ئۆتمۈشتىكى مۇنەججىملەر ئاسماننى 12 بۇرۇجقا بۆلگەن . بۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :
1 – ئاي – سوغا ( كۆنەك )
2 - ئاي - بېلىق
3 – ئاي – قوزا
4 – ئاي - ئۇي
5 –ئاي – قوشكېزەك ( ئاراندىز )
6 – ئاي – يولۋاس ( قۇچىق ‹ قىسقۇچپاقا › )
7 –ئاي – تىمساخ ( ئارىسلان ) ، ( قۇچىق – نەق )
8 –ئاي – بۇغداي بېشى
9 –ئاي –تارازا (ئۈلكۈ )
10 –ئاي –چايان
11- ئاي - يا ( ياچاق )
12 – ئاي - ئوغلاق
بۇنىڭ ئەرەپچە – پارىسچە تەڭداش ئاتىلىشى :
1 - ئاي - دەلۋە
2 –ئاي - ھۇت
3 - ئاي - ھەمەل
4 – ئاي - سەۋر
5 - ئاي - جەۋزا
6 – ئاي – ئەسەد
7 –ئاي – سەرەتان
8 – ئاي – سۇنبۇل ( سۇنبۇلە )
9 – ئاي – قەۋس
10 –ئاي – مىزان
11- ئاي – ئەقرەب
12 –ئاي - جەدى
ئايلارنىڭ ئەرەپ ئىسلامچە ناملىرى :
1 – ئاي – مۇھەررەم ( چەكلەنگەن )
2 –ئاي – سەپەر ( سارغايغان ، كۈزگى يامغۇر )
3- ئاي – رەبىيەلئەۋۋەل ( رەبىئە – ئەتىياز )
4 –ئاي - رەبىيەلئاخىر
5 – جامادىيەلئەۋۋەل ( جاماد – ئۇيىغان ، قاتقان )
6 – ئاي - جامادىيەلئاخىر
7– ئاي - رەجەپ ( يىلتىز ، قورقۇش )
8- ئاي – شەبان ( شاخ ، تارماق )
9– ئاي - رامزان ( رەمەزان – روزا تۇتىدىغان ئاي ، رەمزان – تومۇز ، قاتتىق ئىسسىق )
10– ئاي - شەۋۋال ( تېز ، ھاپسان )
11– ئاي – زۇلقەدە ( قەدە – ئولتۇرماق ، تۇرۇق )
12 – ئاي – زۇلھەججە ( ھەج قىلىدىغان ئاي ، ھەججە – يىل ئاخىرى ، ھەج قىلماق )
يەتتە كۈننىڭ ئەرەپچە ، پارىسچە نامى :
ئەرەپچە ؛
ئەسبۇئ – ھەپتە يەنى يەتتە كۈن
يەتتە كۈن - سەبىت ، ئەھەد ، ئەسنەين ، سۇلاسە ، ئەربەئە ، خەمىس ، جۈمئە
ئىسلام دىندا ‹‹ جۈمە ›› ئارام ئېلىش كۈنىدۇر .
پارىسچە ؛
ھفتە روز – يەتتە كۈن
يەتتە كۈن – دوشنبە ( دۈشەمبە ) ، سەشنبە - سېھشەنبە ( سەيشەمبە ) ، چھارشنبە – چەھارشەنبە ( چاشەمبە ) ، پنجشنبە – پەنجشەنبە ( پەيشەمبە ) ، ئادىنە – ئازنا ، شنبە ( شەمبە ) ، يكشنبە ( يەكشەمبە )
ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئاللانىڭ يەتتە كۈندىكى ياراتمىشى :
دۈشەنبە – ئاي ، كۈن ، يۇلتۇزنى ياراتتى ، پەلەك ئىچىدە تۇرغۇزدى .
سەيشەنبە – قۇش – قۇرتلارنى ، پەرىشتىلەرنى ياراتتى .
چارشەنبە – سۇنى ياراتتى . يەل ، بۇلۇتلانى چىقاردى .ياغاچ ، ئوت – يەملەرنى ياراتتى ، ئۈندۈردى ، روزى ( رىزىقى – تەسىبە ) لەرنى ئۈلەشتۈردى .
پەيشەنبە – ئۇجماق ۋە تامۇغنى ( جەننەت ۋە دوزاخنى ) ، رەھمەت ۋە ئازاپ پەرىشتىلىرىنى ياراتتى . ھۆرلەرنى ياراتتى .
ئازىنە – ئادەمنى ياراتتى .
شەنبە – نەرسە ياراتمىدى .
يەكشەنبە – كۆكلەرنى ياراتتى . ( ‹‹ قىسسەئى رابغۇزى ›› دىن )
خرستىئانلار ‹‹ ئىنجىل ›› دىكى بايان ئاساسىدا تەڭرىنىڭ يەتتە كۈندىكى ياراتمىشى ؛ تەڭرى پۈتكۈل مەخلۇقاتنى ياراتقان ،
بىرىنجى كۈن – يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىپ ، كۈن بىلەن تۈننى ھاسىل قىلغان .
ئىككىنجى كۈن – يۇقۇرى بىلەن تۆۋەننى ئايرىغان .
ئۈچىنجى كۈن – ئوت – چۆپ ، دەل – دەرەخ ۋە كۆكتاتلارنى ياراتقان .
تۆتىنجى كۈن – كۈن ، ئاي ، يۇلتۇزلارنى يارىتىپ ، يىل ، ئاي ، كۈنلەرنى بەلگىلىگەن .
بەشىنجى كۈن – بېلىق ، سۇ جاندارلىرى ۋە ھايۋانلارنى ياراتقان .
ئالتىنجى كۈن – چار پايلار ، ھاشاراتلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ياراتقان . ئاخىرىدا بۇ دۇنيانى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەرلەر بىلەن خوتۇنلارنى ياراتقان .
يەتتىنجى كۈن – تەڭرى مەخلۇقاتنى يارىتىش ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئارام ئالغان .
يۇقارقىلارنى ‹‹ قۇتاغۇ بىلىك ›› نىڭ ئىزاھات سۆزلۈكى ۋە ‹‹ نورۇزنامە ›› ناملىق ئەسەردىن رەتلىدىم . مۇھەممەتجان ئەمەت ئۆزكان