مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 715|ئىنكاس: 7

بىلدۈرگۈ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86187
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 816
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 12:28:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆتمۈشتىكى مۇنەججىملەر ئاسماننى 12 بۇرۇجقا بۆلگەن . بۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :

3 – ئاي – قوزا  

4 – ئاي - ئۇي

5 –ئاي – قوشكېزەك ( ئاراندىز )

6 – ئاي – يولۋاس ( قۇچىق ‹ قىسقۇچپاقا › )

7 –ئاي – تىمساخ ( ئارىسلان ) ، ( قۇچىق – نەق )

8 –ئاي – بۇغداي بېشى

9 –ئاي – يا ( ياچاق )

10 –ئاي – تارازا (ئۈلكۈ )

11- ئاي - چايان

12 – ئاي - ئوغلاق

1 – ئاي – سوغا ( كۆنەك )

2- ئاي - بېلىق

بۇنىڭ ئەرەپچە – پارىسچە تەڭداش  ئاتىلىشى :

3 - ئاي - ھەمەل

4 – ئاي - سەۋر

5 - ئاي - جەۋزا

6 – ئاي – ئەسەد

7 –ئاي – سەرەتان

8 – ئاي – سۇنبۇل ( سۇنبۇلە )

9 – ئاي – قەۋس

10 –ئاي – مىزان

11- ئاي – ئەقرەب

12 –ئاي - جەدى

1 – ئاي - دەلۋە

2 –ئاي - ھۇت

ئايلارنىڭ ئەرەپ ئىسلامچە ناملىرى :

1 – ئاي – مۇھەررەم ( چەكلەنگەن )

2 –ئاي – سەپەر ( سارغايغان ، كۈزگى يامغۇر )

3- ئاي – رەبىيەلئەۋۋەل ( رەبىئە – ئەتىياز )

4 –ئاي -  رەبىيەلئاخىر

5 – جامادىيەلئەۋۋەل ( جاماد – ئۇيىغان ، قاتقان )

6 – ئاي - جامادىيەلئاخىر

7– ئاي - رەجەپ ( يىلتىز ، قورقۇش )

8- ئاي – شەبان ( شاخ ، تارماق )

9– ئاي -  رامزان ( رەمەزان – روزا تۇتىدىغان ئاي ، رەمزان – تومۇز ، قاتتىق ئىسسىق )

10– ئاي -  شەۋۋال ( تېز ، ھاپسان )

11– ئاي – زۇلقەدە ( قەدە – ئولتۇرماق ، تۇرۇق )

12 – ئاي – زۇلھەججە ( ھەج قىلىدىغان ئاي ، ھەججە – يىل ئاخىرى ، ھەج قىلماق )

يەتتە كۈننىڭ ئەرەپچە ، پارىسچە نامى :

ئەرەپچە ؛

ئەسبۇئ – ھەپتە يەنى يەتتە كۈن

يەتتە كۈن - سەبىت ، ئەھەد ، ئەسنەين ، سۇلاسە ، ئەربەئە ، خەمىس ، جۈمئە

ئىسلام دىندا ‹‹ جۈمە ›› ئارام ئېلىش كۈنىدۇر .

پارىسچە ؛

ھفتە روز – يەتتە كۈن

يەتتە كۈن – دوشنبە ( دۈشەمبە ) ، سەشنبە - سېھشەنبە ( سەيشەمبە ) ، چھارشنبە – چەھارشەنبە ( چاشەمبە ) ، پنجشنبە – پەنجشەنبە ( پەيشەمبە ) ، ئادىنە – ئازنا ، شنبە ( شەمبە ) ، يكشنبە ( يەكشەمبە )

ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئاللانىڭ يەتتە كۈندىكى ياراتمىشى :

دۈشەنبە – ئاي ، كۈن ، يۇلتۇزنى ياراتتى ، پەلەك ئىچىدە تۇرغۇزدى .

سەيشەنبە – قۇش – قۇرتلارنى ، پەرىشتىلەرنى ياراتتى .

چارشەنبە – سۇنى ياراتتى .  يەل ، بۇلۇتلانى چىقاردى .ياغاچ ، ئوت – يەملەرنى ياراتتى ، ئۈندۈردى ، روزى ( رىزىقى – تەسىبە ) لەرنى ئۈلەشتۈردى .

پەيشەنبە – ئۇجماق ۋە تامۇغنى ( جەننەت ۋە دوزاخنى ) ، رەھمەت ۋە ئازاپ پەرىشتىلىرىنى ياراتتى . ھۆرلەرنى ياراتتى .

ئازىنە – ئادەمنى ياراتتى .

شەنبە – نەرسە ياراتمىدى .

يەكشەنبە – كۆكلەرنى ياراتتى . ( ‹‹ قىسسەئى رابغۇزى ›› دىن )

خرستىئانلار ‹‹ ئىنجىل ›› دىكى بايان ئاساسىدا تەڭرىنىڭ يەتتە كۈندىكى ياراتمىشى ؛ تەڭرى پۈتكۈل مەخلۇقاتنى ياراتقان ،

بىرىنجى كۈن – يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىپ ، كۈن بىلەن تۈننى ھاسىل قىلغان .

ئىككىنجى كۈن – يۇقۇرى بىلەن تۆۋەننى ئايرىغان .

ئۈچىنجى كۈن – ئوت – چۆپ ، دەل – دەرەخ ۋە كۆكتاتلارنى ياراتقان .

تۆتىنجى كۈن – كۈن ، ئاي ، يۇلتۇزلارنى يارىتىپ ، يىل ، ئاي ، كۈنلەرنى بەلگىلىگەن .

بەشىنجى كۈن – بېلىق ، سۇ جاندارلىرى ۋە ھايۋانلارنى ياراتقان .

ئالتىنجى كۈن – چار پايلار ، ھاشاراتلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ياراتقان . ئاخىرىدا بۇ دۇنيانى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەرلەر بىلەن خوتۇنلارنى ياراتقان .

يەتتىنجى كۈن – تەڭرى مەخلۇقاتنى يارىتىش ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئارام ئالغان .

يۇقارقىلارنى ‹‹ قۇتاغۇ بىلىك ›› نىڭ ئىزاھات سۆزلۈكى ۋە ‹‹ نورۇزنامە ›› ناملىق ئەسەردىن رەتلىدىم . مۇھەممەتجان ئەمەت ئۆزكان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   manozkan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-18 01:34 AM  


كۆكتىن تامدۇق ، يەردىن ئۈندۇق . بېشى بارلار باش ئۇردى ، تىزى بارلار تىزلاندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79252
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4936
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 01:07:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ئىنىچكىلىك بىلەن بىرمۇبىر ئىزاھات بىلەن يېزىپسىز، قويماي ئوقۇپ چىقتىم ، نۇرغۇنلىرىنىڭ ئاتىلىشىنى بىلمەيدىكەنمەن، مانا ھازىر بىلىۋالدىم. ھارمىغايسىز...

ئۇيغۇرغا بىلىمدىن باشقا يول يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86001
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 01:10:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز...

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 09:16:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىدىكى بەزىللىرى ئالمىشىپ قالدىمۇ قانداق ؟ مەسىلەن : 9-ئاي بىلەن 11- ئاي ؟

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8766
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 10:23:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ ئىسىدە بولمىغان...تارىختا ئەجداتلىرىمىز قوللانغان؛ئاي،كۈن،ھەپتىلەرنىڭ سېلىشتۇرما نامى بىلەن مۇنبەرداشلارنى بىلىمگە ئىگە قىلغىنىڭىزغا رەخمەت!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 10:39:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ANSWER تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-18 06:40 AM  


Made in Answer

يۇلتۇزلاردا بولمىغاچ بىرلىك ،ي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39994
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3186
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2013-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 02:00:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،ھازىر بىر قىسىم ياشلىرىمىزغا ھەپتىنىڭ مانچىسى دىمىسىڭىز، دۈشەنبە، سەيشەنبە دىگەنلەرنى بىلمەيدۇ.

بەگ بولىدىغان ئوغۇللىرىمىز قۇل بولدى،خانىش بولىدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولدى._كۆلتېگىن مەڭگۈتېشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85339
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 500
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-9-23
ئاخىرقى: 2013-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 04:05:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم، بەك ياخشى تېما يوللاپسز،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش