پەيغەمبەر قىپ تاللاندى.

تۈنجى ۋەھى ھىرادا،

ئوقۇ بىلەن باشلاندى.

ئون ئۇچ يىلدا مەككىدە،

يىتەكلىدى ئۇممەتنى.

قۇرۇپ چىقتى ئون يىلدا،

مەدىينىدە دەۋلەتنى.


تەۋھىد ئىىيمان ئۈگەتتى،

توغرا يولنى كۆرسەتتى.

زالالەتكە پاتقانغا،

قىيامەتنى ئەسلەتتى.


ئىلىپ كەلدى شەرىئەت،

تەڭشەش ئۈچۈن دۇنيانى.

ئوخشاش دىدى ئۇنىڭدا،

قۇل ھەم جاھان سۇلتانى.


ھاياتىنى بىز ئۈچۈن،

ئۈممىتىم دەپ ئۆتكۈزدى.

تەۋسىيەيىم ناماز ھەم،

ئاياللار دەپ جان ئۈزدى.


ئازات قىلىپ مەككىنى،

دىننى تولۇق يەتكۈزۈپ.

لەببەي دىدى رەببىگە،

ئاتمىش ئۈچ يىل ئۆتكۈزۈپ.


خۇشپۇراققا تولسۇن قەبرىڭىز،

سالام رەھمەت قىلسۇن رەببىمىز.

ئى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ قۇلى،

سىزگە ئۈممەت بولۇش پەخرىمىز.


پەيغەمبەر تىبابىتى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟


ئۆلۈم بىلەن قىرىلىق،

ئىلاجى يوق كىسەلدۇر.

ئۇندىن باشقا كىسەلگە،

دورا قىلسا كىتەردۇر.


ئاشقازاندىن باشلىنار،

كىسەللەرنىڭ يىلتىزى.

كىسەل قىلار ئادەمنى،

ئۇنىڭ تويماس ئاچ كۆزى.


ساغلام بولۇر ئاز يىگەن،

قورساقنى ئۈچكە بۆلگەن.

روزا تۇتساڭ ساغلامسەن،

پەيغەمبەر شۇنداق دېگەن.


ھەدىسلەردە بىر قىسىم،

دورىلاردىن بايان بار.

ھەسەل بىلەن زەنجىۋىل،

ھەم پاتىھە - قۇرئان بار.


سانا بىلەن سىيادان،

زەيتۇن، خورما شىپالىق.

موگو بىلەن سۈرمىلەر،

قىلار كۆزنى جۇلالىق.


قاچما ۋابا بار يۇرتتىن،

توختا بولساڭ كىرمەكچى.

ئەڭ شىپالىق دورىدىن،

ئالدىنى ئېلىش ياخشى.


پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى قانداق ئىدى؟


بۈيۈك ئەخلاق ئىگىسى،

ئىنسانلارنىڭ ئۈلگىسى.

مۇرىسىدە بار ئىدى،

پەيغەمبەرلىك بەلگىسى.


ئايىغىنى يامايتى،

قويلىرىنى ساغاتتى.

ئائىلىسىگە كۆيۈمچان،

نەۋرسىنى باقاتتى.


ئاجىزلارغا كۆيەتتى،

يېتىملارنى سۆيەتتى.

بىللە تۇرۇپ بىللە يەپ،

كېسەللەرنى كۆرەتتى.


شاھلارچە سۈر ھەيۋەتلىك،

ھەشەم بىلەن يۈرمەيتى.

قايسىڭلار ئۇ مۇھەممەد،

سورىمىغان بىلمەيتى.


ھەرخىل ئۇلاغ مىنەتتى،

ئاددى كېيم كىيەتتى.

قۇللار بىلەن مۇڭدىشىپ،

بازارلاردا يۈرەتتى.


ئاللاھنى كۆپ يادلايتى،

بىھۇدە گەپ قىلمايتى.

كۈلگە چاقچاق قىلسىمۇ،

خاتاغا يول قويمايتى.


ئىقتىدارلىق ئادەمنى،

قەدىرلەيتى ئاسرايتى.

كۆيۈنەتتى ئاجىزغا،

ناماز ئوقۇپ تويمايتى.


مىجەزى بەك يېقىملىق،

دىلغا ئازار بەرمىدى.

ئاللاھ ئۈچۈن رەنجىيتتى،

خوشلىغى ئاللاھ ئىدى.


دۈشمىنىمۇ ئۇ زاتنى،

ئىشەنچىلىك كۆرەتتى.

ئەھلى كىتاپ ئۈنىڭغا،

ئەرىز قىلىپ كىلەتتى.


پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇرقى قانداق كىشى ئىدى؟


قامەتلىرى كېلىشكەن،

چىرايلىرى ئاق، قىزىل.

چاچلىرى قۇلاق باسقان،

كۆزلىرى چوڭ بەك ئېسىل.


دانە دانە چىشلىرى،

ئېغىزى چوڭ قاملاشقان.

پىشانىسى كەڭ ھەمدە،

ئورغاق ئايغا ماسلاشقان.


گەۋدىسى كەڭ قامەتلىك،

بارماقلىرى چوڭ، دانە.

خۇددى دۆڭدىن چۈشكەندەك،

مىڭىشلىرى مەردانە.


تېنى ئىدى خۇش پۇراق،

مەرۋايىتتەك تەرلىشى.

خىلى ئۈزۇن پۇرايتى،

ماڭغان يولى، قول ئىزى.


باشلىرى چوڭ ساقاللىق،

خۇشخۇي، ھۆرمەتكە لايىق.

ھەركىم دەيتى بۇنداق زات،

كۆرمىگەن بىز خالايىق.


تولۇق سۆزلەپ ئۆتۈشكە،

ئىلھام قىلدى ئەبگالىق.

بۇلار بەزى سۈپىتى،

ھەممە دىيىش نالايىق.


خۇشپۇراققا تولسۇن قەبرىڭىز،

سالام رەھمەت قىلسۇن رەببىمىز.

ئى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ قۇلى،

سىزگە ئۈممەت بولۇش پەخرىم

مەنبە؛ ئەۋلات تورى .  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gomnam + 39 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15053
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1154 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 04:38:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇرقى قانداق كىشى ئىدى؟

قامەتلىرى كېلىشكەن،
چىرايلىرى ئاق، قىزىل.
چاچلىرى قۇلاق باسقان،
كۆزلىرى چوڭ بەك ئېسىل.

دانە دانە چىشلىرى،
ئېغىزى چوڭ قاملاشقان.
پىشانىسى كەڭ ھەمدە،
ئورغاق ئايغا ماسلاشقان.

گەۋدىسى كەڭ قامەتلىك،
بارماقلىرى چوڭ، دانە.
خۇددى دۆڭدىن چۈشكەندەك،
مىڭىشلىرى مەردانە.

تېنى ئىدى خۇش پۇراق،
مەرۋايىتتەك تەرلىشى.
خىلى ئۈزۇن پۇرايتى،
ماڭغان يولى، قول ئىزى.

باشلىرى چوڭ ساقاللىق،
خۇشخۇي، ھۆرمەتكە لايىق.
ھەركىم دەيتى بۇنداق زات،
كۆرمىگەن بىز خالايىق.

تولۇق سۆزلەپ ئۆتۈشكە،
ئىلھام قىلدى ئەبگالىق.
بۇلار بەزى سۈپىتى،
ھەممە دىيىش نالايىق.

خۇشپۇراققا تولسۇن قەبرىڭىز،
سالام رەھمەت قىلسۇن رەببىمىز.
ئى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ قۇلى،
سىزگە ئۈممەت بولۇش پەخرىم

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6877
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 05:00:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېتىم بولۇپ قورساقتا،

دادىسىنى كۆرمىگەن.

ئالتە ياشتا ئانىسى،

بۇ دۇنياغا خوش دىگەن

ئىنسانلارنىڭ ئۈلگىسى.

بىر ئاللاھقا چاقىرغان،

پەيغەمبەرنىڭ ھەممسى

سىزنىڭ تېخى ھىلىقى ئىشلار ۋاقتىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى تەقدىم قىلغان پەيتىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدە قىممىتىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشكەن ۋاقتىدۇر. ئەگەر سىز بارلىقىڭىزنى ئوغۇل دوستىڭىزغا ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىز، ئۇنداقتا بولغۇسى ئېرىڭىزگە  زادى نېمىڭىزنى بىرىسز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3622
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 03:25:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كورگەن تارىخلار دا  پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرى توققۇز دەپ كۆرگەندەك ئېسىمدە  لېكىن بۇ ئون بىر دەپ تۇرىدۇ يا؟

خەلىيلۇللاھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5476
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2012-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 06:07:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئىر دىگەن مۇشۇنداق بۇلىدۇ

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86300
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-10-20
ئاخىرقى: 2012-11-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 09:53:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياىشى  تىما ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86787
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2012-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 12:26:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
顶你,支持楼主!有意思













باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86877
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 08:30:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86787
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2012-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 02:03:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
谢谢您阿,我非常高兴













كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش