مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 906|ئىنكاس: 7

«تاشئالما» زادى نېمىگە مۇھتاج؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81586
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3384
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-6-14
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 04:21:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، كەمىنە ئابلەتجان ياسىندىن سىلەرگە سالام!!   
شىنجاڭ «تاشئالما» كوماندىسنىڭ بۇ يىلقى ساھىبخانىدىكى 12 مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ھەممىسىنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ تەكلىپى بويىچە نەق مەيداندىن چۈشەندۈردۈم. «شىنجاڭ تەنتەربىيىسى» پروگراممىسىمۇ ھەر سەيشەنبە كۈنى مۇسابىقىنىڭ 20 مىنۇتلۇق سەرخىل يەرلىرىنى تېلېۋىزوردا كۆرسەتتى. شىنجاڭ كوماندىسى شاللاش مۇسابىقىسى باسقۇچىغا كىرەلمىگەندىن كېيىن ھەم چۈشەندۈرگۈچى مۇخبىر ھەم بىر شىنجاڭلىق توپ مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قايغۇردۇم. شۇڭا، ھازىرقى خىزمەت ئورۇنۇم بولغان شىنجاڭ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ۋە مۇسابىقىنى چۈشەندۈرۈرگەن شاھىتى سۈپىتىدە بىر پارچە چوڭ تىپتىكى ئوبزور يېزىپ، بۇنى شىنجاڭ كوماندىسنىڭ بۇ يىلقى مۇسابىقە خۇلاسىسى شۇنداقلا بىر «دىئاگنوز»ى قىلىش مەقسىتىدە، 10 نەچچە كۈن ماتېرىيال توپلاپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ مەزكۇر ماقالىنى يازدىم. كەڭ دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈمىدىدىمەن. ( شىنجاڭ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 2012 - يىل 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سانى)  

شىنجاڭ «تاشئالما» كوماندىسى نېمىلەرگە مۇھتاج؟

ئابلەتجان ياسىن

  يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى خېلى يامان ئەمەس تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. بۇ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ۋاسكېتبول، پۇتبول قاتارلىق ئاساسلىق تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ كەسپىيلىشىشى، كۇلۇبلىشىشى ۋە بۇ تۈرلەردە مەيدانغا كەلگەن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ماھىرلارنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق ھېس قىلىش، تونۇپ يېتىش مۇمكىن.

  يېڭى ئەسىردىكى شىنجاڭ تەنتەربىيىسىنىڭ سەركىسى، شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى مەملىكەتلىك كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىلەردە ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ شىنجاڭنىڭ داڭلىق تەنتەربىيە ماركىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. «گۇاڭخۇي» كۇلۇبى پۈتۈن شىنجاڭغا ھەقىقىي كۇلۇبلاشقان، ئىقتىساد بىلەن مۇنتىزم ھالدا چەمبەرچەس بىرىككەن كەسپىي تەنتەربىيىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «گۇاڭخۇي» گورۇھىنىڭ پۈتۈن جۇڭگودىكى ئىناۋىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

  ۋاسكېتبول ھەرىكىتى شىنجاڭدا مەيلى خەلق ئارىسىدىكى ئومۇملىشىشى جەھەتتە بولسۇن ياكى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسى بىلەن بولغان پەرقى جەھەتتە بولسۇن يەنىلا ئاجىز تۈر بولۇپ ھېسابلىناتتى. بىراق، گۇاڭخۇي گورۇھىنىڭ غايەت زور مەبلىغى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ۋاسكېتبولدىن ئىبارەت ئاجىز تۈرمۇ بۈگۈنكىدەك كوزۇر تۈرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ ھال نۇرغۇن كىشىلەردە مۇنداق بىر سۇئالنى پەيدا قىلدى: ۋاسكېتبولغا ئوخشاش ئاممىۋىي ئاساسى تازا دېگەندەك ياخشى ئەمەس بىر تۈر بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق چوڭ غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يەردە شىنجاڭدىكى «بىرىنچى تەنھەرىكەت» دەپ ئاتىلىدىغان پۇتبولغا ئوخشاش تۈردە كەسپىي كۇلۇب قۇرۇلۇپ قالسا، يەنە قانچىلىك ئۇتۇقلار قولغا كېلەر؟ قانچىلىك توپ چولپانلىرى مەيدانغا چىقىپ شىنجاڭغا جۈملىدىن جۇڭگوغا شان – شەرەپ كەلتۈرەر؟!

  ئىزتىراپلىق سوئاللارنىڭ ئايىغى تېخى ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا، ئۇشبۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىلدى. شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ يېڭى ئۈمىدى روياپقا چىقتى. شىنجاڭ غەربىي دىيار گورۇھىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى، شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشقۇرۇشى بىلەن شىنجاڭ «غەربىي دىيار. تاشئالما» كۇلۇبى رەسمىي قۇرۇلۇپ، 2012 – يىللىق جۇڭگو B دەرىجىلكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتى. شىنجاڭلىقلار 4 يىل كۈتكەندىن كېيىن ئاخىرى يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدى.

تاماشىبىنلار يېڭى – يېڭى رېكورتلار بىلەن پۈتكۈل مەملىكەتنى تاڭ قالدۇردى

  شىنجاڭ «تەنتەربىيە لاتارىيىسى» پۇتبول  كوماندىسى 2008 – يىلى تارقىلىپ كەتكەندىن  كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت توپ مەستانىلىرى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنىدى. شىنجاڭ «غەربىي دىيار. تاشئالما» كوماندىسىنىڭ قۇرۇلۇشى توپ مەستانىلىرىنى ناھايىتى كۈچلۈك قىزىقىش ۋە يۈكسەك ئۈمىد قوينىغا باشلاپ كىردى. 2010 – يىلنىڭ بېشىدىكى مىرەخمەتجاننىڭ دۆلەت پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىشى، 2011 – يىل بېشىدىكى بارى مۇھەممەتئېلىنىڭ خاڭجۇ كۇلۇبىدا داڭق قازىنىشى، ئەكرەم، دىلمۇرات، ئابدۇۋەلى، يەھيا قاتارلىق توپچىلارنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى چوڭ كۇلۇبلىرىدا قەد كۆتۈرۈشى قاتارلىق ئاكتىپ تەسىرلەر شىنجاڭ زېمىنىدا ئۇچقۇندىغان پۇتبول يالقۇنلىرىنى گۈلخانغا ئايلاندۇردى. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە توختىماي ئېلان قىلىنىۋاتقان شىنجاڭلىق پۇتبولچىلارغا ئائىت ئوبزور – ماقالە، خەۋەر، ئۇچۇرلار كىشىلەرنىڭ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئۆسمۈرلەر، بالىلار كوماندىلىرىنىڭ مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە شەرەپ قۇچىشى بولسا شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ گۈزەل ئەتىسىدىن دېرەك بەردى. تېلىۋىزورلادا توختىماي قويۇلىۋاتقان ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق خەلقئارادىكى يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇسابىقىلەر كىشىلەرنىڭ نەق مەيداندا مۇنتىزىم مۇسابىقىلەرنى كۆرۈش ئارزۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. دەل مۇشۇنداق پەيتتە، «تاشئالما» كوماندىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرى ئۈچۈن «تومۇز ئىسسىقتا زەمزەم ئىچكەندەك» ئىش بولدى دېيىشكە بولىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ پۇتبول تارىخى مىلادىيە 2012 – يىلى 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنىنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ. بۇ كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى 2012 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مەيدان ساھىبخانا مۇسابىقىسىنى كۈتىۋالغان بولۇپ، ئاپتونۇم رايونلۇق تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ پۇتبول مەيدانى بايرام تەنتەنىسىگە چۆمدى. 35 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىننىڭ «ھۇررا» سادالىرى ئىچىدە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانا مەيداندىكى سەپىرىنى باشلىدى. «35 مىڭ» پەقەت B دەرىجىلكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرى ئۈچۈنمۇ «مۆجىزىلىك» رەقەم ھېسابلىناتتى. 35 مىڭ تاماشىبىن جۇڭگو B دەرىجىلكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ مەيدانغا كىرگەن تاماشىبىنلار سانىنىڭ يېڭى رېكورتىنى ياراتتى. مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسسىمۇ «بۇ يەر شىنجاڭ» دېگەن تېمىدا قىسقا فىلىم ئىشلەپ، شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىن روھىنى مەدھىيلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىلەردە مەيدانغا كىرگەن توپ مەستانىلىرىنىڭ سانى تېخىمۇ ئېشىپ كەتتى. ساھىبخانا مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ 2- ئايلانمىسىدا شىنجاڭ كوماندىسى بېيجىڭ «سەنگاۋ» كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن يەڭدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مەيداندىكى تاماشىبىننىڭ سانى  40 مىڭدىن ئاشتى. ساھىبخانا مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ 3 – ئايلانمىسىدىكى چىڭخەي كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تاماشىبىنلارنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ توپ مەستانىلرىنى تاڭ قالدۇردى. تۇرپان، قۇمۇل، قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىنمۇ نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى كېلىپ مۇسابىقە كۆرۈپ، دۆلىتىمىزدىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بەس – بەستە خەۋەر قىلىدىغان نۇقتىسىغا ئايلاندى. كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش نۇقتىسى، كوچا – كويدىكى پاراڭ تېمىسىمۇ شىنجاڭ كوماندىسى چۆرىدىدى. «تاشئالما» كوماندىسى شىنجاڭدا يەنە بىر قېتىملىق «پۇتبول قىزغىنلىقى» نىڭ كۆتۈرۈلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالدى. شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بەرگۈچىلەر كۇلۇبلىرى تەشكىللەندى، شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بېرىش تېمىسىدىكى كىيىم – كېچەك، لوزۇنكا – ۋىۋىسكىلار بارلىققا كېلىپ، ھەرمىللەت خەلقى ئارىسىدا پۇتبول مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشىدىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، تاماشىبىن ـــ پۇتبولچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى، دۇنياغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان مۇھىم كۈچتۇر. بۇ خىل كۈچ شىنجاڭدا چوڭقۇر تارىخىي يىلتىزغا ئىگە. بۇ ئاخىرىقى ھېسابتا، پۇتبولچىلىقىمىزنىڭ مۇكەممەل تەرەققىي قىلىشىدا ئاساس بولالايدۇ. تاماشىبىنلارنىڭ قوللىشى بىر تەرەپتىن بېلەت كىرىمى، ئېلان كىرىمى قاتارلىق ئوبېيكتىپ شارائىتنى ياخشىلاش رولىنى ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ پۇتبولغا بولغان تونۇشنى كۈچەيتىپ، پۇتبولنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى – يېڭى پۇتبولچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن مۇھىم شەرت – شارئىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز تارىخىنى قايتىدىن يازدى

  تاماشىبىنلار تەق بولدى. مەسئۇل ئورۇن ۋە كارخانىلارمۇ بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشتى. پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى شىنجاڭ 19 ياشلىقلار كوماندىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن پۇتبول تېخنىكىسى ياخشى، بەزى چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ياش پۇتبولچىلارنى يىغدى. ئىلگىرى قازاقىستان دۆلەت كوماندىسىدا توپ تېپىپ كېيىنچە قازاقىستان دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا مەشقاۋۇللۇق قىلغان، ياش – ئۆسمۈرلەرنى بايقاپ ئىشلىتىشكە ماھىر ھېسابلىنىدىغان پېشقەدەم مەشقاۋۇل سېرگىنى يۇقىرى مۇئاش بىلەن تەكلىپ قىلىپ كوماندىنىڭ باش مەشقاۋۇللىقىغا تەيىنلىدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تۆھپىكار مەشقاۋۇلى پەرھات ئەزىمەتنى ياردەمچى مەشقاۋۇل قىلىپ بېكىتتى. شىنجاڭ كوماندىسنىڭ تۇنجى مۇسابىقە پەسلى مانا مۇشۇنداق قىسقىغىنە تەييارلىق، يۈكسەك ئۈمىد، زور بېسىم ئىلكىدە باشلىنىپ كەتتى. دەسلەپكى ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ، شىمالىي رايون بويىچە 1 – لىكنى قولدىن بەرمىدى. بولۇپمۇ مۇداپىيەدىكى چىڭلىقى بىلەن بىرلەشمە مۇسابىقىدە «مۇستەھكەم قورغان» دېگەن چىرايلىق نامغا ئىگە بولدى. بىراق، 6 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىكى چىڭخەي «سېنكې» كوماندىسى بىلەن بولغان ساھىبخانا مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 2 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە يېڭىلىپ قېلىپ بۇ پەسىلدىكى تۇنجى مەيدان مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىدى. مۇشۇ مەغلۇبىيەتنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئومۇمىي ئىپادىسىگە نىسبەتەن كۆرسەتكەن پاسسىپ تەسىرىنى بىر قەدەر چوڭ دېيىشكە بولاتتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن باشلاپ شىنجاڭ كوماندىسى ئۇدا بەش مەيدان مۇسابىقە غەلبە قىلالمىدى. 3 مەيدان يېڭىلىپ 2 مەيدان تەڭلىشىپ، رەت تەرتىپتە تەدرىجىي تۆۋەنگە «شۇڭغۇش» قا باشلىدى. گەرچە 14 – ئايلانمىدىن 16 – ئايلانمىغىچە بولغان 3 مەيدان مۇسابىقىدە يۇقىرى نومۇر بىلەن رەقىبلىرىنى ئۇدا مەغلۇب قىلىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم رەقىبلىرى بولغان خېبىي «جۇڭجى»، بېيجىڭ «يىتۇڭ»، چىڭخەي «سېنكې» قاتارلىق كوماندىلارغا ئېچىنىشلىق ھالدا يېڭىلىپ قېلىپ، پىسخىكا، روھىي تەڭپۇڭلۇق جەھەتلەردە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى باسقۇچلىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى ناھايىتى زور غەيرەتكە كېلىپ ئارقا- ئارقىدىن شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن شاڭخەي «جۇڭباڭ» كوماندىسىنى يەڭگەن بولسىمۇ، يەنىلا بىر نومۇر پەرق بىلەن ئالدىنقى تۆتىنچىلىككە ئېرىشەلمەي، تاللاش مۇسابىقىسىگە كىرەلمىدى. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ كوماندىسى جەمئىي 24 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ، 12 مەيدان يېڭىپ، 5 مەيدان تەڭلىشىپ، 7 مەيدان يېڭىلىپ جەمئىي 41 نومۇر بىلەن شىمالىي رايون بويىچە بەشىنچى بولدى. جەمئىي 28 توپ كىرگۈزۈپ، 26 توپ كەتكۈزۈپ قويدى. يەنى ھۇجۇمىنىڭ كۈچى بىلەن مۇداپىيەسىنىڭ ئۈنۈمىدە ئوخشاشلا مەسىلە ساقلاندى.

2007 – يىلى شىنجاڭ «تەنتەربىيە لاتارىيىسى» كوماندىسى شىمالىي رايون بويىچە بىرىنچى بولغانىدى. ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسىگە زادى قانداق باھا بېرىش كېرەك؟ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن توپ مەستانىلىرىنىڭ قاراشلىرى ھەرخىل بولدى. بىرتۈركۈم توپ مەستانىلىرى: شىنجاڭ دېگەن پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى. پۇتبولنىڭ ئاممىۋىي ئاساسى ئەزەلدىنلا ياخشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم ھەرمىللەت تاماشىبىنلىرى بار كۈچى بىلەن قوللاپ مەيدانغا داۋاملىق چىقىپ مەدەت بېرىۋاتقان تۇرسا شىنجاڭ كوماندىسى نېمىشقا ئالدىنقى تۆتىنچىلىككە كىرەلمەيدۇ؟ دېمەك، بۇلارنىڭ ئىپادىسىنى ياخشى دېگىلى بولمايدۇ، دېگەن كۆز قاراشتا بولۇشتى. يەنە بەزى توپ مەستانىلىرى بولسا: شىنجاڭ كوماندىسى تىرىشتى. ماھىرلىرىمىز تېخى ياش، پۇرسەت تېخى كۆپ، بىرلەشمە مۇسابىقىگە تۇنجى يىلى قاتنىشىپلا بەشىنجى بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭدىن كېيىن ماھىرلارنىڭ تەجرىبىسىنىڭ توپلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى چوقۇم ياخشىلىنىدۇ، دېگەن پىكىردە بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاساسى بار. مېنىڭچە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ يىلقى ئىپادىسىنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى تەنتەربىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پۇتبول مۇلاھىزىچىسى ياشار ئابلىمىتنىڭ سۆزى بويىچە ئېلىپ ئېيىتقاندا «ياخشى بولدى» دېيىشكە بولىدۇ. ياشار ئابلىمىت بۇ ھەقتە توختۇلۇپ : شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى تېخى كىچىك ئۆسمۈرلەردۇر. بۇرۇن چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ مەيدان كۆرگەن تەجرىبىلىك ماھىرلار بەك ئاز. ئاساسەن دېگۈدەك يېرىم كەسپىي، يېرىم ئىشتىن سىرىتقى ماھىرلاردۇر. قىسقىغىنە بىر قانچە ئايلىق مەشىق ئارقىلىقلا تېخنىكا، تاكتىكا جەھەتتە ماھىيەتلىك ئۆزگۈرۈش ياساش، بولۇپمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا تەجرىبە توپلاش قىيىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى باشقا كوماندىلارنىڭ قۇرۇلغىنىغا، كەسىپلىشىش يولىغا ماڭغىنىغا ئۇزۇن بولدى. ماھىرلارنىڭ كۆپىنچىسى كەسپىي پۇتبول يولىغا ماڭغان. مەشىق سېستىمىسى، شارائىتى ناھايىتى ئىلغار، مەشقاۋۇل – تەنھەركەتچىلەر ئۇزۇن مۇددەت بىللە ياشىغان «بۇرادەر» لەر ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، تېخى ئەمدىلا كەسپىي پۇتبولنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلىۋاتقان، تەجرىبىسىز ئۆسمۈرلەرنىڭ %50 لىك ئۇتۇش نىسبىتىنى ساقلىشىنىڭ ئۆزىلا چوڭ ئىش. دەرۋەقە، نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىمىز ئۈمىدسىزلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇمۇ بىر نورمال ئەھۋال. كۈتكەن ئۈمىدنىڭ چوڭ بولۇشىمۇ بىر ياخشى ئىش، ئۈمىد – ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ پەيدا قىلىدۇ. لېكىن، پۇتبول دېگەن يېڭىش – يېڭىلىش داۋاملىق بولۇپ تۇرىدىغان، «ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش» تۇر. قانداقتۇر قىسقا مەزگىللىك يېڭىش ياكى يېڭىلىشقا قاراپلا بىر كوماندىغا ئومۇميۈزلۈك باھا بېرىشكە بولمايدۇ. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ماھىرلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۈمىد زور، دەيدۇ.  

مېنىڭچە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە جەريانىدىكى تاكتىكا ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئىپادىسىگە قارايدىغان بولساق، مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى بايقايمىز:

بىرىنچىدىن، ھۇجۇم ئۇسۇلى بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ قالدى. شىنجاڭ كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئاساسەن ئىككى يان تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى ئاساس قىلدى. پۇتبولدا يان ھۇجۇمنىڭ مۇھىملىقىغا، رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، لېكىن، نوقۇل ھالدىكى پەقەت ئىككى يانغا تايىنىۋېلىش قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيەدىكى دىققىتىنى چېچىۋىتەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى قارشى تەرەپكە تېزلا ئاشكارىلاپ قويۇپ، ھۇجۇمنىڭ ئۈنۈمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ كوماندىسنىڭ ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بويىمۇ پاكار بولۇپ، بۇ خىل ھالەت يان ھۇجۇم تاكتىكىسنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. يەنى توپ ئىككى ياندىن قارشى تەرەپ چەكلەنگەن رايونىغا تاشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى بوي ئېگىزلىكى جەھەتتە قارشى تەرەپكە تەڭ كېلەلمەي، توپنى ئېلىشقا ئامالسىز قالىدىغان، قارشى تەرەپكە قايتۇرما ھۇجۇم پۇرسىتى تارىتىپ قويىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ. دېمەك، ھۇجۇمدىكى ئاددىيلىق ۋە ئۈنۈمسىزلىك شىنجاڭ كوماندىسنىڭ ئومۇي ئىپادىسىگە تەسىر يەتكۈزگەن.  

ئىككىنچىدىن، ھۇجۇم سېپىنىڭ ئىپادىسى دېگەندەك ياخشى بولمىدى.

شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىيەسىگە قارىغاندا ھۇجۇمىنى بىر ئاز ئاجىز دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل. بىراق، ئەڭ ماھىيەتلىك سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا ھۇجۇم سېپىدىكى ماھىرلارنىڭ ئىپادىسى بىر قەدەر تۇراقسقز بولغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 9 – نومۇر ئەخمەتجان، 7 – نومۇر ئەسقەر، 10 – نومۇر ئەخمەتجان، 27 – نومۇر ئابدۇغېنى قاتارلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى، كوللېكتىپقا بويسۇنۇشى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن مۇقىم ھالدىكى نومۇر ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىدى. ئىلگىرىكى شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەكرەم ئەخمەتكە ئوخشاش ئىزچىل نومۇر ئالىدىغان ماھىرلار چىقمىدى.  ئەكسىچە، 5 – نومۇر پەرھات، 2 – نومۇر مۇستاپا، 18 – نومۇر مەھمۇدجان يېتەكچىلىكىدىكى بېكلار ئەڭ مۇھىم ۋاقىتلاردا ئار – ئارقىدىن نومۇر ئېلىپ شىنجاڭ كوماندىسىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇردى. بېكلارنىڭ كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى شىنجاڭ كوماندىسىنڭ ئومۇمىي كىرگۈزگەن توپ سانى (28 توپ) نىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلىدى. ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىدىن قارىغاندا، بىر كوماندىنىڭ كىرگۈزگەن توپىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك بېكلارنىڭ كىرگۈزىشى نورمال ھادىسە ئەمەس. يەنى بېكلارنىڭ كۆپرەك توپ كىرگۈزۈشى ياخشى ھالەت ھېسابلانسىمۇ، لېكىن، ھۇجۇمچىلارنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانىنىڭ بېكلارغا يەتمەسلىكى مەلۇم دەرىجىدىكى كىرزىسنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۈچىنجىدىن، غوللۇق ماھىرلارغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىش ئېغىر بولدى.

ھەرقانداق بىر كوماندىدا بىرقانچە نەپەر غوللۇق، يادرولۇق ماھىر بولىدۇ. بۇ ماھىرلار كوماندىدىكىلەرنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكى شۇنداقلا تاكتىكا جەھەتتىكى يولباشچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار يەنە «مەيدان ئىچىدىكى مەشقاۋۇل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى پەرھات دەل مۇشۇنداق ماھىردۇر. بۇ ماھىر مەيلى ئىلگىرىكى شىنجاڭ «تەنتەربىيە لاتارىيىسى» كوماندىسىكى ۋاقتىدا بولسۇن ياكى ھازىرقى «تاشئالما» كوماندىسىدا بولسۇن ئوخشاشلا كوماندىنىڭ ئەڭ غوللۇق ئەزاسى، مۇداپىيەدىكى مۇستەھكەم ئۇل تېشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇداپىيەدىكى قاتتىقلىقى، ھۇجۇم تەشكىللەشتىكى ئۆتكۈرلىكى، مەيداندىكى رەھبەرلىك تالانتىنىڭ يۇقىرىلىقى، نومۇر ئېلىشقا ماھىرلىقى بىلەن كەڭ تاماشىبىنلار تەرىپىدىن «تۆمۈر بېك» دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. «تاشئالما» كوماندىسنىڭ بۇ پەسىلدىكى بەزى مۇسابىقىلىرىدە پەرھات ياكى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ياكى  سېرىق، قىزىل كارتا جازاسى سەۋەبىدىن مۇسابىقىدىن توختۇلۇپ مەيدانغا چىقالمىدى. بۇ مۇسابىقىلەردە شىنجاڭ كوماندىسى مەيلى ھۇجۇم جەھەتتە بولسۇن ياكى مۇداپىيە جەھەتتە بولسۇن خۇددى «باشسىز يىلان» دەك نېمە قىلىشىنى بىلەلمىدى. پەرھات كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىلەردە ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققاندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسنىڭ ھۇجۇملىرىدا سۈپەت ئۆزگۈرۈشى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مۇداپىيە جەھەتتە مەسىلە ئېغىرلاشتى. دېمەك، بىر غوللۇق تەنھەركەتچىنىڭ پۈتۈن كوماندىغا بولغان تەسىرى ھېچكىشى ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە چوڭ بولۇپ كەتكەنىدى. بۇ ئاخىرىقى ھېسابتا، كوماندىنىڭ بۇ جەھتتىكى تونۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.         

     تۆتىنچى، ماھىرلارنىڭ پىسخىكىسى يەنىلا ئاجىز بولدى.

شىنجاڭ كوماندىسى ماھىرلىرىنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكى يالغۇز بەدەن ساپاسى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنىلا كەلتۈرۈپ چىقارماستىن بەلكى يەنە، پىسخىكا جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىر قانچە مەيدان غەلىبە ياكى بىر مەيدان مۇسابىقىدىكى بىرەر توپ كىرگۈزۈش ماھىرلارنى «ئالەمچە» خۇش قىلغان بولسا بىر قانچە مەيدان مەغلۇبىيەت ياكى بىرەر توپ كەتكۈزۈپ قويۇش ئۇلارنى «كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئازاب» قا دۇچار قىلدى. تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن مەدىتى ۋە ئىلھامى بەزىدە پاسسىپ رول ئوينىدى. ئۆمرىدە بۇنچە كۆپ تاماشىبىننىڭ مەدىتى ئاستىدا مۇسابىقە ئويناپ باقمىغان ماھىرلار ساھىبخانا مەيدان مۇسابىقىلىرىدە خۇددى رەقىبلىرىگە ئوخشاشلا ھودۇقۇپ قالدى. مەسئۇلىيەت ۋە يۈكسەك غايىگە يۇغۇرۇلغان بېسىم ماھىرلارنىڭ پىسخىكىسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلدى. مەسىلەن: تيەنجىن كوماندىسى بىلەن ئوينىغان تۇنجى ساھىبخانا مەيدان مۇسابىقىىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 31 – نومۇرلۇق ماھىرى ئەسقەر زىيادە ھودۇقۇپ كېتىپ، بىر نۇقتا توپنى كەتكۈزۈپ قويۇپ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ غەلبىسىنى يوققا چىقاردى. ساھىبخانا مەيداندىكى يەنە بەزى بىر قىسىم مۇسابىقىلىرىدە، تاماشىبىنلارنىڭ توختىماي بەرگەن مەدەتلىرى ۋە بەزى ۋايساشلىرى ماھىرلارنى تەمتىرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى جارىي قىلدۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ قويدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھاۋا كىلىماتى جەھەتتىكى ماسلىشالماسلىق، سەپەر ۋاقتىنىڭ نىسبەتەن ئۇزۇنلىقى، ياتاق – تاماق، سۇ رايى جەھەتتىكى پەرق قاتارلىقلارمۇ شىنجاڭ كوماندىسنىڭ نورمال سەۋىيىسىنى جارىي قىلدۇرشىدا بەزى ئاۋارىچىلىقلارنى پەيدا قىلغان.

  دېمەك، شىنجاڭ «تاشئالما» كوماندىسى قىسقىغىنە ئالتە ئايدا يوقلىقتىن بارلىققا كەلدى. يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەر، ئىزدىنىشلەر ئىچىدە ئىلگىرلىدى. قىسقىسى، ئۇلار شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ يېڭى ئەسىردىكى، يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى يېڭى شەجەرىسىنى يېزىشقا باشلىدى. شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز تارىخىنى مول مەزمۇن، سەرخىل ئەسلىمىلەر بىلەن تولدۇرۇش سەپىرىنىڭ مەزمۇت قەدەملىرىنى بېسىشقا مۇۋەپپەق بولدى.

شىنجاڭ كوماندىسى نېمىلەرگە مۇھتاج؟

شىنجاڭ «تاشئالما» كوماندىسى بۇ يىلقى مۇسابىقە پەسلىدە بەشىنچى بولۇپ قېلىپ تاللاش مۇسابىقىسىگە كىرەلمىگەندىن كېيىن، نۇرغۇن توپ مەستانىلىرى «بىز يەنە قايتىپ كېلىمىز، كېلەر يىلى كۆرۈشەيلى» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر ئارقىلىق «تاشئالما» كوماندىسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بەزى توپ مەستانىلىرى: «تاشئالما» كوماندىسى كېلەر يىلى يەنە مۇسابىقە ئوينىيالارمۇ؟ تارقىلىپ كېتىپ قالماس ھە؟ دېگەنگە ئوخشاش تەشۋىشلەردىنمۇ خالىي بولالمىدى. ئىگىلىنىشىچە، غەربىي. دىيار گورۇھى شىنجاڭ كوماندىسىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ گورۇھ دەسلەپكى يىللاردا شىنجاڭ كوماندىسنى يىلىغا 3 مىليون يۈەنلىك خىراجەت بىلەن تەمىنلەپ، كېيىنچە، شىنجاڭ كوماندىسنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىراجەتنى 20 مىليون يۈەن، 30 مىليون يۈەنگە يەتكۈزىدىغانلىقى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ خىراجەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، شىنجاڭ كوماندىسىنى 10 يىل ئىچىدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۇلۇبلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇزۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. بۇ پىلان شىنجاڭنىڭ پۇتبول باھارنىڭ تېزرەك يېتىپ كېلىشى، پۇتبول ساھەسىدىمۇ «گۇاڭخۇي مۆجىزىسى» نىڭ يارىتىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇلاردىن كۆرۋېلىشقا بولۇدىكى، مەيلى پارتىيە، ھۆكۈمەت بولسۇن ۋە ياكى خۇسۇسىي كارخانىلار بولسۇن شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. توپ مەستانىلىرىمۇ مەدەت – ئىلھاملىرىنى ئايىماستىن قوللاۋاتىدۇ. ماھىرلارنىڭ ئىپادىسىمۇ ياخشى بولىۋاتىدۇ. لېكىن، شىنجاڭنىڭ پۇتبولنىڭ تەرەققىياتى نېمە ئۈچۈن نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ؟ پۇتبولچىلىرىمىز نېمىشقا خىزمەت ئىزدەش ۋەسۋەسى ۋە تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدىن قۇتۇلالمايدۇ؟ 15 ياشتىن تۆۋەن ئۆسمۈرلىرىمىزدىن تەشكىللەنگەن قىز – ئوغۇللار پۇتبول كوماندىلىرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇن مۇسابىقىلەردە ماھارىتىنى ۋە سەۋىيىسىنى تولۇق نامايەن قىلىپ، يۇقىرى ئۈستۈنلۈكلەر بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئوغۇللار، قىزلار كوماندىلىرى مەملىكەتتىن ھالقىپ شېۋىتسىيەدىكى دۇنيا ئۆسمۈرلەر مۇسابىقىسىگىچە قاتنىشىپ، ياۋروپانىڭ كۈچلۈك كوماندىلىرىنى يېڭىپ سەككىز كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىغا كىردى. دېمەك، رايونىمىزنىڭ پۇتبول مايسىلىرى قوشۇنىنىمۇ كۈچلۈك دەپ ئېيتالايمىز. بىراق، بۇ مايسىلار نېمىشقا «دانلىق» ھالەتتە «پىشماي» ئەكسىچە، تېزلا «قۇرۇپ» كېتىدۇ؟ ...

مېنىڭچە، بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل سەۋەب مەۋجۇت:

1. پۇتبول باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى بەزى قالاق، بېكىنمە شەكىللەر ۋە پۇتبولنىڭ ئەڭ يېڭى زامانىۋىي باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى توغرا، تەدبىقلەپ قوللىنالماسلىق. پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش نوقۇل شۇ تۈرنى، مۇسابىقىنى ياكى تەنھەرىكەتچى - مەشقاۋۇلنىلا باشقۇرۇش ئەمەس، بەلكى، مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە كەسپىي جەھەتتىن باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك باشقۇرۇش شەكلىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن زامانىۋىي باشقۇرۇشتۇر. بۇ دېگەنلىك خادىملارنى توغرا، ئىلمىي باشقۇرۇش، پۇتبول ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى توغرا مۆلچەرلەپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە پۇتبولنى ئۆز ماھىيىتى بويىچە پۇختا تەرەققىيات قەدىمىگە ئىگە قىلىش، ماھىرلارنى يۆتكەپ كېلىش، سەپلەش قاتارلىق جەھەتلەردە قابىل بولۇش دېگەنلىكتۇر.  

2. ئىقتىساد جەھەتتىكى قوللاش سالمىقى يەنىلا تۆۋەن. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ پۇتبولغا سالغان سېلىنمىسى يىلدىن – يىلغا ئېشىپ، قاتتىق دېتال جەھەتتە زور دەرىجىدىكى ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى دۇنيادا پۇتبول ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ مەبلەغگە قويۇدىغان تەلىپى يۇقىرى بولغاچقا، دۇنيا تۈگۈل مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگىمۇ يېتىشەلمەيۋاتىدۇ.

شىنجاڭ كوماندىسىغا قارايدىغان بولساق، مەيلى يېمەك – ئىچمەك شارائىتى جەھەتتە بولسۇن، مۇئاش - تەمىنات جەھەتتە بولسۇن ياكى خىزمەتكە ئورۇنلىشىش جەھەتتە بولسۇن بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى كوماندىلار ئىچىدە ئەڭ ئاجىز كوماندا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ كوماندىسى ماھىرلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق پۇلى 40 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنى شاڭخەي، خېبىي قاتارلىق كوماندىلارنىڭ كۈنلۈكى 250 يۈەن ئەتراپىدىكى تاماق پۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز ھېسابلىنىدۇ. ئايلىق مۇئاشىمۇ بىرقانچە مىڭ يۈەن بولۇپ، باشقا مۇقىم خىزمىتى يوق. بۇ خىل ئەھۋالدا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى ئەندىشە ۋە تۇرمۇش بېسىمىغا بەكرەك كۈچ سەرپ قىلىۋېتىپ، مەيداندا ئۆز – ئۆزىنى بېغىشلاپ توپ ئويناش ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ماھىرلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ماھىيەتتە، ماھىرلارنىڭ شۇنداقلا كوماندىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

3. جەمئىيەتنىڭ بۇ ساھەنى چۈشۈنۈشى ۋە قوللىشى يەنىلا تۆۋەن سەۋىيەدە.

ماقالىنىڭ بېشىدىلا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرى مەملىكەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنىدى. رېكورتنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىمۇ تېز ئىدى. بىراق، مۇسابىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، شىنجاڭ كوماندىسنىڭ ئىپادىسىنىڭ تۇراقسىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرىقى رېكورلاردىن ئەسەرمۇ قالمىدى. شىنجاڭ كوماندىسنىڭ ئاخىرىقى بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىسىدە، تاماشىبىنلارنىڭ سانى 5 مىڭغىمۇ يەتمىدى. دەسلەپتە مەيداننى «قورشاپ» تۇرىدىغان مۇخبىرلار توپىمۇ كىچىكلەپ، 10 نەچچىگىلا چۈشۈپ قالدى. شىنجاڭ كوماندىسنىڭ خەۋەر – ئۇچۇرلىرى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر يۈزىدىن تولۇق «غايىب بولدى». دېمەك، ناھايىتى داغدۇغۇلۇق باشلانغان پۇتبول «تەنتەنىسى» بىر ئاز سۆرۈنلۈك ئارىلاش ئاخىرلاشتى.  مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ جەريانىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، يەڭسىلا مەدەت بېرىپ، يېڭىلسە كارى بولماسلىقتەك قوللاش ئۇسۇلى ماھىيەتتە،  كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىزنىڭ تەنتەربىيەنىڭ روھى چۈشۈنىشتە يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. پۇتبولنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن توپ مەستانىلىرى چوقۇم ئىلمىي، ساغلام بولغان تەنتەربىيە قارىشىنى تۇرغۇزىشى كېرەك.

دېمەك، «تاشئالما» كوماندىسنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ھەرگىزمۇ بىر قانچە ئورۇننىڭ ياكى بىر قانچە كىشىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، بۇ كوماندىنى پۇختا قەدەملەر بىلەن تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىشى كېرەك. يەنى، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆزى بىلەن مەڭگۈ بىرگە ماڭالايدىغان، غەلبىنىمۇ، مەغلۇبىيەتنىمۇ تەڭ تېتىيالايدىغان سۆيۈملۈك تاماشىبىنغا، تېخىمۇ ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ھەمدە كەسىپلەشكەن، مۇنتىزىم پۇتبول مۇھىتىغا مۇھتاج !!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablatjan312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-17 04:25 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
esyankar75 + 108 مۇشۇنداق تىمىنى نادىر.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18179
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1005 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 09:36:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ كوماندىسى قىپ-قىزىل يۈز كويلۇق پۇللارغا مۇھتاج

نىم دەپ يازسام بولا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1912
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 10:11:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تاماشىبىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭ تاش ئالما كوماندىسىنى ھەر ۋاقىت قوللاپ، مەدەت بېرىپ، ئۇتۇق تىلەپ كېلىۋاتىمەن، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق.
ئۆز مىللىتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا ۋە تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار قوللاشقا تېگىشلىكنى ھامان مەڭگۈ قوللاپ تۇرىدۇ.
شۇڭا بۇ تېمىدا ئېيتىلغاندەك، يەڭسىلا مەدەت بېرىپ، يېڭىلسە كارى بولماسلىقتەك قوللاش ئۇسۇلىنى چۆرۈپ تاشلاپ، غەلىبىدىمۇ، مەغلۇبىيەتتىمۇ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىللە ماڭالايدىغان ھەقىقى ئۇيغۇر قوللىغۇچىلىرىدىن بولايلى!
ئالغا تاش ئالما كوماندىسى، سەن يالغۇز قالمىدىڭ، سەن ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە، ئەتراپىڭدا سېنى قوللاپ، مەدەتلەر بېرىپ تۇرىدىغان نەچچە تۈمەنلىگەن ئۇيغۇرلار بار، بىز ھامان سىلەر ئۈچۈن ۋۇررا توۋلاشنى توختاتمايمىز، ۋۇررا شىنجاڭ تاش ئالما كوماندىسى!

مەن ئاقىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىدىنمۇ يېڭىلىپ باقمىدىم.
جاھىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىنىمۇ يېڭىپ باقمىدىم.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كىرەك !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83925
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7451
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-8-14
ئاخىرقى: 2012-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 10:34:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yaro يوللىغان ۋاقتى  2012-10-17 09:36 PM
شىنجاڭ كوماندىسى قىپ-قىزىل يۈز كويلۇق پۇللارغا مۇھتاج

جىڭ گەپنى قىلدىڭىز . ھۇررا-ھۇررا دەپ قۇرۇق شۇئار تولا ۋەرگەنگە بولماس !
مەنمۇ  تاش ئالما كوماندىسى ئۇتتۇرۋەتكەندىن كىيىن قىزىل يۈز كويلۇق پۇلغا بېسىلغان ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ كاللىسىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى ھىس قىلدىم ...

ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھېچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6321
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 11:05:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىشىپ يىتىلىشكە جەريابن كىرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1912
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 11:12:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاش ئالما كوماندىسىنىڭ مەۋجۇت بوپ تۇرۇشى ۋە مۇۋاپىق ياخشى شارائىتلارغا ئېرىشىپ، داۋاملىق ئىلگىرلەپ مېڭىشى ئەلۋەتتە ئىقتىسادى قوللاشتىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ قوللاش، ھۆكۈمەتنىڭ، ۋە ياكى چوڭ-چوڭ شىركەتلەرنىڭ قولىدىن كەلمىسە، شەخسنىڭ قولىدىن ھەرگىز كەلمەيدۇ.
بۇ تېمىدا دەۋاتقىنى بولسا ئىقتىسادى قوللاشتىن سىرت، روھى جەھەتتىن قوللاشنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىگىنى، مەيلى يېڭىلسۇن ياكى نەتىجە قازانسۇن مۇسابىقە مەيدانى تاماشىبىنسىز قالمىسۇن دەپ مۇراجەت قىلىنىپتۇ.
شۇڭا تاماشىبىنلار توپى ئازايماي، ھامان قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ تۇرسا، مەيلى يېڭىلسىمۇ، مەدەت بېرىشنى توختاتمىسا، توپچىلارمۇ شۇ ئۆزلىرىگە ھەرۋاقىت بىر قىزغىنلىق بىلەن مەدەت بېرىۋاتقان تاماشىبىنلارغا يۈز كېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ، تېخىمۇ روھلىنىپ، جاپاغا تېخىمۇ چىداپ، نەتىجە قازىنىشقا ئاتلىنىدۇ.
مۇشۇنداق   ھەر ۋاقىت مەدەت بەرگۈچى، زور تۈركۈمدىكى قوللىغۇچىلىرى بار كوماندىنى ئىستىقبالى باركەن دەپ، بىرەر چوڭ ئورۇن ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاشنى قانداقمۇ ئويلاشمىسۇن.
يەنى قوللىغۇچىلىر يوق كوماندىنى قانداق ئورۇن ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاشنى خالايدۇ؟!
شۇڭا بۇ شوئارلار ھەرگىز قۇرۇق شوئار ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق ئاغزىدا بولسىمۇ مەدەت بەرگۈچى تاماشىبىنلار كۆپەيسۇن، كۆپەيگەنسېرى شوئارنى تېخىمۇ جانلىق توۋلىسۇن، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە  توپچىلارمۇ تېخىمۇ روھلىنىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن جەڭگە ئاتلانسۇن.
شۇندىلا مانا مۇشۇنداق زور قوللىغۇچىلىرى بار كوماندىنى، ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللايدىغانلارمۇ كۆپلەپ چىقىشقا باشلايدۇ.

مەن ئاقىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىدىنمۇ يېڭىلىپ باقمىدىم.
جاھىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىنىمۇ يېڭىپ باقمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9363
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9976
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2759 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 12:41:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىلەر يىلىمۇ يەنە قاتنىشىپ قالسىلا داۋاملىق قوللايمىز, ھۇررا شىنجاڭ ھۇررا تاش ئالما.................

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 722
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2338
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2680 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 01:06:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما بەك ئىسىل يىزىلىپتۇ ،پىكىر ئەتراپلىق بولۇپتۇ .
  مىنىڭچە مەستانىلەردە چاتاق يوق ،  چاتاق يوغان قورساقلىقلاردا ...........................................................     
   تىمىدا دىيىلگىنىدەك 15  ياشنىڭ تۆۋىنىدىكىلەر جۇڭگۇنى سوراۋاتىدۇ ، شەرقى ئاسىيانىمۇ دىسەك چوڭ كەتمەيدۇ ، لىكىن15دىن ئاشقاندا قەيەرلەرگە كىتىپ بارىدۇ ، نىمىشقا كەسىپلىشەلمەيدۇ ؟ ئۇلار نىمىشقا ئىچكىردىكى كوماندىلارغا بىرىپ سىناق مەشىقتىن ئۆتكەندە كىنىشكىسىنى شىنجاڭ پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى يىغىۋالىدۇ ؟ نىمىشقا تاشئالمىدىكى ئەزالارنىڭ   مائاشى شۇنچىلىك تۆۋەن بولىدۇ ؟  ئاۋال تائام ئاندىن كالام دىگەن گەپ بار ، ئۇلارنىڭ كىينلىكى ھۆكۈمەت تەرەپتىن ماددىي ئاساسقا ئىگە بولغاندا ئاندىن پۈتۈن زىھنى بىىلەن توپنى تىپەلەيدۇ . دىسەم گەپ جىق.......................
  
   يەنە ، كوماندىغا مەنىۋى تۈۋرۈك بولالىغىدەك تەجرىبىلىك توپچىلاردىن يۆتكەش كىرەك  ، ئىقتىساد جەھەتتە ھەرگىز قىسماسلىق كىرەك ، مىنىڭچە تىرنىرنىمۇ ئالماشتۇرسا بولغىدەك .

بىر مىللەت ئۇرۇشتا ئەمەس ،بەلكى سۈكۈتتە يوقىلىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش