مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2153|ئىنكاس: 9

قۇربان ھېيتنى چۈشىنىۋېلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 3679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29022
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6345 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 12:23:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        قۇربان ھېيت
         قۇربان ھېيت  ئۇيغۇر ، قازاق ، خۇيزۇ ، قىرغىز ، تاجىك ، ئۆزبېك ، تاتار ، دۇڭشياڭ ، سالا ، باۋئەن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ تەنتەنىلىك ھېيىتى . قۇربان ئەرەب تىلىدىن ئېلىنغان سۆز بولۇپ ،‹‹ قۇربانلىق قىلىش›› مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ . قۇربان ھېيت بىلەن روزى ھېيت ئىسلام دىنىنىڭ ئىككى چوڭ ھېيىتى ھېسابلىنىدۇ . ئىسلام كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12–ئاينىڭ 10– كۈنى قۇربان ھېيت بولىدۇ . ئىسلام شەرىئىتىدە ئىسلام كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 12– ئاينىڭ باشلىرى دىن مۇخلىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي پەرىزىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن مەككە مۇھەررەمگە بېرىپ تاۋاپ قىلىش ۋاقتى قىلىپ بەلگىلەنگەن . ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ( يەنى 12–ئاينىڭ 10–كۈنى ) قوي ، كالا سويۇلۇپ ، ھېيت تەبرىكلىنىدۇ . بۇ دەل روزى ھېيتتىن كېيىنكى 70– كۈنگە توغرا كېلىدۇ . قۇربان ھېيتتا مال سويۇپ ، قۇربانلىق قىلىش ئەسلىي ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى ئىدى . رىۋايەت قىلىنىشىچە ، بىر كۈنى پەيغەمبەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشىگە ئاللاھتائالاھ زاھىر بوپتۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭغا مىلاد تېغى جىلغىسىغا بېرىپ ، ئوغلى ئىسمايىلنى ئۆز قولى بىلەن ئولتۈرۈپ ، ئاللاھ يولىدا قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرۇپتۇ .ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ ، ئارزۇلۇق ئوغلىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا ، ئاللاھ پەرىشتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا بىر كۆك قوچقارنى ئەۋەتىپ ، ئاللاھ سېنىڭ ئاللاھغا بولغان ساداقىتىڭنى مەقبۇل كۆردى ، ئەمدى كۆك قوچقارنى ئۇنىڭ ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن ، دەپتۇ . مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن ، ئەرەبلەر ئارىسىدا ھەر يىلى مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىدىغان ئادەت بارلىققا كەلگەن . كېيىنچە ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ھېيتىغا ئايلانغان . ئىسلام دىنى كالېندارى بىلەن ھازىرقى مىلادىيە كالېندارى ئوتتۇرىسىدا 11 كۈنگە يېقىن پەرق بار . شۇنىڭ ئۈچۈن ، مىلادىيە كالېندارىدىكى ھەر يىلقى قۇربان ھېيتنىڭ ۋاقتى مۇقىم ئەمەس . ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ، ھېيىتتىن ئىلگىرى ھەممە ئائىلىلەر ئويئىچى ، ھويلا –ئاراملىرىنى پاك – پاكىز قىلىپ تازىلاپ ، يېڭىلاپ چىقىدۇ ھەم ھېيتلىق ئىگىن تەييارلايدۇ . ئاياللار ساڭزا سېلىپ ، ياغلىق توقاچ – نانلارنى يېقىپ ، تۈرلۈك تاتلىق –تۈرۈملەرنى پىشۇرىدۇ ، ھەر خىل پېچىنە – كەمپۈت ، مېۋە –چېۋە دېگەندەك يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ ، ھېيتقا ئوبدان تەييارلىق قىلىدۇ . ھېيت كۈنى ئەتىگەندە ، ئىخلاسمەن ئىسلام مۇخلىسىلىرى يۇيۇنۇپ ، ئىگىن يەڭگۈشلەپ ، مەسچىتكە بېرىپ ھېيت نامىزى ئۆتەيدۇ . ئاندىن تۇپراق بېشىغا چىقىپ ، ۋاپات بولغانلارنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلايدۇ ،ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قوي سويۇپ ، گۆش پىشۇرۇشقا باشلايدۇ . يەنە بەزىلەر كالا ، تۆگە سۆيىدۇ . قۇربانلىق مالنىڭ گۆشىنى سېتىشقا بولمايدۇ . بەلگىلىمە بويىچە قوينىڭ تېرە– ئۈچەيلىرىنى مەسچىتكە بەرگەندىن باشقا ، گۆشى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويىلىدۇ ۋە ئۇرۇق - تۇغقان ، دوست –يارەنلەرگە بېرىلىدۇ . ھېيت مەزگىلىدە ھەممە ئۆينىڭ داستىخىنىغا ئوبدان پىشۇرۇلغان بىر تاۋاق گۆش بىلەن چىرايلىق تىزىلغان ساڭزا ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا بولسا يېمىش تەخسىلىرىگە ۋە چىرايلىق ۋازىلارغا قاچىلانغان تۈرلۈك پېچىنە – پىرەنىك ، تاتلىق يېمەكلىكلەر ، كەمپۈت ۋە مېۋە– چېۋىلەر تىزىپ قويۇلغان بولىدۇ . ھېيىت كۈنلىرى كشىلەر ئەڭ چىرايلىق ئىگىنلەرنى كىيىپ ، ئەڭ ئېسىل بېزەكلىرىنى تاقاپ ، ئۆزئارا مۇبارەكلىشىدۇ ، پەتىلىشىىدۇ ، ھېيتلاپ كەلگەنلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ . بۇرۇن ئارازلىشىپ قالغانلارمۇ ھېيتتا يۈز كۆرۈشكەندە چىرايلىق ھال– ئەھۋال سورىشىدۇ ، نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ كۈندىن باشلاپ ، بۇرۇىقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ ، قايتا ياخشى ، خوپ بولۇشۇپ قالىدۇ، ھېيت كۈنلىرى يەنە تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ . بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەن كىشلەر شادلىنىپ ، كۈلۈشۈپ ، ناخشا ئېيتىشىپ ، ئۇسۇل ئوينىشىپ ، پۈتكۈل ئايەم كۈنلىرىگە ئاجايىپ تەنتەنىلىك ، قىزغىن تۈس كىرگۈزىدۇ . دۆلەتنىڭ بەلگلىمسىگە ئاساسەن ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىسى قۇربان ھېيتتا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ .

مەنبە:ئۇ،بۇ تارىخىي ۋە دىننىي كىتابلار.

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 08:18:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆك قوچقار   ئەمەس   ئالا قوچقار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 10:55:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقى چالا پۇلا ئاڭلىغانلىرىمنى بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن تولۇقلىۋالدىم رەھمەت!!!

زۇليار ئەپەندى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7099
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9514
تۆھپە نۇمۇرى: 381
توردا: 2691 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 02:15:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆك قوچقار   ئەمەس   ئالا قوچقار


ئالا قوشقار دەپ نەدە كۆرگەنلىڭىزنى بىلسەم بۇلامدۇ؟

باشقىلارنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ.ئۇ ناداندۇر.
ئۆز كىشىلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ. ئۇ گۇمراھتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4170
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 01:25:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdulahad7 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-18 08:18 PM
كۆك قوچقار   ئەمەس   ئالا قوچقار

بۇ چاقچاقمۇ يا..  كۆك قوچقارغۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23588
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6162
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 02:11:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdulahad7 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-18 08:18 PM
كۆك قوچقار   ئەمەس   ئالا قوچقار

نەدىن تاپتىڭىز بۇگەپنى، نەدە ئالا قوچقار دەپ گەپ بار؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:40:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alkut8786 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 02:11 AM
نەدىن تاپتىڭىز بۇگەپنى، نەدە ئالا قوچقار دەپ گەپ بار؟

بىزنىڭ  قوتاندا  بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 11:40:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alkut8786 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 02:11 AM
نەدىن تاپتىڭىز بۇگەپنى، نەدە ئالا قوچقار دەپ گەپ بار؟

بىزنىڭ  قوتاندا  بار

cjqkz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 12:45:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23588
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6162
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 02:43:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭغا ئىنكاس يازىمەن دەپ، ئاتايىن بازارلارنى ئارلاپ تاپتىڭىزمۇ بۇ ئالا قوچقارنى ياكى بىرەر بوياقچىغا ئارقا ئىشىڭ قىلىپ ھەقسىز بويىتۋالدىڭىزمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش