ئىسمى : Johnny Depp
تۇلۇق ئىسمى : John Christopher Depp II
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1963 - يىلى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى
دۆلەت تەۋەلىگى : ئامېرىكا
كەسپى : ئارتىس . رىجېسور . ئاۋاز ئارتىسى ، كارخانىچى
ۋەكىللىك فېلىملىرىدىن : جارلىي ۋە چوكىلى شېركىتى . كارىپ دېڭىز قاراقچىللىرى يۈرۈشلۈك فېلىملىرى. قايچا ئېدىۋارت . قاتارلىقلار
كىنو مەستانىللىرى ئىچىدە ۋوللىۋود نىڭ داڭلىق گىگانىت چولپانى ، جوننى دېپنى بىلمەيدىغانلار ئاز بولسا كېرەك . بۇلۇپمۇ ئۇ باش رول ئالغان{ كارىپ دېڭىز قاراقچىسى يۈرۈشلۈك فېلىملىرىنى } كۈرۈپ باقمىغان مەستانىلەر يوق دىيەرلىك، جوننى دېپ ئۈزىنىڭ ئاجايىپ رول ئېلىش تالانتى بىلەن بىر قانچە يىلدىن بۇيان ۋوللىۋودتا پۇل سۈمۈرۈش ماشىنىسى ئاتىلىپ ۋوللىۋودتا كىرىمى ئەڭ يۇقرى گىگانىت چولپانلارنىڭ بىرى بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ ،
يېقىندا جوننىي دېپ توغرۇلۇق ئاجايىپ بىر خەۋەر ئاخپارات ۋاستىللىرىدە كەڭ تارقىلىپ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەززىگە سالدى . ئۇنداقتا بىز بۇنىڭ زادى قانداق خەۋەر ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ باقايلى ...
ئەنگىلىيەنىڭ لوندۇن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان توققۇز ياشلىق تىنا كۆڭلىدىكى مەبۇدىسى بولغان داڭلىق
چولپان كاپىتان جېكقا بىر خەت يازغان بۇلۇپ . ئۇ خېتىدا، دادىسىنىڭ دائىم ھاراق ئىچىپ مەس يۈرۈيدىغانلىقى، ئاپىسىنىڭ بولسا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئائىلىسىدە ئازراقمۇ ئىللىقلىقنىڭ يوقلىقىنى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ يېرىم قىلىدىغىنى بولسا، ئۇ دادىسى بىلەن ئاپىسى سەۋەبلىك، دائىم ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇنى ئەسكى بالا دەيدىغانلىقى، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناشنى پەقەتلا ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھازىر ئىنتايىن يالغۇز، غېرىب ئىكەنلىكىنى يازغان بۇلۇپ. خېتىنىڭ ئاخىرىدا تىنا تەڭرىدىن، كاپىتان جېكنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەيدەپ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.
بۇ خەت مۇشۇنداق چۆرگلەپ يۈرۈپ، لوندوندا { كارىپ دېڭىز قاراقچىسى 4 } نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان جوننى دېپنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. خەتنى كۆرگەن جوننى دېپنىڭ كۆڭلى تولىمۇ پەرىشان بولدى. چۈنكى ئۇ بىر بالىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن قوينىغا ئېلىنماسلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئازابلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، جوننى دېپ تىنانى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتىش قارارىغا كەلدى.
بىر كۈنى، تىنا ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ئىنتايىن ئالاھىدە بولغان بىر تېلىفوننى تاپشۇرۇۋالدى. تېلىفوننى جوننى دېپ ئۇرغان بولۇپ، ئۇ مەكتەپنىڭ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تىناغا بېرىدىغان تۇيۇقسىز خۇشاللىققا ماسلىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
مەكتەپ مۇدىرى ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن جوننى دىپنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى.
بىر ھەپتىدىن كېيىنكى بىر كۈنى، تىنا ئىنتايىن ئازاب ئىچىدە مەكتەپكە كەلدى. بۇ كۈنى دەل ئۇنىڭ توققۇز ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كەتكەندەك ئىدى.تىنا شۇ ئازاب ئىچىدە سىنىپقا كىرىپ پارتىسىدا ئولتۇردى-دە، دەرس ئۆگۈنۈشكە باشلىدى. ئەمما ئوقۇتقۇچى تۇيۇقسىزلا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ يىغىن زالىغا يىغىلىشقا بۇيرىدى. تىنامۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە زالغا يىغىلدى.
تىنا يەنىلا شۇ ئازاب ئىچىدە ئولتۇرغاندا تۇيۇقسىز ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى:
-تۆۋەندە بىز كاپىتان جېكنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىمىز!
جوننى دېپ ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە مەخۇسۇس تىنا ئۈچۈن كاپىتان جېكنىڭ ئوبرازىدا ياسىنىپ فېلىمنىڭ ھەيۋەتلىك مۇزىكىسى ئاستىدا سەھنىگە چىقىپ ناھايىتى يۇمۇرىستىك ھالدا كارىپ دېڭىز قاراقچىلارنىڭ ئۇسۇلىنى ئوينىدى ، ۋاقىت قىسچىلىقى سەۋەبلىك ئۇلار ئالدى-كەينى 15 مىنۇتلا نومۇر كۆرسەتتى.
ئاخىرىدا كاپىتان جېك، تەڭرىنىڭ ئۇنى تىنانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ئەۋەتكەنلىكىنى، تەڭرىنىڭ تىنانىڭ خۇشال بولغان بىر تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما تەڭرىنىڭ ئۇنىڭ ئۇستازلىرىنى ئاغدۇرمايدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك تىنادىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۆۋەندە گۈلداراس ئالقىشلار ۋە تىناغا بولغان تەبرىكلەر ياڭرىدى،
تىنا ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپلا قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كاپىتان جېكقا يازغان خېتىنى كاپىتان جېكنىڭ تاپشۇرۋالغانلىقىغا ئىشەنمەيۋاتاتتى. كاپىتان جېكنىڭ راستلا ھەمراھلىرىنى باشلاپ كېلىپ ئۇنىڭغا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيۋاتاتتى. ئۇنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇۋاتقانلىقى، كاپىتان جېكنىڭ ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاغدۇرمىغانلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورىغانلىقى ئىدى.
ئىنتايىن تېزلا، تىنانىڭ ئوقۇتقۇچىسىمۇ ئۆزىنىڭ تىناغا بەك كۆپ ئازار بەرگەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تىنانىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تىناغا بەرگەن ئازارلىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى. تىنانىڭ ساۋاقداشلىرىمۇ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراشتى. ئوقۇتقۇچى-ساۋاقداشلىرىغا قاراپ، تىنا تۇنجى قېتىم بەخت تۇيغۇسىدا ئەللەيلەندى. ئۇ تەڭرى بىلەن كاپىتان جېكقا قايتا-قايتا رەھمەت بىلدۈردى.
بۇ ئىش ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ تارقىتىشى بىلەن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر جوننى دېپنىڭ نېمە ئۈچۈن كىچىك بىر
قىزنى دەپ شۇنچىۋالا داغدۇغا قىلىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك ھەرخىل قىياسلارنى قىلىشتى. ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي «كارىب دېڭىز قاراقچىسى 4»نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلار جوننى دېپتىن نىمە ئۈچۈن شۇنچىلىك ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئاتايەن مەكتەپكە بېرىپ بىر قىز ئۈچۈن مەخۇس پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى سورىدى... ، { ئەمەلىيەتتە جوننى دېپنىڭ ھەرقانداق بىر تىجاررەت تۈرىدىكى پائالىيەتلىرىگە ياكى باشقا ئېلانلارغا قاتنىشىپ بىرىش ھەققى ناھايىتى يۇقرى بۇلۇپ. ئىلگىرىمۇ مەلۇم بىر داڭلىق ماركىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتىگە 40 مىنۇت قاتنىشىپ بىرىش ھەققىلا بىر مىلىيۇن دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. }
جوننى دېپ بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن: «كىچىك چاغلىرىمدا دادامنىڭ خىزمىتى سەۋەبلىك بىز توختىماي ئۆي كۆچەتتۇق. تۆت يىل ئىچىدىلا بىز ئوتتۇز نەچچە قېتىم ئۆي كۆچۈپ بولغان ئىدۇق. شۇڭلاشقا ئۇ ۋاقىتلاردا ماڭا چىن دىلىدىن كۆيۈنىدىغان نە ساۋاقداشلىرىم، نە ئوقۇتقۇچىلىرىم يوق ئىدى. ئۇ چاغدا مەن تەڭرىگە ئەڭ كۆپ قىلىدىغان دۇئايىم دەل مېنى ياقتۇردىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن، مەن بىلەن ئويناشنى خالايدىغان ساۋاقداشلارغا ئۇچراش ئىدى. شۇڭلاشقا مەن تىنانىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، قەلبىم تىترىدى. ئىنتايىن تەسىرلەندىم. مەن ئۆزۈمنى ئۇنى تەڭرىنىڭ ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرالايمەن دەپ ئويلىدىم. مەن ھەربىر غېرىب بالىغا تەڭرىنىڭ ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇشنى تولىمۇ خالايمەن!» دېدى.
ھەر بىر غېرىب بالىغا تەڭرىنىڭ ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش، بۇ بىر جۈملە سۆز كىشىلەر ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى. كىشىلەر جوننى دېپنى مەدھىيلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بالىلارغا بولغان شەخسىيەتسىز مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ئالقىشلىدى.
مەنبە : مەن ۋە ئوكيان تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-17 05:07 AM