|
|
|
|
دۇنيادىكى تاشلىنىپ قالغان مەشھۇر شەھەرلەر
1.سانجا شەھىرى
سانجا شەھىرى ھىندىستاندىكى تارىخى ئۇزۇن بولغان تاشلىنىپ قالغان شەھەربولۇپ،بۇيەردە 50 دانە بۇت مۇنارى بار،بۇنىڭ ئىچىدە سانچى مۇنارى ئەڭ ياخشى ساقلىنىشى ۋە دۇنيادىكى مەشھۇر قۇرۇلۇشلىقى بىلەن مەشھۇردۇر.(رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك) بۇ مۇنار يىرىم شار شەكلىدە بولۇپ،بۇ مۇنار بۇددا قۇرۇلۇشلىرىنىڭ نامايەندىسىدۇر.
2.پىترا قەدىمىي شەھىرى
پىترا قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئورنى سۇداننىڭ 赫尔(ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىلەلمىدىم)تىغى تۆپىلىكىگە جايلاشقان بولۇپ،ئۆزگىچە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بىلەن مەشھۇردۇر.بۇ شەھەر شۇ تاغدىكى بىر قىزىل قورام تاشقا ئويۇپ ياسالغان بولۇپ،قەدىمكى شەرىق قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ۋە قەدىمكى رىم قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنىڭ مۇجەسسىمى سۈپىتىدە كىشىلەرنى ھەيرەتتە قالدۇرماقتا.
3.ئىپسوس(قەدىمكى ئاتىلىشى ئاناتولىيە)
دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان ئىپسوس تۈركىيەدە بولۇپ،ئۇنىڭدا دۇنياغا مەشھۇر ئارتىنىس ئىلاھى بۇتخانىسى بار،مىلادىدىن بۇرۇنقى 10ئەسىرلەردە ئافىنا-ئوۋلىيان كۆچمەنلىرى بۇ شەھەرنى قۇرۇپ چىققان.
4.پارىس پولىس قەدىمىي شەھىرى
ئىراندىكى پارىس پولىس قەدىمىي شەھىرى،مىلادىدىن بۇرۇنقى 515-يىللىرى،پارىس قاغانى دارىس بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،تاغ تۆپىلىكىدىكى تۈزلەڭ جايغابۇ شەھەرنى بىنا قىلغان،بۇ شەھەر باشقا شەھەرلەردىن يىراقتا ۋە تاغ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ،قەدىمكى پارىس ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختىدۇر،غايەت زور قۇرلۇشلار تۆت ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان،ئۆتۈشمە پەلەمپەيلىك بۇ شەھەرنىڭ ئادەمنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغىنى تۆت دانە غايەت زور ھەم ئىگىز بولغان مۇناردۇر،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاش ئابىدىلەر ۋە ئويما نەققاش خارابىلىرىدۇر.
5.پارۇڭك قەدىمىي شەھىرى
مىكسىكىدىكى پاروڭك قەدىمىي شەھىرى، مىكسىكىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان،مىلادىدىن بۇرۇنقى 400-يىللاردىن 700-يىللارغىچە مايالىقلار بىنا قىلغان شەھەر بولۇپ،بۇ شەھەردە كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇردىغان ئىبادەتخانىلار،ھەيكەللەر ۋە تاش ئابىدىلەر بار، ئەگەر پۇرسەت بولسا بۇ شەھەرگە بارسىڭىز ئۇلارنىڭ بىناكارلىق ئىلمى بىلەن تىخىمۇ ياخشى تونۇشۇپ چىقالايسىز،ئۇنتۇپ قالماڭكى بۇ يەردە ۋودان.پاكى پىرامىداسى،رەسەتخانا ۋە سىرلىق ئوردىلار بار بولۇپ كۆرمەي كەتسىڭىز ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.
6.سىرلىق ماچىبىچ خارابىلىكى
سىرلىق ماچىبىچ خارابىلىكى بەلكىم تىگىگە يىتىپ بولغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدىكى قەدىمىي خارابىلىك بولىشى مومكىن، بۇ خارابىلىك يىڭى قۇرۇقلۇق بايقىلىشتىن بۇرۇنلار بار بولغان ئىنكالار خارابىلىكىدۇر. بۇ شەھەر پېرۇنىڭ ئىنكالار مۇقەددەس جىلغىسىنىڭ ئۈستىدىكى تاغنىڭ قىرىغا جايلاشقان بولۇپ،بۇ ئۆزگىچە قۇرۇلۇشلار قەدىمكى ئىنكالار قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغا تەۋە.شەھەر ئەتراپىغا نۇرغۇنلىغان تەبىئى ئارشاڭلار،پەلەمپەيسىمان ئېتىزلار،كۆپلىگەن ئىبادەتخانىلار،ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم ئوردا-سارايلار بۇ خارابىلىكنى ئۆزگىچە تۈسكە كىرگۈزگەن بولۇپ كىشىگە ئاجايىپ ئىستىتىك زوق بىغىشلايدۇ.
7.گىگانىت تاش تۈۋرۈكلەر
بۇ قەدىمكى تاش ئابىدىلەر ئەنگىلىيىگە جايلاشقان بولۇپ،ئۇ قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى ۋەئۆتكۈر قۇرۇلۇش سەنئىتىنىڭ مۇجەسسىمىدۇر. ئەنگىلىيىنىڭ دۆلەت بەلگىسى بولغان بۇ قەدىمىي تاش ئابىدىلەر ئەمىلىي كۈچى زور بولغان مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ سىمھولىدۇر،بۇ غايەت زور تاشلارنىڭ ئايلانما شەكىلدە تىك قىلىپ قويۇلۇش قۇرۇلمىسى ۋە نەچچە يۈزلىگەن قەدىمىي قەبرىلەر تا ھازىرغىچە بىر سىر،بۇنىڭ تارىخىنى يىڭى تاش-قۇرال دەۋرىگىچە سۈرۈشتە قىلىش مومكىن.
8.زىمبابۋې خارابىلىكى
مىلادى1250-يىللىرىدىن1450-يىللار مابەينىدە زىمبابۋېدىكى ئافرىقا يەرلىك ئادەملىرى ھىچقانداق قۇرۇلۇشقا ئوخشىمايدىغان كىشىنىڭ تەرىپلىگۈسى كىلىدىغان بۇ ئۈنۋېرسال قۇرۇلۇشنى ياساپ چىققان. بۇ قۇرلۇش كۇب شەكىلدىكى گىرانت تاشلار ۋە ئىگىز تاملاردىن قوپۇرۇلغان، بىر تار يولغا گىرانىت تاشلار ياتقۇزۇلغان بولۇپ،بۇ قۇرۇلۇش سەھرايى كەبىر قۇملىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرىدۇر.
9.پامىرا قەدىمىي شەھىرى
پامىرا قەدىمىي شەھىرى سۈرىيەگە جايلاشقان، بۇ جاينىڭ كۆپلىگەن ئۆزگەرمەس مەنزىرلىرى بار،گەرچە بۇ شەھەر ئىنجىلدا تىلغا ئىلغان بولسىمۇ،بۇ جاي كۆپلىگەن مەدىنىيەتنىڭ مەركىزى.بۇ جايدا كۆپلىگەن كۆرۈپ قويۇشقا تىگىشلىك جايلار بار بولۇپ،تۆت مۇنارلىق دەرۋازا،بىل ئىلاھىي ئىبادەتخانىسى،ئىلابىل مۇنارى ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان پامىرا شەھەر سىپىلىدۇر،بۇ شەھەرنىڭ يەنە ‹قۇملۇقتىكى كېلىن›دىگەن نامىمۇ بار،بۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى2-ئەسىردە قۇرۇلغان بىر پادىشاھلىقنىڭ مۇكەممەل مىسالىدۇر.
10.پومپېي قەدىمىي شەھىرى
پومپېي قەدىمىي شەھىرى ئىتالىيەنىڭ غەربىگە،نابلىس قولتۇقىغا يىقىن جايلاشقان،مىلادىدىن بۇرۇنقى8-ئەسىرلەردە بۇ جاي بىرىنجى قىتىم ئىگىلىۋىلىنغان، پومپىي قەدىمىي شەھىرى يانارتاغ كۈلى ئاستىغا چۇڭقۇر كۆمۈلۈپ كەتكەن قەدىمكى رىمنىڭ شەھىرىدۇر،قەدىمكى بۇ شەھەر، ھازىرقى رىمغا ئوخشاش خەلىقئارالاشقان چوڭ شەھەر ئىدى. ھازىر قارايدىغان بولسىڭىز بۇ شەھەردە ھەرخىل-ھەرياڭزا تام رەسىملىرى،ئىسىل بىزەلگەن داچىلار،تاشلار ياتقۇزۇلغان كوچىلار ۋە نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىزنالىرىنى ئۇچۇرتالايسىز.
11.كامبودژا ئانكۇر ئىبادەتخانا خارابىلىكى
بۇ خارابىلىكنىڭ تارىخىنى مىلادى9-ئەسىرلەردىن سۈرۈشتە قىلىشقا بولىدۇ،بۇ قۇرلۇش كخېرمىرلار ئىمپىرىيىسىنىڭ سەلتەنەتىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ،ئۇ دۇنيادىكى بىرلا خىل دىندىكى ئىبادەتخانا بولۇپ،بۇچوڭ ئىبادەتخانىدا نەچچە مىڭلىغان كىچىك ئىبادەتخانىلار ۋە تاش ئويما،تاش مۇنار،تاش ئابىدىلەر بار.
12.نامولۇد
نامولۇد-مىلادىدىن بۇرۇنقى717-يىلدىن150نەچچىنجى يىللىرىغىچە قەدىمكى ئاسسۇرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان بۇ شەھەرنىڭ غايەت زور شەھەر سىپىلى،ئايال پادىشاھ ئابا،بانىت،ئاتالىيا قاتارلىقلارنىڭ قەبرىسىدىكى نەرسىلەر كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ،خان قوبۇلخانىسىدىكى پىل چىشىدىن ياسالغان نەپىس قول ھۈنەر-سەنئەت بويۇملىرى بىلەن داڭلىق.
13.تاناس قەدىمىي خارابىلىكى
تاناس يەنە بىر ئاتىلىشى داجانت بولۇپ،بۇ جاي قەدىمكى مىسىر21-ۋە22- پادىشاھلىقىنىڭ ئەڭ باي سۇدا مەركىزى ۋە پايتەختى بولغان. يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئارخىلوگلار بۇ جايدىن كۆپلىگەن نەپىس خانلىق قەبرىستانلىقى ۋە ئۇچلۇق تاش مۇنارلىرىنى بايقىدى.
ئۇلانما:http://pics.focus.cn/dongguan/news/group-386977.shtml?pvid=tc_tuan&a=&b=http%3A%2F%2Fi2.itc.cn%2F20121015%2Ffocus_5a_31e91a29_cfb9_4502_ba25_0931cc7c2258_0.jpg&c=all#0
مەنبە:سوخۇ تورى
پايدىلانما توربەتلەر: ئىزدە تورى
تەركىن تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TaRKiN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-16 07:44 PM
|
|
|
|
|
|