مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4392|ئىنكاس: 37

شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ سىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86187
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 01:28:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ سىرى
2002-يىلى1-ئاينىڭ8-كۈنى شىنجاڭدەك بىر چەت،خىلۋەت رايۇندىن شىنجاڭ ساياھەتچىلىك-تەۋەككۇلچىلىك شىركىتى بىر مىليۇن يۇەن چىقىرىپ"شىنجاڭ يولۋىسى"نى ئىزدەيدىكەن دېگەن پارتىلاش خاراكتىرلىك خەۋەر تارقالدى.خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا،نەچچە ئون يىلدىن بۇيان سۈكۈت ئىچىدە تۇرغان "شىنجاڭ يولۋىسى" مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم كىشىلەر قىزىقىدىغان قىزىق نوقتىغا ئايلاندى.
تارىختا شىنجاڭ يولۋىسى بولغانمۇ؟مۇتەخەسىسىلەرنىڭ جاۋابى بولسا"ئەلۋەتتە بولغان".تونۇشتۇرۇشلارغا ئاساسلانغاندا،شىنجاڭ يولۋىسى يالغۇز ئاسىيا ئۇرۇقىدىن بولۇپلا قالماستىن بەلكى كاسپىي دېڭىزى يولۋىسىنىڭ بىر تارمىقى ئىكەن.ئۇ يەنە "كاۋكاز يولۋىسى،پارىس يولۋىسى،غەربىي ئاسىيا يولۋىسى"دەپمۇ ئاتىلىدىكەن.بۇ خىل يولۋاس ئىلگىرى تۈركىيە،سابىق سوۋىت ئىتىپاقى،ئىران،ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ تارقالغان بولۇپ،ياۋا تۈرلەر توپى ئىچىدىن 1973-يىلى رەسمىي يوقالغانلىقى ئېلان قىلىنغان.شىنجاڭ يولۋىسى بىر ئەسىر ئىلگىرى تارىم دەريا ۋادىسى،كۆنچى دەريا ۋادىلىرىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ "تارىم يولۋىسى"دەپ ئاتالغان.مۇتەخەسىسلەر شىنجاڭ يولۋىسى توپىنى 20-ئەسىرنىڭ30-يىلىرىدىلا يوقالغان دەپ قارىماقتا.
شىنجاڭ يولۋىسىنى خەلقئاراغا تۇنجى قېتىم تونۇتقان كىشى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى شىنجاڭ قاتارلىق رايۇنلاردا تەكشۈرۈش ۋە ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان روسىيەلىك ئوفىستسىر پرژىۋالىسكى دەپ قارالماقتا.1876-يىلى كەچ كۈزدە ئۇ تارىم ئويمانلىقىدىكى بىر كەنتتە يولۋاس ئوۋلاش ھەركىتىگە قاتناشقان ھەم ئۆز كۆزى بىلەن كالىي سىئانىد زەھەرلىك يەمچۈكىنى يۇتىۋالغان يولۋاسنىڭ دەلدەڭشىگىنىچە ئورمانلىقتىن چىقىپ كەلگىنىنى كۆرگەن.پرژىۋالىسكى بىر كىتابىدا ئۇ ۋاقىتتا تارىمدىكى يولۋاسنىڭ ۋولگا دەرياسى بويىدىكى بۆرىلەردەك كۆپ ئىكەنلىكىنى يازغان.بۇنىڭدىن20يىل كىيىن شىۋىتسىيلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سىۋىن ھىدىن تارىم ئويمانلىقىغا كەلگەن ۋاقىتتا شىنجاڭ يولۋىسى زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەن.1934-يىلى سىۋىن ھىدىن شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم كەلگەن،تەرەپ-تەرەپنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ ئاللىقاچان نەسلى قۇرىغانلىقىنى بايقىغان.20-ئەسىرنىڭ50-يىللىرى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك ئىلمىي تەكشۈرۈش جەريانىدا،ئالىملار شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ ئىزىنىمۇ تاپالمىغان.
19-ئەسىرنىڭ70-80-يىللىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ يولۋىسى تارىم ئويمانلىقىدا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانغا،شۇنداقلا يېقىنقى زامان غەربىي رايۇن ئېكىسپىدىتسىيىسى بايقىماقچى بولغان سىرلىق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى.ئەمما غەلىتە يېرى شۇكى،جاڭچىيەندىن تارتىپ بەن چاۋغىچە،فاشىيەندىن تارتىپ شۇەن جۇاڭغىچە،خۇاڭ ۋېنبىيدىن تارتىپ چىن زۇڭچىغىچە،ھەتتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمىي ھۆججەتلىرىدىمۇ شىنجاڭ يولۋىسى توغرلىق تەپسىلى خاتىرلەر ئاندا-ساندا ئۇچىراپ قالىدۇ.قارىماققا بۇ ھەقتىكى خاتىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك چەتئەللىك ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ خاترىلىرىدىن كەلگەندەك تۇرىدۇ.ئەمما 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ يولۋاس ھەققىدىكى تەسۋىرلىرى ناھايىتى جانلىق.ھەتتا شىنجاڭدىكى بەزى جاي ناملىرى يولۋاس بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان.مەسىلەن:"بارىسكۆل"دېگەن يەر نامى"يولۋاسنىڭ ئالدى پۇتى"دېگەن مەنىدە.ئىلى قورغاس دەرياسى بويىدىكى جىلغا"يولۋاس توپۇق"دەپ ئاتالغان بولۇپ،"يولۋاسنىڭ قولتۇقى"دېگەن مەنىدە.رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ جايدىن دائىم يولۋاس چىققاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭ مەنزىرسى شېئىرلىرىنى يېزىش بىلەن داڭ چىقارغان شىياۋ شىيۇڭ بىر شېئىردا"قۇيۇق ئورمانلىقتا يولۋاس،بۆرىلەر ناھايىتى كۆپ"دەپ يازغان.شۇ ۋاقىتتا لىن زېشۈي ئېلىغا سۈرگۈن قىلىنغاندىن كىيىن ئۆز خاتىرسىدە"خۇلار(ئۇيغۇرلار)بىر يولۋاسنى ئۆلتۈردى،ياردەم بەرگۈچىلەرگە تەقدىم قىلىش ئۈچۈن،تېرىسىنى شىلىپ،سۆڭىكىنى ئاجىراتتى،،ئۇنى شىلىم قىلىش ئۈچۈن تازا قايناتتى"دەپ يازغان.لىكىن شىنجاڭ يولۋىسىنى ھەقىقىي كۆرگەن ۋە ئوۋلىغانلار يوق دىيەرلىك.تارىم ۋە كۆنچى دەرياسى بويىدىكى لوپنۇرلۇقلارنىڭمۇ يولۋاس تېرىسىدىن بىرەر نەرسە ياسىغانلىقى ھەققىدىكى خاتىرلەرنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.بۇ ھەقىقەتەن سىرلىق بىر ئىش.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ سىۋىن ھىدىن لوپنۇرنى تەكشۈرگەندە،ئۆز كۆزى بىلەن يولۋاسنى كۆرۈش شەرىپىگە ئېرىشەلمىگەن.1896-يىلى جەنۇبتىن شىمالغا تەكلىماكان قۇملۇقىنى كىسىپ ئۆتكەندە،كېرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا يالغۇز ياشايدىغان بىر بوۋاينى ئۇچىراتقان.ئۇ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ،مۇشۇ يەردە چوڭ بولغان بىر ئۆمۈر مۇشۇ قۇيۇق ئورمانلىقتىن ئايرىلىپ باقمىغان.بۇ بوۋاي سىۋىن ھىدىنغا ئۈچ يىل ئىلگىرى يولۋاسنىڭ بۇ ئورمانلىقتا گاھ پەيدا بولۇپ،گاھ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
سىۋىن ھىدىن ئىلگىرى لوپنۇرلۇقلارنىڭ قورشاپ ئوۋ ئوۋلاش پائالىيىتىگە قاتناشقان،لىكىن ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر پارچە توزاققا چۈشكەن يولۋاسنىڭ تېز سىزمىسىنى سىزىپ چىققان.پرژىۋالىسكى بىلەن سىۋىن ھىدىن تەكشۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئېسىل رەسىملەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن،ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەر پارچىمۇ شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ سۈرىتى يوق.ناۋادا ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن(مەيلى ئۆلۈك بولسۇن)يولۋاسنى كۆرگەن بولسا چوقۇم رەسىمىنى قالدۇرغان بولاتتى.
ھازىر دۆلەت ئىچىدە شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ ئەۋرىشكىسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،1990-يىلى يازدا،جۇڭگۇلۇق ئالىم ياڭجىيەن شىۋىتسىيەنىڭ سىتوھكلۇم مۇزىيىدا رەڭگى ئالا-چىپار شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ تېرىسىنى كۆرگەن.تونۇشتۇرىشچە،بۇ 1900-يىلنىڭ بېشىدا سىۋىن ھىدىن لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ يېڭى كۆل دېگەن جايىدا لوپلۇق ئوۋچىلاردىن بۇ تېرىنى سېتىۋالغان ئىكەن.بۇ قورامىغا يەتمىگەن يولۋاس ھايات ۋاقتىدا تەخمىنەن220قاداق بولۇپ،زەھەرلىنىپ ئۆلگەچكە،تېرىسى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان.كىشىلەر ئادەتتە 20-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىدىن باشلاپ،پۈتكۈل تارىم ئويمانلىقىدا يولۋاسنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق خاتىرە يوق دەپ قارىماقتا.1973-يىلى2-ئايدا ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا يولۋاسنى قوغداش تۇغرلىق خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلغان.يىغىندا"دۇنيادا ئەسلىدە يولۋاسنىڭ سەككىز خىل كەنجى تۈرى بولۇپ،ئۈچ تۈرى ئاللىقاچان يوقالغان،بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى "شىنجاڭ يولۋىسى"دەپ رەسمىي ئېلان قىلىنغان.
شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ قانداق بولۇپ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن؟بۇ ھەقتە شىۋىتسىيلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سىۋىن ھىدىن1900-يىلى يازغان "لوپنۇرنىڭ سىرى"ناملىق كىتابىنىڭ 10-بابىدا مۇنداق بىر خاتىرىنى قالدۇرغان:يەرلىك كىشىلەر بىزگە ئۆتكەن ئىككى يىلدا قاراكۆل بويىدا يولۋاسنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.ئۇلار يولۋاس ھەققىدە بىر ھېكايە ئېيتىپ بەردى.ئاڭلىماققا بۇ ھېكايىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.لىكىن يەرلىك كىشىلەر"بۇ راست بولغان ئىش"دەپ تۇرىۋالدى.ئۇلارنىڭ دېيىشىچە چىشى يولۋاس كۈچۈكىنى تۇغقاندا،دائىم چۈمۈلە يوق جاينى تاللايدىكەن،چۈنكى سانسىزلىغان چۈمۈلىلەر يولۋاس كۈچىكىگە ھوجۇم قىلىپ،ئاخىردا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن.يەرلىك كىشىلەر ئۆتكەن ئىككى يىلدا يولۋاسنىڭ كۆرۈلمىگەنلىك سەۋەبىنى بۇ يەردە چۈمۈلىنىڭ ئىلگىركىگە قارىغاندا بەك كۆپىيىپ كەتكەنلىكىگە يىغىنچاقلىدى.ئەگەر بۇ ھېكايە باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان بولسا،بۇ يەردە تىلغا ئالمىساممۇ بولاتتى،لىكىن بۇنى شۇ جايدا ئولتۇراقلاشقان لوپنۇرلۇقلار ئېيتىپ بەرگەن.ئۇلار شۇنچىلىك سەمىمي، ساددا،تەسەۋۇر قىلىش كۈچى چەكلىك،ئەگەر ھەقىقەتەن ئەمىلىيەت ئاساسى بولمىسا،ئۇلار بۇنداق ھېكايىنى ئويدۇرۇپ چىقارمايدۇ.چۈمۈلىنىڭ يولۋاس كۈچىكىنى ئۇزۇقلۇق قىلىشى بىلەن،ئانا يولۋاس تۇغىدىغان جاي تاپالمىغان.بۇ ھەقىقەتەن شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتىش سەۋەبى ھەققىدىكى قىممەتلىك ماتىرىيال.ئەمما شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ،بەلكىم ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى بولسا كېرەك.
شىنجاڭ يولۋىسى ھەققىدىكى ئىشلار يۈز يىل تېپتېنچ تۇرغاندىن كىيىن،شىنجاڭ ساياھەتچىلىك-تەۋەككۇلچىلىق شىركىتى مىليۇن يۇەن پۇل خەجلەپ شىنجاڭ يولۋىسىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كىيى شىنجاڭ يولۋىسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تۆت تەرەپتىن ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىدى:
شىنجاڭ گىئولوگىيە ئىدارىسىدىكى ئالىي ئىنجىنىر جاڭ يۈچىيەن مۇنداق دېدى:1960-يىلى5-ئاينىڭ4-كۈنى ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن مىرەن دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان چىندىخوزا(清水河)ۋە قىزىل دەريا(红水河) ئارلىقىدىكى جىلغىدا گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.ئۇلار جىلغىدىكى بىر ئايلانمىغا كەلگەندە،يېقىنلا جايدىن قۇم-شېغىللارنىڭ سېرىلىغان ئاۋازى ئاڭلانغان.بۇ ئاۋاز جىمجىت جىلغىنى قورقۇنچلۇق تۈسكە كىرگۈزگەن.ئۇلار بىر دوقمۇشتىن شۇنداق ئايلىنىشىغىلا ئالدى تەرەپتىكى 8-9مىتىر ئارىلىقتىن تۈكلىرى ئالا-چىپار بىر يولۋاسنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن.يولۋاس بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ئۇلارغا تىكىلىپ قارىغان.ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن،قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتقىنىچە يان تەرەپتىكى كىچىك تاغ باغرى تەرەپكە مېڭىپ ئۇلارغا قايرىلىپ قارىغان.يولۋاس بىر تەرەپتىن ئۇلارغا قارىغان.بىر تەرەپتىن ئاغزىدىكى قان داغلىرىنى يالىغان.ئىككى-ئۈچ مىنۇتتىن كىيىن ئۇ بۇرۇلۇپلا كىتىپ قالغان.كىيىن ئۇلار كىچىك تاغ باغرىدا بوينى ئۈزىۋىتىلگەن بىر ياۋا ئېشەكنى كۆرگەن.
شىنجاڭ لوپنۇر كۆلى ئېكىسپىدىتسىيە ساياھەت كوپراتىپىدىكى ۋۇشى گۇاڭمۇ بىر قېتىملىق تاسادىبىي ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەن:2000-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنى ئۇ ھەمراھلىرى بىلەن كىچىك دەريانىڭ قالدۇق ئىزىنى ئىزدەۋىتىپ كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى دەريا قېنىدا 11-13 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى،مېيخۇا گۈلى شەكىلدىكى بىر ئىزنى بايقىغان.ئىز بىر دەم قۇملۇقتا بىردەم دەريا قېنىدا كۆرۈلگەن.ئىز كۆرۈلگەن ئەتىراپتىكى موھىتنى تەھلىل قىلغاندا،بۇ جايدا يولۋاس بولىشى مومكىن ئىكەن.
بۇ يىل63ياشقا كىرگەن جاڭ جۈن گېزىتخانىمىزغا(شىنجاڭ گېزىتى) 1959-يىلى5-ئاينىڭ9-كۈنى ئۆزىنىڭ ماناس ناھىيىسىدىن ئۆتكەندە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئۇقتۇرىشىنى كۆرگەنلىكىنى،ئۇقتۇرۇشتا قۇمۇشلۇقتا يولۋاسنىڭ بايقالغانلىقى،كۆپچىللىكىنىڭ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى يېزىلغانلىقىدەك بىر خەۋەرنى ئىنكاس قىلغان.
شىنجاڭ پىۋا زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى گو ئەيمىڭ1976-يىلى كوماندۇرۇپكىغا چىقىپ،جىڭدىن ئۆتۈپ شاشەنزى دېگەن جايغا كەلگەندە بىر ئوۋچىنىڭ يولۋاس تېرىسى سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.ئۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ"ئۇ چوقۇم يولۋاس تېرىسى،ئۇنىڭ تۈكلىرى قارا ھەم سېرىق ئىكەن"دېگەن.
شاڭ تىيەن شۇ ئىسىملىك بىر ھەربىي باغراش كۆلى ئەتىراپىدا بىر ھايۋاننىڭ ئاياق ئىزىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.ئۇ "بەلكىم بۇ شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ ئىزى بولىشى مومكىن" دېگەن.
شايارلىق بىر چارۋىچى لوپنۇرغا قويىنى ئىزدەپ كېلىپ،بىر قوينىڭ مەلۇم يىرتقۇچ ھايۋان تەرپىدىن يىيىلگىنلىكىنى ئەتىراپىدا يولۋاسنىڭ ئىزى بارلىقىنى كۆرگەن.
2001-يىلى بىڭتۇەن 105-پولىك مەيدانىدا6-7ئادەم بىر سۆكسۆلۈكتە200مىتىرغىمۇ يەتمىگەن ئارىلىقتا ئىككى يولۋاسنى كۆرگەن.كۆرگەندىمۇ يولۋاسنىڭ رەڭگى ۋە بەدەن قۇرۇلمىسىنى شۇنداق ئېنىق كۆرگەن.
بىر ۋاڭ فامىلىلىك كىشى گېزىتخانىمىزغا تېلىفۇن بېرىپ،ئۇنىڭ دوستىنىڭ ئۆيىدە بىر دانە يولۋاس تېرىسىنىڭ بارلىقىنى،ئۇنى دوستىنىڭ دادىسى1989-يىلى ئالتايدا ئاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
تېخىمۇ يامان بولغىنى1998-يىلى1-ئايدا ماناس ناھىيىسىدىكى تاغدا غەلىتە بىر ھايۋان بايقالغان.ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر مىتىر،ئىگىزلىكى0.5مىتىر بولۇپ،پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈك قارا ھەم سېرىق رەڭ ئارىلاشقان ھالەتتە،پىشانىسىدە"五"خېتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بەلگە بار ئىكەن.ئۇ دائىم كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان،ئىنتايىن يامان،ناھايىتى تېز يۈگىرەيدىغان،باشقا ھايۋانلارغا يولۇققاندا دەرھال ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنىڭ بوينىدىن ئۈزۋىتىدىغان ھايۋان بولۇپ،چارۋىچىلارنىڭ قوي ۋە ئاتلىرىنى يەپ كەتكەن.چارۋىچىلار بىر قورام تاشنىڭ ئارقىغا ئۆتىۋىلىپ،ئۇنى ياغاچ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن.
بىڭتۇەن84-پولىكتىكى لى فامىلىلىك بىرەيلەن گېزىتخانىمىزغا تېلېفۇن بېرىپ،1999-يىلى10-ئايدىكى بىر كېچىدە،ئۇنىڭ ئۆيىدىكى قوتانغا ئالا-چىپار بىر يولۋاسنىڭ بۆسۈپ كىرىپ ئىككى قوينى بوغۋەتكەنلىكى،ئۇنىڭ قاتتىق غەزەپلىنىپ كالتەك بىلەن ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكەنلىكى،يولۋاس تېرىسىنىڭ ھازىرغىچە بارلىقىنى ئېيتقان.
يىرتقۇچلارنىڭ پادىشاھسى يولۋاس شۇنداق ئاسانلا ئادەتتىكى بىر ئادەم تەرپىدىن ياغاچ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.شىنجاڭدا ۋۇسۇڭلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟يولۋاس ھەققىدىكى بۇ خەۋەرلەرنىڭ راست بىلەن يالغىنىنى ئايرىش ھەقىقەتەن تەس.
شىنجاڭ يولۋىسىنى ئىزدەش توغىرسىدىكى خەۋەر مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنكى بىر ئاي ئىچىدە،شىنجاڭ يولۋىسى ھەققىدە56پارچە خەۋەر بېسىلغان.راست ھەم يالغىنىنى ئايرىپ بولمايدۇ.لىكىن مۇناسىۋەتلىك ئالىملار بۇ ئىش ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان.بەزى ئادەملەر شىنجاڭ يولۋىسىنى ئىزدەشنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىدىن گۇمان قىلىشتى.بىرەيلەن"شىنجاڭ يولۋىسىنى ئىزدەش ھەقىقەتەن بىر بولمىغۇر ئىش،يولۋاس بولغان تەقدىردىمۇ،ئۇنى ئىزدىمەسلىك كېرەك،چۈنكى شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ تېپىلغان كۈنى،بەلكىم ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنىڭ باشلانغان كۈنى بولۇپ قېلىشى مومكىن"دېدى.يولۋاسنى قايتا ئىزدەش ھەتتا باشقا تۈردىكى ھايۋانلارغا ئاپەت ئېلىپ كېلىشى مومكىن.شىنجاڭ يولۋىسىنى ئىزدەش جەريانىدا بىر قەشقەرلىك كىشى دۆلەت تەرپىدىن قوغدىلىدىغان"يايلاق تاغىل مۈشۈكى"نى تىرىك تۇتىۋىلىپ ئەرمەك قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن.ئارقىدىنلا بىر گۇچۇڭلۇق كىشى بىر ئاز ئۇچىرايدىغان مايمۇننىڭ ئەۋرىشكىسىنى كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن.مىليۇن يۇەن خەجلەپ يولۋاس ئېلانى بېرىلگەندىن كىيىن بىر قاتار دۆلەت تەرپىدىن نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى قالايمىقان تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈش دىلولىرى بارلىققا كىلىپ،نۇرغۇن ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان.شىنجاڭ يولۋىسىنى ئىزدەش پائالىيىتى بىر مەزگىل داغدۇغا پەيدا قىلغاندىن كىيىن،بۇ خەۋەرنى تارقاتقۇچى2002-يىلى5-ئايدا يولۋاس ئىزدەش پائالىيىتىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
بىز بۇنداق ئىشلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.بىز نەزىرمىزنى يەنىلا بارغانسىرى ناچارلىشىۋاتقان شىنجاڭنىڭ ئېكىلوگىيىلىك موھىتىغا ئاغدۇرغىنىمىز ياخشى.شىنجاڭ يولۋىسى زادى بارمۇ-يوق؟بۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىر سىر.بىز شىنجاڭ يولۋىسىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۈت بولىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.بۇ بىزنىڭ تۇيغۇمىز بىلەن زىچ باغلانغان.خۇددى ئىنسانلار بىر گۈزەل ماكانغا ئېھتىياجلىق بولغىنىدەك،كىشلەرنىڭمۇ بارلىق ياۋايى ھايۋانلار ئۈچۈن بىر ياخشى موھىت ھازىرلاپ بېرىشىنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمىز.
ياڭ شىنسەي يازغان"شىنجاڭنىڭ سىرى"ناملىق كىتاپتىن تاللاپ تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى
بۇ ئەسەر لوپنۇرى بلوگىغا تەۋە باشقا جايغا يۆتكىمەكچى بولسىڭىز،مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   manozkan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-18 01:31 AM  


كۆكتىن تامدۇق ، يەردىن ئۈندۇق . بېشى بارلار باش ئۇردى ، تىزى بارلار تىزلاندى

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 01:01:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقۇلۇپ كەتمىگەندۇ بىزنىڭ زىمىندىكى ھايۋانلارمۇ خاتىرجەم ياشىيالمىسا بولماس مەن بىر كىتاپتا ئۇقۇدۇمغۇ دەيمەن كىرىيەلىك بىر بوۋاي كۇئىنلۇن تېغىدا بىر يولۋاسنىڭ قاپقانغا چۇشۇپ ئەتىراپنى تاتلاپ قانسىراپ ئۆلگەنلىگنى كۇدۇم دەپ يېزىپتىكەن

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10157
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 01:05:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايۋانلارمۇ بىزگە ئوخشاش ياشاش ھوقوقىغا ئىگە... توردىكى بەزى ھايۋانلارنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بۇنىڭ مىسالى...    بولسا تىپىلمىسا ياخشى بولاتتى...

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85143
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2012-9-16
ئاخىرقى: 2014-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 01:07:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭدىمۇ ئېكىسپىدىتسىيچىلەر ، بارمىدۇ .............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42705
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6705
تۆھپە نۇمۇرى: 840
توردا: 918 سائەت
تىزىم: 2011-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 01:32:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭنىڭ زىمىنى كەڭرى.بۇنچىۋىلا كەڭرى زىمىندا يولۋاس ۋە ياكى باشقا ھايۋانلارنىڭ بولۇشى تەبىئى.

كومپاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 576
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7142
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6444 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 01:41:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ياخشىسى يولۋاس تىپىلمىسۇن ، بولمىسا بەسەيلەرنىڭ  بىر ۋاخلىق ئىسىل غىزاسى بولۇپ قالىدۇ.

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82396
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4408
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2012-7-2
ئاخىرقى: 2012-11-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 01:43:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر قىتىم تاغقا چىققاندا، يايلاق چىتىدىكى كەڭرى ئورمانلىقتا ھەقىقەتەن بىر نەچچە يولۋاسنىڭ تۇتىۋالغان ئوۋنى، ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

سۈكۈت قىلىش جىنايەت ھىساپلىنىدۇ.
‹‹ باغداش مۇنبىرى ››گە يوللانغان  ‹‹بىز ۋە ھوقۇقلىرىمىز ››نى، چوقوم ئوقۇپ چىقىڭ!     http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11612
http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=11703

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 01:44:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

توۋا دەيمەن.

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1468
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 03:01:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
国民党 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-18 01:43 PM
مەن بىر قىتىم تاغقا چىققاندا، يايلاق چىتىدىكى كەڭرى ئو ...

راسمۇ يە گىپىڭىز؟

ئاتاڭ قانداق بولسا ، سەنمۇ شۇنداقسەن.

كۆپ پۇل تېپىش تۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10064
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9794
تۆھپە نۇمۇرى: 732
توردا: 1055 سائەت
تىزىم: 2010-9-12
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 03:29:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قېتىم جاڭگالغا چىققاندا ئەتراپقا شۇنداق قاراپ كىتىمەن ، يولۋاس ئۇچىراپ قالارمىكىن دەپ . بەش يىل بولدى ھىچ بىر ئۇچۇرمايدۇ .

كۆپ پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى  باي دادام تور خاتىرىسىدە                       http://baydadam.net/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش