مەزكۇر ئېلكىتاب ئۈچ مەزمۇندىن تەركىب تاپتى.بىرىنچىسى، ماتىتەينىڭ قىسقىچە ئەھۋالى؛ئىككىنچىسى،ئىمىر ھۈسىيىن قازىھاجىم يازغان "ماتىتەي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى"ناملىق كىتاب؛ئۈچىنىسى،ئابدۇمىجىت مەمتىلى يازغان "ماتىتەي ۋە قەمبەرخان پاجىئەسى"ناملىق ئوچىرىكتىن ئىبارەت. ئەسلىدە ئىككىنچى كىتابنى يالغۇز ئىشلەش مەقسىتىدە بۇ ئىشنى باشلىغان ئىدىم. بۇ كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا ماتىتەينىڭ قەشقەر خەلقىغە سالغان زۇلۇم-سىتەملىرىنى ئوقۇپ، بۇ مەلئۇنغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىم تېخىمۇ كۈچەيدى.شۇڭىلاشقا، ماتىتەيدىن ئىبارەت بۇ نادان،رەھىمسىز، زالىمنى تورداشلارنىڭ تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە ئېنىق چۈشىنىۋېلىشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى مەزمۇننى توردىن تېپىپ، بىر كىتاپ قىلىپ ئىشلەپ چىقتىم.كىتابنى كۆرۈشتىن بۇرۇن ئىمىر ھۈسىيىن قازىھاجىمنىڭ تۆۋەندىكى نەزمىسى ئارقىلىق ماتىتەينىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى! قىلاي پاش ئەمدى ماتىتەي دېگەن زالىمنى، مەككارنى، قىلىپ يالغان مۇسۇلمانلىق،يوقاتقان ئۇ نۇمۇس-ئارنى. ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى ئون يىل بولۇپ پىرئەۋىن كەبى ياۋۇز، يالاپ قەشقەر ۋىلايەتنى،يەنە ھەم تويمىغان قارنى. دىيار ئەھلى كۆرمىگەن ھېچ مۇنداق شەرمەندە ئۇنسۇرنى، قۇلاق ھەم ئىشىتمىگەن ئالەمدە مۇنچە زۇلۇم بارنى. ھاشارغا تۇتۇلۇپ پۇقرا ياغاچ-تاشنى يۈدۈپ ھارماي، توشۇپ سوخوغا يول ئالغان كېچىپ يامغۇر بىلەن قارنى. ئېرىق-ئۆستەڭ ئېلىپ سايدىن تۈگۈرمەن- سوقىلار چۆرۈپ، تىتەيگە ئىشلىگەن كۈن-تۈن توسۇپ ئۆستەڭ بىلەن يارنى. تولا ئالۋان كېلىپ پۇقرا تۇرالماي ئۆيىدە بىر كۈن، قېچىپ تاغۇ-بايانۋانغا،ماكان قىلغان يۇچۇن غارنى. تىتەينىڭ نامىغا ئۆتكەن ھېسابسىز يەر-زىمىن،ئۆي_جاي، كۈمۈش-ئالتۇنغا تولدۇرغان سېلىپ بىر قانچە ئامبارنى. كىشىنىڭ بىر چىرايلىق خاتۇنى، يا قىزىنى كۆرسە، ھايا قىلماي "ماڭا بەر"دەپ ئەۋەتكەن غالچا-ھەمكارنى. قارا لاينى "ئېسىل موم"دەپ ھۈنەرۋەنگە سېتىپ زورلاپ، ئامانلىق بەرمىگەن قاچ-قاچ قىلىپ ھەر ھەپتە بازارنى. زۇلۇم دەستىدە پۇقرالار ئېتىلغان،گۇندىغا چۈشكەن، كىشەن-زەنجىرگە بەنت بولۇپ گۇناھسىز يېگەن ئازارنى. كېسەل چاپلاشسا بۇ جانغا شەھەر-سەھرادا دوختۇر يوق، كۆرۈڭلار ھەر تاماندا ئاۋۇغان قەبرىنى،مازارنى. جاھالەت بىرلە تولغان يۇرت،مائارىپتىن ئەسەر يوقتۇر، ئوغۇل ياشلار كەسپ ئەتكەن نەشە،ئەپىيۇننى، قىمارنى. مانا ئاخىر بۇ پەلىد ئىتنىڭ پەيمانى تولۇپ تاشتى، ئەجەل ئوقى كېلىپ تەگدى،ئاڭا تىكلەپ ئىگىز دارنى.
ئېلكىتابقا ئايلاندۇرغۇچى:لوپنۇرى
ئېلكىتابنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: http://www.lopnuri.com/?p=2504
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-18 11:16 PM
|