مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 351|ئىنكاس: 2

ئوخارا ۋە ئۇنىڭ «مۇكەممەل ئادەم مائارىپى» ئىدىيەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23754
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6613
تۆھپە نۇمۇرى: 503
توردا: 3428 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 03:26:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوخارا ۋە ئۇنىڭ «مۇكەممەل ئادەم مائارىپى» ئىدىيەسى


بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى بىلەن ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ئارىلىقىدا ياپونىيەدىكى مەكتەپلەردە مۇنداق بىر تەتۈر ئېقىم شەكىللىنىپ قالغانىدى:  ناھايىتى نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشىنىلا ئويلايتتى، بۇ سەۋەبتىن مەكتەپنىڭ ئىشلىرىغا ھە دېگەندە ئارىلىشىۋالاتتى. بۇنىڭغا تەخىر قىلالمىغان مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشىنى ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم قىلىۋالغانىدى. بۇ خىل ئوقۇتۇش ئەلۋەتتە جەمئىيەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇن بولىدىغان چوڭ ئىش ئىدى. چۈنكى مەكتەپلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايتتى.
ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدا ياپونىيە فاشىستىك ھاكىمىيىتى گۇمران بولۇپ، پۈتۈن ياپونىيە جەمئىيىتى باشقىدىن دۇنياغا يۈزلەندى. ئۇرۇشتىن كېيىنكى قىيىنچىلىق، نۇرغۇن سوممىلىق ئۇرۇش تۆلىمى، دۆلەتنى قايتا قۇرۇش... قاتارلىق بىر قاتار مۈشكۈلاتلار ياپونىيە جەمئىيىتىنى، تېخىمۇ كونكرىت قىلىپ ئېيتقاندا، پۈتكۈل ياپونىيە دۆلىتىنى ۋەيرانچىلىققا يۈزلەندۈرسە بولاتتى. ئەمما ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقى بۇ دۆلەتنى نابۇت قىلماقتا يوق، ئەكسىچە بۈگۈنكى دەۋردە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ماتورلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇنىڭدا نۇرغۇن ئوبيىكتىپ ۋە سۇبيىكتىپ سەۋەبلەر بولسىمۇ، ئەمما بىر نۇقتىنى ھەرگىزمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ ياپونىيە خەلقىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى.
ئەلۋەتتە، تەرەققىي تاپقان بىر جەمئىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىلغار ئىدىيەلىك زىيالىيلار قۇشۇنى بولمىسا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىدىيەسىنىڭ مەنبەسى ئېنىقكى جەمئىيەتنى بەلگىلىك بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولغان كىشىلەر بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقان مائارىپ ئورۇنلىرىدۇر.
ياپونىيەنىڭ ھازىرقى زامان مائارىپ تارىخىدا يېڭى بولغان نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر كىشى بار. ئۇنىڭ نەزەرىيەسى پۈتۈن ياپونىيە، شۇنداقلا دۇنيا مائارىپ ساھەسىدە باشقىلارنىڭ ئىزچىل دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان، ئۇ شەخس ئوخارادىن ئىبارەت. ئۇ ياپونىيەنىڭ مىلىتارىزىم ئەۋج ئالغان دەۋرلىرىدە توغرا يۆنىلىشلىك بولغان مائارىپ ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياپونىيە جەمئىيىتىنى مۇكەممەللىككە چاقىرغان تەسىرى زور بولغان ئادەمدۇر.
ئوخارا (1887 - 1977) بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا – ئانىسىدىن كىچىك  قالغان  بولۇپ، بوۋىسىنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن. بوۋىسىمۇ يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتى ئوخارانىڭ قەلبىگە ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىستىكىنى سالغان.
ئۇنىڭ بالىلىق مەزگىلى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن. بىراق بۇ خىل شارائىت ئۇنىڭ ئۆگىنىش يولىنى توسۇپ قالالمىغان. ئۇ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپنىڭ خەۋەرلىشىش كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن بىر تېلېگىراف ئىدارىسىگە ئورۇنلاشقان. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇتقۇچى بولۇش نىيىتىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمىگەن. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئىش ھەققى تۆۋەن بولغان ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، خىروشىما پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. تۆت يىللىق نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولغانلىقتىن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.
ئوخارا تېخىمۇ ئۇلۇغۋار غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، مائارىپ كەسپى بويىچە ئوقۇغان. ئۇ بۇ مەكتەپتىكى بىر قىسىم ئىلغار ئىدىيەلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىزچىل تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئىشلىرى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىروشىما ئالىي پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا، بالىلارنىڭ ئوي – خىياللىرىغا ماس  كېلىدىغان «مەكتەپ دراممىسى»نى ئىجاد قىلغان. بۇ نۇرغۇن بالىلارنىڭ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ۋە بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم زاتلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. بۇ خىل ئەھۋال ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مائارىپ ئىدىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چوڭ رىغبەت بولغان.  بۇنى ئۇنىڭ مائارىپ خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغاندىكى تۇنجى تەتقىقات مېۋىسى دېيىشكە بولاتتى.
ئەمما ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى پىداگوگىكىنىڭ تۈرلۈك  چەكلىملىكى تۈپەيلىدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغان. مۇشۇ مەزگىللەردە ئۇنى بىر كىشى ئۆزىنىڭ مەكتىپىگە تەكلىپ قىلغان. بۇ كىشى دەل ياپونىيە مائارىپ ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق زات ساۋاكۇ ماساتارۇ ئىدى. ئوخارانىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى بولسا، توكيودىكى پۇقراۋىي مەكتەپ – سەيجو مەكتىپى بولۇپ، ئۇ بۇ يەردە باشلانغۇچ مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولدى.
قۇرۇلغىنىغا ئۈچ يىل بولغان بۇ مەكتەپتە باشلانغۇچ مەكتەپ بۆلۈمىدىن باشقا بۆلۈملەر يوق ئىدى. مائارىپ خىزمىتىگە ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان ئوخارا لىكسىيە سۆزلەش، ئەسەر يېزىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلغان. ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ كىرىم قىلىپ، ئاخىرى سەيجو مەكتىپىنى باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ئوقۇتۇش  ئورنىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ بۇ يەردە مائارىپ ئىسلاھاتى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەكتەپتە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئوخارا ئۆگىنىش ئۇلىنى ياخشى سېلىش تەربىيەسىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆگىنىشنىڭ ئۈنۈمىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى تېزلا كۆرۈلۈپ، مەكتەپكە ھەر ساھەنىڭ دىققەت نەزەرى چۈشىدۇ.
لېكىن، دۇنيانىڭ ئىشلىرى ھە دېگەندىلا ياخشى بولىۋەرمەيدۇ. ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەش تۈزۈمىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان ۋە  شۇ بويىچە تەرەققىي قىلغان سەيجو مەكتىپىدىمۇ مائارىپ ئىسلاھاتى بىلەن ئالىي مەكتەپكە كىرىش نىسپىتى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن زىددىيەت كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. نۇرغۇن بالىلار ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققتىنى تارتقان سەيجو مەكتىپى ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق مەكتىپىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئوخارانىڭ بۇنىڭدىن  بەكمۇ ئىچى سىقىلىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟
ئۆزىنىڭ مائارىپ ئىدىيەسى بىلەن سىغىشالمايدىغان بۇ خىل ئەھۋالدىن بىزار بولغان ئوخارا ئۆزى بىر مەكتەپ قۇرماقچى بولۇپ سەيجو مەكتىپىدىن ئايرىلىدۇ. بۇ 1929 – يىلى ئىدى. ئۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ مەكتىپى – تاماگاۋا مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. لىكسىيە سۆزلەش، ئەسەر ئېلان قىلىش، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مەكتەپكە كېرەكلىك بولغان مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.  بۇ يەردە ئۇ ئۆزىنىڭ مائارىپ ئىدىيەسىنىڭ يادروسى بولغان «مۇكەممەل ئادەم مائارىپى»نى يولغا قويىدۇ.
ئوخارا مۇنداق قارايدۇ: ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەييارلىق مەكتىپىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش مائارىپنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەر بارلىق خىزمەتتە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىشنى مەركەز قىلغان. بۇنداق مائارىپ روشەنكى،  بىر تەرەپلىمە مائارىپ بولۇپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ مائارىپنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىگە ۋە پىرىنسىپلىرىغىمۇ خىلاپ. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلەيدۇ: بىر تەرەپلىمە مائارىپقا قارىمۇ قارشى بولغان «مۇكەممەل ئادەم مائارىپى»نى يولغا قويۇش كېرەك، يەنى مائارىپنىڭ غايىسى بولغان چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك، ئەۋلىيالىق، ساغلاملىق ۋە باياشاتلىقتىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك قىممەت يارىتىش؛ بۇ ئالتە جەھەتتە تەڭ، مۇناسىپ تەرەققىي قىلىش لازىم. بۇ ئۇنىڭ «مۇكەممەل ئادەم مائارىپى» ئىدى.
ئوخارا پىداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە چىركاۋنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش مۇراسىمىغا  قاتنىشىپ، تەقۋادار خىرىستىيان مۇرىتى بولغانىدى. ئۇنىڭ بۇ ئىدىيەسىدە «ئەۋلىيالىق» دېگىنى ئۆزىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىدىن كەلگەنىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىگە دىنىي ئېتىقادىمۇ چوڭ تەسىر كۆسەتكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئوخارا: ئۆگىنىشنىڭ ماھىيىتى ئۆزى تەپەككۇر قىلىش، ئۆزى ئىزدىنىش، ئۆزى ئىجاد قىلىش، ئۆزى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىۋاسىتە تەسىراتقا ۋە ئىلھامغا ئىگە بولۇشتا، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇ تاماگاۋا مەكتىپىدە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەشنى ئالاھىدە تەكىتلەپ تۇرغان. بۇ قاراش ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيەسىدە ناھايىتى ئاكتىپ ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئوخارا ئەنە شۇنداق ئىدىيەلىرى بىلەن ياپونىيە مائارىپ ساھەسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە دۇنيادىمۇ باشقا ئەللەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. ئەلۋەتتە، ئوخارانىڭ «مۇكەممەل ئادەم مائارىپى»مۇ بەزىبىر چەكلىمىلىكلەردىن خالىي ئەمەس، ئۇنىڭ ئىپادىسى شۇكى، بۇ ئىدىيە بەلگىلىك دەرىجىدە سىرلىق تۈس ئالغانىدى. ئەمما ئۇنىڭ، ئەتراپلىق كىشىلىك غورۇر تەربىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، بىر تەرەپلىمە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارشى تۇرۇشى؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسلىكىنى ھۆرمەتلەپ، ئۆردەك بورداش شەكلىدىكى مائارىپقا ۋە ئۆلۈك يادلاشقا، ئىمتىھان ئۈچۈن رىقابەتلىشىدىغان مائارىپ ئەندىزىسىگە قارشى تۇرۇشى؛ ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، قول بىلەن مېڭىنى  تەڭ ئىشقا سېلىش، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشنى تەكىتلىشى؛ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا ئىناق، دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىشى؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى  قاتارلىق تەشەببۇسلىرى ھازىرمۇ ۋە كېيىنمۇ بەلگىلىك  قىممەتكە ئىگە.



      
  

زۇليار ئەپەندى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7099
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9514
تۆھپە نۇمۇرى: 381
توردا: 2691 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 12:33:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگىدىما؟ .............ھازىر ياپۇنىيە قوللىنىۋاتقان مائارىپ ئەندىزىسنى ئوخارانىڭ مائارىپ ئىدىيسى دىيىشىكە بولامدۇ؟
بىزنىڭ قوللىنىۋاتقىنىمىز قانداق مائارىپ ئىدىيسىدۇ؟مېنىڭچە ،چۇقۇم ‹‹كالۋالىشىش››مائارىپ ئىدىيسى.

باشقىلارنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ.ئۇ ناداندۇر.
ئۆز كىشىلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىدىن ئۈمىت كۈتمەڭ. ئۇ گۇمراھتۇر.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7575
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7694 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-19 02:10:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تېما بېسىلىپ قاپتىغۇ!

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش