ياد ئىتىمىز مەڭگۈسېنىڭ نامىڭنى
نۇرمۇھەممەد توخنىياز
(مەرھۇم شائىر زاھىر ئابدۇراخمان ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىغا بېغىشلايمەن)
ئاھ، ۋاقىتسىز كىتىپ قالدىڭ ئالەمدىن،
ياش يۈرەكلەر، قالدى دەرتتە، ھەسرەتتە.
ئارىمىزدا سەن بولمىساڭ بولمايتى،
سەپ ئالدىدا سەردار بولۇپ ئەلۋەتتە.
سەن«روھىمغا سەپەر» بىلەن ئىلگىرلەپ،
كۆكلەتكەنتىڭ شۇ«ساقاللىق دەرخ»نى.
شۇنداق شىرىن، مېۋە بېرىپ ئەجرىڭدىن،
شادلاندۇرغان، ئىدىڭ بارچە يۈرەكنى.
سەن ياشايتىڭ، ئۆمۈدۋار ھەم مەردانە،
ھۆرمەتلەيتىڭ، چوڭ-كىچىكنى قول بېرىپ.
ياردىمىڭنى، ئايىمايتىڭ ئۆزگىدىن،
ھەممە ئىشتا، باشقىلارغا يول بېرىپ.
سەن غورورى، پەخرى ئىدىڭ ئاقسۇنىڭ،
ھۆرمەتلەيتۇق، ھەممە سېنى زاھىر دەپ.
ياد ئېتىمىز، مەڭگۈ سېنىڭ نامىڭنى،
ئارىمىزدا، ھايات تېخى شائىردەپ.
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى (ئاۋات)
ئاۋات ناھىيە ئاۋات بازىرى ئازاد جەنۇبىي يولى 4-كوچا 45-نومۇر
نۇرمۇھەممەد توخنىياز تېلىفۇن: 13899279370
ئىزاھات: قوش تىرناق ئىچىدىكىللىرى مەرھۇمنىڭ نەشىر قىلىنغان كىتابلىرى