مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 538|ئىنكاس: 5

نىكاھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27799
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6210 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 04:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىكاھ   
 گۈلبوستان ئابدۇرېھىم 
  نىكاھ مۇھەببەتنىڭ نازۇك سىناقلىرىدىن دادىل ئۆتەلىگەن، بىر – بىرىگە ھەقىقىي كۆيەلىگەن، ئەقىدە – ئىشتىياق بىلەن سۆيەلىگەن قەلب ئىگىلىرىنىڭ ئىللىق ئۇۋا قۇرۇش مۇساپىسىدىكى ۋىسال مەنزىلگاھىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى، ئۇھسىنىشلار بىلەن تولغان بىسەرەمجان كېچىلەرنىڭ ھىجران پەردىسىنى يىرتىپ تاشلىغۇچى...
   نىكاھ ئوخشاش يولدا ماڭغان، ئوخشاش ئوتتا كۆيگەن قەلبلەرنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزىنى چاراقلاتقۇچى، خىرە كۆزلەرنى نۇرلاندۇرغۇچى، غەمناك كۆڭۈللەرنى ئاۋۇندۇرغۇچى، مەنىۋى مۇكەممەللىك، مەنىۋى مۇقەددەسلىكنىڭ ئالىي شەكلى بولغان ئائىلىدىن ئىبارەت ئىللىق ئۇۋىنىڭ تەختىنى، بەختىنى ياراتقۇچى، قەلبىگە بىرلىك مۆھىرى بېسىلغان ئەر – خوتۇنغا تاغدەك مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چىدامچانلىقنى، ھەممىگە دادىل يۈزلىنەلەيدىغان قەيسەرلىكنى ئاتا قىلغۇچى، مۇھەببەتتىن ئىبارت ئالتۇن كۆۋرۈك ئارقىلىق ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلارنى، قەلبلەر بىلەن قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئوتتەك قىزغىنلىقنى كۈچلۈك مەسئۇلىيەتكە ئايلاندۇغۇچى.
   نىكاھ مەڭگۈ تانغىلى ھەم يانغىلى بولمايدىغان مۇقەددەس قەسەم. ئۇ، ئۇلۇغلۇقنىڭ ئۇلۇغى بولغان تۇز بىلەن نان گۇۋاھلىقىدىكى بۇزۇلماس ئەھد، شۇڭا ئۇنىڭ بېغى چىڭ. ئۇ ئىككى قەلبنىڭ سەممىيەتنى قانات، مۇھەببەتنى قان، بېغىشلاش ئەقىدىسىنى جان قىلىپ يېزىپ چىققان نادىر تارىخى. ئۇ ساختىپەزلىكنى، ئىككى يۈزلىمىچىلىكنى ئەسلا راۋا كۆرمەيدۇ. سەممىيەتسىزلىك ئۇنىڭ بېغىدا ئۈنگەن شۇم بۇيا، سەمىمىيەتسىزلەر بىر – بىرگە بىئەتىۋا.
   نىكاھ ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئاشىقلىق لېيىدا يۇغۇرۇلغان ئېسىل كوزا. ئۇ ۋىسال كۈيىدە مەۋج ئۇرۇۋاتقان دولقۇن، ساداقەت گىرەلەشكەن پاك تۇيغۇدىن ئۈنۈپ چىققان يۇلغۇن!

مەنبە:2012 -09-17-كۈنىدىكى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››.       

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33857
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5457
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 778 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2012-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 12:24:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  نىكاھ مەڭگۈ تانغىلى ھەم يانغىلى بولمايدىغان مۇقەددەس قەسەم.  ئۇ ساختىپەزلىكنى، ئىككى يۈزلىمىچىلىكنى ئەسلا راۋا كۆرمەيدۇ...... بۇلانى توي قىلغان ھەر قانداق بىرجۇپ چۈشىنىپ تېگىگە يېتەلسىە بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشار ئىدى.
بەكمۇ توغرا ئېيتىلغانكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1334
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1784 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 12:26:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككى يۈزلىمىچى جەددەل  نىمىلەر بىلەن ئۆتكەن ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16746
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7088
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 12:46:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنغۇ بويتاق

ۋجدان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82829
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3071
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-7-22
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 01:32:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىكاھ ھەققىدە خېلى ياخشى بىلىملەر ئىكەن

akida.biz | elqun.com | tordax.net قاتارلىق ئىسىملار ئەرزان باھادا سېتىلىدۇ. چ چ:1262684795

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87502
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 81
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2012-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 01:38:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مۇبارەك قەلىمى ئاستىدا ئاپىرىدە بولغان كۆرۈملۈك بۇ تېمىدىن سۆيۈندۈم. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن مۇئەللىم!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش