مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5131|ئىنكاس: 39

كەلپىننىڭ داڭلىق ياغاچ قوشۇقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 07:57:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەلپىننىڭ داڭلىق ياغاچ قوشۇقى



ئۆز مۇخبىرىمىز ۋۇ جوشىڭ

ئۇيغۇر بوۋاي ئەبەيدۇللا ئەۋلادتىن ئەۋلاد كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزىسىدا ياشاپ كەلگەن. ھەر يىلى 10-ئايدىن كېلەر يىلى 3-ئايغىچە دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلى بولسىمۇ، ئەمما ئەبەيدۇللا بوۋاي يەنىلا ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇ يەرلىك ياڭاق ياغىچىدىن پايدىلىنىپ ئۆز قولى بىلەن نەچچە يۈز ياغاچ قوشۇق ياساپ چىقىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى ئازلاپ كەتمەكتە.
ئەبەيدۇللا بوۋاي ياغاچ قوشۇق ياساش بىلەن شۇغۇنلانغىلى 30 يىل بولۇپ قالدى، ئۇ باشتا باشقىلارنىڭ ياسىغىنىغا قاراپ، شەكلىنى قەغەزگە سىزىپ، ئۇنى ياغاچنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ، بىر - بىرلەپ ئۇيۇپ چىقاتتى، شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆز قولى بىلەن ياغاچ قوشۇق ياساشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى.
يەرلىكتىكى كىشىلەر ياغاچ قوشۇقتىن پايدىلىنىپ تاماق يەپ، شورپا ئىچىپ ئادەتلەنگەن، ياغاچ قوشۇق ئىشلەتكەندە قول ۋە ئېغىز كۆيمەيدىغان بولغاچقا، ئاشخانىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاشخانا سايمىنى بولۇپ قالغان. ياغاچ قوشاق كۆرۈنۈشتە كچىككىنە نەرسىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ياساش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ماتېرىيال تاللىغاندا قۇرۇلمىسى زىچ بولغان ياڭاق ياغىچى تاللاش كېرەك، چىلاپ يۇمشىتىش، كېسىش، ئۇيۇش، سىلىقلاش قاتارلىق جەريانلار كېتىدىغان بولغاچقا، بىر كۈندە ئاران 10 نەچچە تال قوشۇق ياسىغىلى بولىدۇ.

12101718566509.jpg


ئەبەيدۇللا بوۋاي نەپىس ياسالغان قوشۇقلارنى كۆرسەتمەكتە

12101718598060s.jpg


ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن قوشۇق ياسىماقتا

ئەبەيدۇللا بوۋاي ئۆز ئەمگەك مېۋىسىدىن ئىنتايىن رازى ئىدى. ئۇ: «مەن زاكاسقا ئاساسەن ياساپ بېرىمەن، كونا خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى ئۆيگە كېلىپ ئېلىپ كېتىدۇ، بىر قوشۇقنى 2 يۈەندىن ساتىمەن، بىر يىلدا 7 - 8 يۈز دانە ياسىسام، تەخمىنەن 1500 يۈەن تاپالايمەن» دېدى.
ئەبەيدۇللا بوۋاي ياسىغان ياغاچ قوشۇقلار چىرايلىق ۋە چىداملىق بولغاچقا، يېقىن - يىراقتىكى يۇرتداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنى ھۈنەر سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا دوستلىرىغا سوۋغات قىلغان. ئىككى يىل ئىلگىرى ھۆكۈمەت ئەبەيدۇللا بوۋاينى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى دەپ باھالىدى، ھەر يىلى ئۇنىڭغا مۇكاپات ئورنىدا 600 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە تولۇقلىما بېرىپ، ئۇنى ۋارىسلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشكە، بۇ ھۈنەرنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تارقىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئەبەيدۇللا بوۋاي مۇنداق دېدى: «بۇ قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ماڭا نۇرغۇن ئىلھام ۋە ياردەم بەردى، ياشلارنىڭ ھۈنەر ئۆگىنىش ئۈچۈن مېنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەم بەك خۇشال بولىمەن، مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بۇ ھۈنەرنى ئۆگىتىمەن، ئۇلار بۇ ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ياغاچ قوشۇق ياساش ھۈنەر سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ». (مەرھابا تەرجىمىسى)

12101718573744s.jpg


قولدا ياسالغان ياغاچ قوشۇق

12101718581469s.jpg


ياڭاق ياغىچى ۋە ياغاچ قوشۇق


12101718588333s.jpg

ياغاچ قوشۇق ياساش ئۇستىسى ئەبەيدۇللا بوۋاي


12101718571601s.jpg


ئۇ قوشۇق ياساش بىلەن ئالدىراش بولماقتا

12101718594618s.jpg


ئېسىل نەپىس ياسالغان ياغاچ قوشۇقلار



مەنبە  :  جۇڭگو رادىئو تورى شىنجاڭ تارماق تورى
        http://www.radioxj.com/n17770c6.aspx
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hokumran + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86174
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 08:51:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھان تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە مىس قوشۇقلار كۆپ لىكىن يەنىلا ئېلگىرىكى ياغاچ قوشۇق ھەقىقەتەن ياخشى ھە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79252
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4936
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 08:55:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا...

ئۇيغۇرغا بىلىمدىن باشقا يول يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 08:58:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا ئىنتايىن مىھرى ئىسسىق كۆرىنىدۇ بۇ قوشۇق

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35372
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 09:14:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
...ئۇ يەرلىك ياڭاق ياغىچىدىن پايدىلىنىپ ئۆز قولى بىلەن نەچچە يۈز ياغاچ قوشۇق ياساپ چىقىدۇ...

_ قوشۇقنىڭ يەرلىك ماتېرىيالى ئۈرۈك ياغىچىدۇر! (كەلپىن ئەسلىدە ئۈرۈك ماكانىدۇر، 2007-يىلىدىن باشلاپ بۇ يۇرتتا كۆلەملەشكەن چىلانلىق باغ بەرپا قىلىنىپ، ئومۇمى كۆلىمى نەچچەئونمىڭ موغا يەتكۈزۈلدى. ياڭاق كۆچىتىگە كەلسەك، ئۇ ،  بۇ قۇرغاق يۇرتقا ئاندا-ساندا كۆندۈرىلىۋاتىدۇ)

ئازاپلىرىم،مېنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17802
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 9642 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 09:18:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى دېھقانلىرىمىز ھازىرغىچە تېخى خىش تاملىق ئۆيلەرگە ئۇلىشپ بولالماپتۇدە~~~

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85394
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 955
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 09:19:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقىكىن كونا ، ئەنئەنىۋى بويۇملار بىلەن تۇرغان مويسىپىتلار كۆزۈمگە ئاجايىپ ئىسسىق كۆرۈنىدۇ دېسە

چىكىدىن ئاشقان ھەرقانداق ئىش ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86005
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2012-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 10:01:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئۆيىمىزدە بىر نەچچىسى بولىدىغان لېكىن، كىچىكلىكتە ئاشۇ قوشۇق قاچامغا چېقىپ قالسا باشقا قوشۇقتا يەيمەن دەپ پەقەت ئۇنىمايتىم. ھازىر ئويلىسام كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ. پەقەت ئەقلىم يوقكەن.  ئاشۇ تەبىئەتنىڭ پاك ئوسۈملۈكىدىن ئۆز قىرىندىشىمىز ياسىغان، شۈبھېسىز قوشۇقتىن نۇمۇس قىلىپ، خەنلەر قولىدىن چىققان قوشۇقلارنى ئىشىلتىپتىكەنمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ibrahimjan-0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-18 10:17 PM  


بېشىڭغا ئالەمنىڭ دەرتلىرى كەلسە ‹‹ئەي رەببىم مىنىڭ دەردىم بار›› دېمەي، ‹‹ئەي دەرت مېنىڭ كاتتا رەببىم بار›› دېگىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86005
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2012-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 10:16:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياغاچ قوشۇق ئاددىي تۇرمۇش بويۇمى بولماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە بىر  نەپىس قول-ھۆنەر سەنئتى. ئۇ ئەمگەكچان ئەجدادلىرمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ يارقىن نامايەندىسى.  بۇ تېمىنى ئوقۇپ تولۇقسىز ئوتتۇرا دەرىسلىك كىتابىدىكى ‹‹ياغاچ قوشۇق›› دېگەن ھېكايە ئېسىمگە كەلدى. ‹‹...ئۆيىمىزدىكى ياغاچ قوشۇقلارنى ئاپام كۆرمەستە ئېشىك ئالدىدىكى ئۆستەڭگە تاشلىۋەتتىم...››

بېشىڭغا ئالەمنىڭ دەرتلىرى كەلسە ‹‹ئەي رەببىم مىنىڭ دەردىم بار›› دېمەي، ‹‹ئەي دەرت مېنىڭ كاتتا رەببىم بار›› دېگىن.

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4860
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 10:21:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىسلىكىدە بىر ئەسەر بارغۇ ، ياغاچ قۇشۇق دەپ ..

بىر دانە ياغاچ قۇشۇقۇم بۇلىدىغان ،  تۇلۇقتا  3 يىل ئىشلەتكەن ......بەك مىھرىم بار ئىدى .كىيىن ئۆيگە قايتىدىغاندا  مەكتەپتىكى تاماق قاچىسى قۇيىدىغان جايدا ئۇنتۇپ قاپتىمەن ... كاساپەت ....ئاۋۇ نەپىس ياسالغان قۇشۇقلارنى كۈرۈپ مىنىڭ قۇشۇقۇم يەنە ئىسىمگە يەتتى ...


ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش