ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، مەن يىقىندا ئوقوغان يۇمۇرلاردىن ھەممەيلەن بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى، قىنى باشلىدىم ئەمىسە.
قايسىسى مۇھىم
بىر كۈنى ئاكا - ئۇكا پاراڭلىشىپ قاپتۇ،
- ئۇكام نىمىشقا ئاينى قۇياشتىن مۇھىم دەيسەن - دەپتۇ ئاكىسى
ئۇكىسى - چۈنكى قۇياش كۈندۈزى يۇرۇق ۋاقىتتا چىقىدۇ، ئەمما ئاي قاراڭغۇ ۋاقىتتا چىقىپ، قاراڭغۇ كىچىنى يۇرۇتىدۇ ئەمەسمۇ !
ھەقىقەت دېگەن نېمە
بىر كىشى ئەپەندىمدىن سوراپتۇ :
- ئەپەندىم، ھەقىقەت دېگەن نېمە ؟
- ھەقىقەت دېگەن، پادىشاھ ئەزەلدىن دەپ باقمىغان، بەلكى مەڭگۈ دىمەيدىغان، ئۇنى كۆرسە قۇرققۇسى كېلىدىغان نەرسە،- دەپ قاۋاپ بىرىپتۇ ئەپەندىم.
دادىسىغا ئوخشاش
دادىسى: سەن يەنە قوشنىلارنىڭ بالىسىنى ئۇرۇپسەن، ئاتا - ئانىسىنىڭ سېنى نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟
بالىسى: بىلىمەن، ئۇلار مېنى دادىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىغا ئوخشايدىكەن دېيشىدۇ.
نەتىجە
بالىسى: ئاپا قوشنىمىزنىڭ بالىسى ئىمتىھان نەتىجىسىدىكى 1 نى 5 كە ئۆزگەرتىپ قويۇپتىكەن، ئاپىسى سىزىپ قىلىپ ئۇنى تازا ئەدەپلەۋاتېدۇ.
ئاپىسى: ئۇ بالا تولىمۇ قاملاشمىغان ئىش قىپتۇ ، سەن ھەرگىزمۇ ئۇنى دورىما جۇمۇ بالام!
بالىسى: مەن ئۇنىڭدەك دۆتلۈك قىلمىدىم، پەقەت 1 نى 4 كە ئۆزگەرتىپ قويدۇم شۇ !
قايسىسى سىنىڭ داداڭ
بىر بالا يۈگۈرگىنىچە يولدا تۇرغان ساقچىنىڭ يىنىغا كىلىپ دەپتۇ:
- ساقچى تاغا، دادام بىرى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ كەتتى، ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ئاجىرتىپ قويغان بولسىڭىز ؟
ساقچى بالىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ يىنىغا بىرىپتۇ ۋە بالىدىن سوراپتۇ:
- قايسىسى سىنىڭ داداڭ ؟
- بىلمەيمەن ، ئۇلار دەل شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇشىۋاتىدۇ، - دەپتۇ بالا يىغلامسىرىغان ھالدا.
باھانە
ساقچى باشلىقى:
- ھۇ ، نان قىپىلار ئىككىڭ بىر جىنايەتچىگىمۇ قارالماي، ئۇنى قاچۇرۇپ قويۇشۇپسەن؟ مەن سەنلەرگە بارلىق چىقىش ئېشىكلىرىگە ئوبدان قاراش دىمىگەنمىدىم .
ساقچى:
- دوكىلات باشلىق، ئۇ كىرىش ئىشىكىدىن قېچىپ كىتىپتۇ .
مىجەزىم يوق
ئوغلى: ئانا، نېمىشقا تاماق ئەتمەي يېتىۋېرىسىز؟ مىجەزىىڭىز يوقمۇ؟
ئانىسى: بىشىم قىيىۋاتىدۇ بالام.
ئوغلى: ئەمىسە مەن سىزنى ئاشخانىغا يۆلەپ ئەكىرىپ قوياي!
مەنبە : ئوقۇغانلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-17 03:04 PM