2012- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئۆزىنىڭ ‹‹ئوينايلى دوستلار››، ‹‹ساما›› قاتارلىق ناخشىلىرى بىلەن كەڭ خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان داڭلىق ناخشىچى،ئىجادكار ياش، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس غالىپجان غوپۇر شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ 3- قەۋىتىگە جايلاشقان غالىپجان غوپۇر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ زالىدا ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەلگەن 30 غا يېقىن مۇخبىرنى كۈتىۋالدى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئارقىلىق، شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى قارمىدىقىدىكى شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى تۇرسۇن بارات ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. تۇرسۇن بارات ئەپەندى ئالدى بىلەن شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، شىركەت نىشانى ۋە شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە بەردى.
ئۇنىڭدىن كېيىن شىركەت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىبراھىم پەخىردىن ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، غالىپجان غوپۇرنىڭ سەنئەت ھاياتى، شىركەت تۈزۈلمىسى ۋە شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك ئەزالىرىنى تونۇشتۇردى. مۇخبىرىمىزنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى زور كۈچ بىلەن قوللىغان ئىكەن. ئۆمەك ئەزالىرى پىنسىيىگە چىققان بىر قىسىم سەنئەتچىلەر ۋە ئىشتىن سىرىت سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سەنئىتى بىلەن زامانىۋى سەنئەتنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرىلىشىچە، 2012- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى، شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى <<تەڭرىتاغ ناۋاسى>> نامىدىكى تۇنجى مەيدان كېچىلىكى ئارقىلىق شىركەتنىڭ رەسمىي ھالدا ئېچىۋىتىلگەنلىكىنى جاكارلايدىكەن ھەمدە خەلقىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيدىكەن. مۇخبىر نەق مەيداندا بۇ كېچىلىك ئۈچۈن جىددىي رەپىتىس قىلىۋاتقان چالغۇچىلار ۋە سەنئەت يىتەكچىلىرىنىڭ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى..
شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ھەققىدە
شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى مەخسۇس موزىكا ۋە ناخشا-ئۇسسۇل، مەدەنىيەت-سەنئەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئۇنۋېرساللاشقان خەلقئارالىق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى. شىركەت ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك مەدەنىيەت-سەنئىتىنى مەدىھىيىلەش ئارقىلىق نادىر بولغان سەھنە سەنئىتى ئىجاد قىلىپ، شۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەدەنىيەت ئالاقە ئىشلىرىغا بىر كىشلىك تۆپە قوشىدۇ. مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان يىغىن، ئويۇن قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ، ماركىنى بازارغا سېلىشتا تۈرىتكە بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى كەسپىي، سەنئەت خاراكتېرىگە ئىگە، ھوزۇرلىنىش تۈسى ئالغان، قىزىقارلىق، رەڭدار مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپ مىللەتنىڭ بىرلەشمىسى بولغان، ئىدىيىسى ئازات، تەجرىبىسى مول، ئۆتكۈر ئەقلى قابىلىيەتكە ئىگە، ئىتتىپاقلاشقان، مۇنتىزىم تەربىيەلەنگەن سەنئەت ماھىرلىرى توپلانغان كۈچلۈك بىر شىركەت بولۇپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. شىنجاڭ غالىپجان غوپۇر خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى مەدەنىيەت تارقىتىش، سەنئەتنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنى تونۇتۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، ھەر خىل سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى دۇنياغا نامايەن قىلىدۇ.
مىسرانىم تور بېكىتى 2012 -يىلى 10 - ئاينىڭ 17- كۈنى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-17 11:39 AM
|