قۇربان ھىيتتا قوي ئۆلتۈرۈش ، ھەر-بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىگە پەرھىز ، بۇ-بىر خىل ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۇسۇلى .
بەزى كىشىلەر ، قۇربان ھىيتتا ، قوي ئۆلتۈرۈشنىڭ ئسلام دىنىدا پەرھىز قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ .
لىكىن نىمە ئۈچۈن قوي ئۆتۈرۈردىغانلىقىنى ، گۆشىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ، قانداق بولۇپ بۇ ئىشنىڭ پەرھىز قىلىپ بىكىتىلگەنلىكىنى بىلمەسلىگى مۆمكىن .
بۇ چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان مەجبۇرىيەت . ئىقتىسادى تەخمىنەن ئۈچ قوي ئىلىشقا يەتكەن ، ھەرقانداق بىر ئائىلە قىلىشقا تىگىشلىك ئىش . ئىقتىسادى يۇقىرى كىشىلەر بىر-قانچە قوي ئۆلتۈرسىمۇ بولىدۇ ، كالا ئۆلتۈرسىمۇ ۋە ياكى تۆگە ئۆلتۈسىمۇ بولىدۇ . دىمەك قانچىلىك قىلالىسا شۇنچىلىك ساۋاپ ئالىدۇ .
ئىقتىسادى بىر قەدەر ناچار ئائىلىلەر قوي ئىلىشقا قۇربى يوق بولسا ، بىر خوراز بولسىمۇ بولىدۇ .
ئۇنىڭغىمۇ قۇربى يەتمىسە ، بىر دانە كەپتەر ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلسۇن ، دىيىلگەن .
قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ گۆشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز ؟
نۇرغۇن كىشىلەر ، قۇربانلىق ئۈچۈن قوي ئۆلتۈرسەكلا بولىدۇ ، دەپ قارايدىكەن . ياكى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر يەپ تۈگىتىدىكەن . بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس .
ئۇ گۆشتە يوقسۇللارنىڭ ، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭمۇ ھەققى بار .
قوينى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن گۆشنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى يوقسۇللارغا ئۈلەشتۈرۈپ بىرىمىز .
بىر قىسمى ئۇرۇق-تۇققان ، دوس-بۇرادەرلەر ئۈچۈن ئىلىپ قىلىنىدۇ .
ئاخىرقى بىر قىسمى شۇ ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن قالىدۇ . قالغان قىسمىنى شۇ كۈنىلا يەپ تۈگەتسىمۇ ، ساقلاپ يىسىمۇ بولىدۇ .
لىكىن ئسىڭىزدە بولسۇنكى يوقسۇللارغا بىرىلمىگەن قۇربانلىق قوينىڭ گۆشى قاسساپتىن ئالغاندىن پەرقلەنمەيدۇ ، بۇ قانداقمۇ قۇربانلىق بولسۇن .
بۇرغۇن كىشىلىرىمىز پەرھىزنى ئادا قىلىمىز دەپ قوي ئۆلتۈرىدۇ ، لىكىن بۇ ئىشقا دىققەت قىلمايۋاتىدۇ .
بىلمىسە ئۇنىڭغا ئامال يوق ، بىلىپ تۇرۇپ قىلسا ساۋاپ تاپىمەن دەپ .........
ئىسلام دىنىمىزدا بىلگەننى باشقىلارغا دىيىشمۇ پەرھىز قىلىپ بىكىتىلگەن .
شۇڭا بىلمىگەنلەرگە ئۇختۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز .
قۇربانلىق قىلىشنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى بىلگىنىمچە سۆزلەپ ئۆتەي ، خاتا يىرى بولسا تۈزىتىپ ئوقوڭلار !
ئىسمائىل ئەلەيھىسالامنىڭ ۋاختىدا ، ياراتقۇچىمىز ، پەيغەمبىرىمىزگە قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرىغان ، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ئىھ ئاللا نىمىنى قۇربانلىق قىلىمەن ، دىگەن . ئاللا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى سىناپ بىقىش ئۈچۈن ئوغلۇڭنى قۇربانلىق قىل ، يەنى ھەر يىلى بر ئوغلۇڭنى قۇربانلىق قىلسەن دىگەن .
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىلا ئوغلى بولغان بولسىمۇ ، ئىككىلەنمەي تۇتۇش قىلغان بالىسىمۇ رازىلىق بەرگەن .
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بالىسىنىڭ گىلىغان ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ پىچاق سۈرگەن ، لىكىن پىچاق ئۆتمىگەن پىچاقنى تاشقا ئۇرسا تاش ئىككى پارچە بولۇپ كەتكەن لىكىن بالىنىڭ گىلىغا ئۆتمىگەن ، شۇ ئەھۋالدا ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام خۇداغا ئىيتقان ، پىچاق ئۆتمەيۋاتىدۇ ، دەپ .
شۇئان ئاللاھتىئالا ئىيتقان مەن سىنى سىنىغان ئىدىم ، سەن سىناقتىن ئۆتتۈڭ ، دەپ قوچقارنى چۈشۈرۈپ بەرگەن ۋە مۇشىنى قۇربانلىق قىل دەپ بۇيرۇپ بەرگەن .
شۇنىڭدىن تارتىپ ھەر-يىلى بىردىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلىش پەرھىز قىلىپ بىكىتىلگەن .
قەشقەر مۇنبىرىدىكى مەلۇم بىر دوستىمىز مۇنداق ئىنكاس يىزىپتۇ ....
بىر ئائىلە قۇربانلىق قىلغان قوي گۆشىنىڭ يىرىمىنى باشقىلارغا بىرىۋەتسە ، ئۇلارنىڭ قۇدا-باجا ، ئۇرۇق تۇققانلىرى يوقمۇ ؟
ھازىر بازاردا گۆش قانچە پۇل ؟
http://kaxkar.net/forum.php?mod=viewthread&tid=4943
غىرىپ -غۇرۋا ئاجىز كىشلەرگە قانچە كۆپ مىھىر -مۇھەببەت ياخشىلىق قىلسا ساۋابى ئەلۋەتتە كۆپ . قۇربانلىق قىلىشنىڭ مەقسىتىمۇ ئەڭ ئاۋال قۇربانلىق قىلىشقا ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمىگەن كەمبەغەل ،ئاجىزلارنى يوقلاشنى بۇ ئارقىلىق ئۇلارغىمۇ ئوخشاشلا ھىيىت -ئايەم شاتلىقىدىن ھەم خاسىيتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئاساس قىلىدۇ .
يۇقارقى دوستىمىزنىڭ بۇ سۆزىدىن گۆشكە بەك ئامراقلىغىنى ساۋاپتىن كاۋاپنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشنىۋىلىش تەس ئەمەس .
ھازىر بۇ دوستىمىزدەك بەزىبىر كىشىلەر ھىيىت -ئايەم نىھمىتى بىلەن تۇققان چاقىرىۋىلىش قۇدا -ۋاجىلىرىنى تەييار گۆشتە مىھمان قىلىپ ئۆزىنىڭ مىھماندارچىلىق قەرزىنى ئادا قىلىۋىلىش قاتارلىق خاھىشلارمۇ يوق ئەمەس .
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق بوپ كەتتى ..... ئۇلار كۈندە بەش ۋاخ نامازنى قازا قىلماي ئوقۇۋالغىنى بىلەن نىيتى ۋە قەلبى دۇرۇس ئەمەس . ئۇلار پەقەت ئۆز مەنپەئەتى ئازراق زىيانغا ئۇچرايدىغان ساۋاپلىق ئىشلارغا ئۇچرىسىلا ۋايسايدۇ ياكى ئىمام ---موللاملارنىڭ گەپ -سۆزىدىن يۇچۇق ئىزلەيدۇ . ئەملىيەتتە باشقىلارغا ياردەم قىلىپ ساۋاپ ئىزلەش ئۈچۈن باشقىلاردىن يوليۇرۇق ئىلىش ھاجەتسىز ...
ھەرقانداق يۇرت مەھەللەردە ئىقتىسات ئەھۋالى ناچار قۇربانلىق قىلالمايدىغان كىشىلەر يوق ئەمەس . شۇڭا بۇ خاسىيەتلىك ھىيىتتا شۇنداق كىشلەرگە قانچە كۆپ مەرھەممەت قىلساق ئاللا ساۋابىنى كۆپلەپ بىرىدۇ ....
بۇ ھەقتە مۇنبەردىكى دوسىتلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ..............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-19 12:21 PM