گۈل :-ـــ ئاداش ئۇزۇن بوپتۇ مۇڭداشمىغىلى ، قانداق ئەھۋالىڭ؟ ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
غۇنچە:-ـــ ۋاي ئاداش بامۇسەن؟ خۇداغا شۈكرى ياخشى تۇردۇمغۇ.
تۆنۈگۈن ئىدارەڭلەردىكى مۇنىرەنىڭ تۇيىغا باراي دەپ ، ۋاقىت چىقىرالماي بارالمىدىم
بارغان بولسام، سەن بىلەن كۆرۈشۈپ ھال-مۇڭ ئېيتىشىپ كىلەرمەن دەپتىكەنمەن
.سەن باردىڭمۇ؟
گۈل:-ـــ تۆنۆگۈن كەلگەن بولساڭمۇ بوپتىكەن، بىر كۆرۈشۈپ مۇڭدىشاركەنمىز.
مۇنىرەنىڭ تۇيىغا بارغان ئىدىم . ئۇنىڭ كىمگە تەككىنىنى بىلگۈڭ بارمۇ؟
غۇنچە:-ــــ تىلىفۇندا ئاۋازىڭ پەقەت ياخشى چىقمىدى.
شۇڭا تېلىفۇننى تۈزۈك تۇتۇپ گەپ قىلغىنە، گىپىڭنى چۈشەنمىدىمغۇ؟
گۈل :ـــــ ئاداش ، ئەمدى ئاڭلىغانسەن ؟ تىلفۇنۇمنىڭ سىمى ياخشى ئەمەس ئىدى. ۋاي ئۇ مۇنىرەچۇ؟ ئۇ يۇرتىمىزدا ،ئادەم تىپىلمىغاندەك ئۆزىگە ئوخشاش ئالتە شەھەرلىك بىرسى بىلەن توي قىپتۇ.ئۇنىڭ توي كۈنى كەيگەن كۆينىكىنى دىمەيلا قويغىن ،
تازىمۇ نامىرات خەق ئوخشايدۇ، شۇنداق كونا ۋە بەك مەينەت ،
خەقلەر كىيىپ مودا قىلىپ بولغان قاچانقى زاماننىڭ كۆينىگنى
ئارىيەتكە ئىلىپ كىيىپتۇ.
غۇنچە:-ـــــ ئاداش، بۇ شىماللىق مۇنىرەمۇ ئەزەلدىن تايىنلىققۇ؟شۇنچىلىك كىيىم كەيمەي قانداق كىيىم كەيسە بۇلاتتى؟ شەھىرىمىزگە كىلىپ ئوقۇپ
خىزمەتچى بۇلاپ قىلىپ، بىر نەرسىسىى- ئىككى بۇلۇپ قاپتىكەن، ھالىنىڭ چوڭلىقى ئۇسىرتلىق چاڭگاباشنىڭ.
ئۇيەردىن -بۇيەردىن، ئېقىپ كىلىپ قالغانلارنىڭ گىپى چوڭ دەيمەن،
ئاداش بارمىغىنىم ياخشى بوپتۇ ئەمسە.
گۈل:-ــــــــ ئاداش ،بەك توغرا دىدىڭ! ئۇنداقلارنى ئەشۇنداق سىرتلىقلار ئالمىسا ،
بىزنىڭ شەھەرنىڭ باللىرى يارىتامتى.ھا.....ھا....ھا. مەنمۇ تۇيىغا بارماي دىگەنتىم ، ئىدارىمىزدىكى قىزلار بىرىپ كۆرەپ باقىلى ، سىرتلىقلارنىڭ تۇيى قانداقكىن دەپ- ئاتايىن باردۇق دىگىنە.
غۇنچە:-ــــــ ئاداش،مەنمۇ بىرقىتىم باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ تۇيىغا بارغان ئىدىم .ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىدىن چىقىدىغان مەتۇ تۇققانلىرىچۇ تىخى! بىزنىڭ شەھەرنىڭ تويلىرىنى كۆرسە، ئاغزى قالغاچنىڭ ئاغزىدەك ئىچىلىپ قالىدىكەن. مەدىنىيەتسىز! ھا.....ھا....ھا
شۇڭا دەيمەن ئاداش، مەن ھەرگىزمۇ سىرتتىن ئېزىپ-تېزىپ لايىق تاپمايمەن. ئۇنداقلارنى تاپساڭ، ھىلى ئانىسى ، ھىلى بىرنىمىسى كىلىپ تۇتقان تۇرمۇشۇڭ خاتىرجەم ئۆتمەيدۇ.
گۈل:-ــــــ توغرا دەيسەن ئاداش! شۇڭا مەنمۇ ئۆز شەھرىمىزدىن تاپتىمغۇ،سەنمۇ ھەرگىز يۇلۇقۇپ قالما
ئۇنداق ئۇيەر-بۇيەرلىكلەرگە! ئاداش، بىركۈنى ۋاقىتىڭنى چىقىرىپ ئۈيۈمگە كىلە
بىر مۇڭدىشايلى.
غۇنچە:-ـــــــــ بۇلىدۇ ئاداش،چۇقۇم ۋاختىم چىققاندا ئۈيۈڭگە چۇقۇم بارىمەن.
ئاپام چاقىرىۋاتىدۇ ! باشقا كۈنى سۆزلىشەرمىز تىلفۇننى قۇيىۋەتتىم خوش..........
غۇنچەنىڭ ئانىسى:-ـــــ قىزىم ، سۆزلىشىپ بولدۇڭمۇ؟ كىم بىلەن بۇنچە قىزغىن مۇڭدىشىپ كەتتىڭ؟
غۇنچە: -ـــــ دوستۇم گۈل بىلەن، نىمە بولدى ئانا ؟ چىرايىڭ باشقىچە تۇرىدىغۇ؟
ئانىسى:-ــــــ قىزىم سەن ، دەپ باقە مەن زادى نەلىك؟............ داداڭچۇ؟
غۇنچە:-ـــــــــ ئانا بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟ ھەرئىككىڭلار....................
ئانىسى:-ــــــــــ قىزىم ،مەن بايام دوستۇڭ بىلەن قىلىشقان گەپلىرىڭنىڭ ھەممىنى ئاڭلىدىم.
كاللاڭنى سىلكىۋەت!ئۇنتۇپ قالما ، ئاناڭ بولسا ئالتە شەھەرلىك يەنى جەنۇپلۇق،
داداڭ بولسا شىماللىق، سىنىڭ تىلىڭ بۇيىچە ئېيتقاندا ،
ئۆز يۇرتىدىن -باشقا يۇرتقا خىزمەت ئۈچۈن يەنى جان بىقىش ئۈچۈن
چىققان بىر قەلەندەر ئەر .
سەنچۇ؟ سەن بولساڭ ئىككى يۇرتلۇقنىڭ، سەن چوڭ بىلگەن مۇشۇ شەھەردە تاپقان بالىسى .
بۇۋاڭ -مۇماڭمۇ، ھەرشەھەر-ھەر يىزىلاردىن خۇرجۇنلىرىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ كەلگەن.
سەن باشقىلارنى ئۇنى- بۇنى دەپ مازاق قىلغان چىغىڭدا ، دادام-ئانام ۋە ياكى بۇۋام-مۇماملار ،زادى نەلىك دەپ ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ۋەياكى
مەنمۇ تۇغۇلۇشۇمدا خان سارىيىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنمىتىم، ياكى ئاتا-ئانامنىڭ ئەۋلادى پادىشاھلاردىنمىتى دەپ ئويلاپ باقتىڭمۇ؟
ساڭا دەپ قۇياي قىزىم، ئاتا-ئاناڭ ۋە بۇۋاڭ-مۇماڭلار ھەقىقى سەھرا نەسلىدىن.
باشقىلارنى نەلىك دەپ كەمسىتكەنكەن چىغىڭدا ،ئاتا-ئاناڭنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنىمۇ ئويلاپ باققىن.
ساڭا ئاناڭنىڭ نەسىھەتى قىزىم: سەن نەلىك- مەن نەلىك؟ يىغىپ ئېيتقاندا، بىز ھەممىمىز بىريەرلىك .
يەنى ،ئادەم ئاتىمىز بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ ئەۋلاتلىرى. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ياراتقان
ئاجىزە بەندىلىرى،
ئاللاھ! بەندەم دەپ تۇرۇپ بىزنىبۇ دۇنياغا ياراتتى .ئەجىبا، بىز ئاجىز ئىنسانلار بىر-بىرىمىزنى سەن نەلىك؟ -مەن نەلىك دەپ ياراتمايدىغانغا نىمە ھەققىمىز بار!
بۇ ئالەمدە باي-كەمبەغەللىكتە تەڭ بۇلالمىساق،ھامان
بىر كۈنى قەبرە ئالدىدا تەڭ بۇلىمىز.
ئاخىرىدا ئاللاھ !سەن ۋە سەندەك ،ئەقىلسىزلەرنىڭ كۆڭلىگە
ئىنساپ-ھىدايەت ئاتا قىلسۇن! ئامىن!
غۇنچە:-ــــــــــــ ئانـــــــــــــــــا ......مەن.........مــــــــــەن
........خاتا قىپتىمەن......... ئېزىپتىمەن... مەن ئەقىلسىزنى كەچۈرگىن!
ئانىسى:ـــــــــــــــ قىزىم ئاللاھ سىنى كەچۈرسۇن! ئامىن!
مەنبە: كۆڭۈل ئىجادىيەتلىرىدىن تاللانما!