مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 640|ئىنكاس: 3

ئىختىساسلىقلار ۋە نوبېل مۇكاپاتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85730
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 531
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 10:52:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىختىساسلىقلار ۋە نوبېل مۇكاپاتى

بەلكىم «مۇسابىقە نەتىجىسى» مۇ چوقۇم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ سانىنى ھەمدە پەن-تېخنىكا جەھەتتە مۇكاپاتقا ئېرشكۈچىلەرنىڭ سانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئىلىشى كېرەك. ئىشقىلىپ، پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى مۇكاپات تۈرلىرى ئەدەبىيات ۋە تېنىچلىق مۇكاپاتىغا قارىغاندا سىياسى ئامىللار ئارىلىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار ئاز بولىدۇ.
2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشتىن بۇرۇن، ياۋرۇپا 109 قېتىم نوبېل پەن-تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئەمما ئامېرىكا ئارانلا 13 قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىراق، 1969-يىلىدىن باشلاپ، بۇ ۋەزىيەتتە چوڭ بۇرۇلۇش يۈز بەرگەن. يەنى ياۋرۇپا پەقەت 90 قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، ئەمما ئامېرىكا 171 قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ شۆبھىسىزكى، پۈتۈن دۇنيانىڭ پەن-تېخنىكىغا رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقى ياۋرۇپادىن ئامېرىكىنىڭ قۇلىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نەچچە يىل ئىلگىرى توكيودىكى بىر قېتىملىق نۇتۇقۇمدا، مەن كۆچمەنلەرنىڭ ئۆزلىكسىز ھالدا ئامېرىكىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئىختىساسلىق خادىملار بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى، 300 نەپەردىن ئارتۇق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ، پەقەت تۆتىسىلا ھەقىقىي ئامېرىكىلىق ئىكەنلىكى سۆزلىگەن ئىدىم. بۇ  كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت بولۇپ، بۇ خىل ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپ بولغان ئەمەس. مەن ئىككىنچى رەتتە ئولتۇرغان ئەپەندىنىڭ: «شۇنداق، كۆپ قىسىم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر، باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. رەھمەت، بۇ دەل مەن سىلەرگە بەرمەكچى بولغان جاۋاب ئىدى.



كۆچمەنلەر پۇرسەتمۇ ياكى ئاپەتمۇ؟

مەن بىر كۆچمەنلەر دۆلىتىدىن كېلىپلا قالماستىن بەلكى بىر كۆچمەن ئائىلىدىن كەلگەن، مەن بىزنىڭ ئائىلىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئامېرىكىلىق. مېنىڭ دادام شوتلاندىيىدە، ئانام بولسا دانىيىدە توغۇلغان. خۇددى مېنىڭ ئايالىم ئېيتقاندەك: مەن ياۋرۇپاغا قايتسام، ئاندىن يۇرتۇمغا قايتقان بولىمەن. ئەمما مۇشۇنداق ئائىلە ئارقا كۆرۈنىشىم ۋە ياۋرۇپادا بىر نەچچە يىل تۇرغان تارىخىم بولسىمۇ، مەن يەنىلا يارۇپالىقلارنىڭ چەتئەللىكلەردىن تەشۋىشلىنىدىغىنى پەقەت چۈشىنەلمەيمەن. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئاۋېستىرىيە ھۆكۈمىتى بىر قېتىملىق سىجىل تەرەققىيات توغرىسىدىكى يىغىنغا، مېنى نۇتۇق سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. يىغىندا، كىشىلەر يەرشارىنىڭ ئىسىپ كىتىشى، تەبئىي بايلىقلار، گېنلىق يىمەكلىكلەر قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ باردى، ئەمما بىرمۇ ئادەم ياۋرۇپا نۇپوسى مەسلىسى ئۈستىدە ئېغىز ئاچمىدى. بۇ دۆلەتلەر نوپۇسنىڭ ئازىيىشى سەۋەبىدىن، ئەمگەك كۈچلىرى يىتىشمەسلىك مەسلىسى كىلىپ چىقىپ، ئىخىساس ئىگىلىرىگە، كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەمگەك كۈچلىرىگە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن يەنىلا كۆچمەنلەرنى ئىزچىل رەت قىلىدۇ؟ سىجىل تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بىر يىغىندا، نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنڭ ھەممىسى نۇپوسنىڭ سىجىل تەرەققىياتتا ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئۇتتۇرغا قويمايدۇ؟
ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن كىشىلەر: «كۆچمەنلەر پەقەت ياۋرۇپادىكى پاراۋانلىقنى ئىزدەپ كېلىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كۆچمەنلەر يەرلىك خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى تارتىۋالىدۇ دەپ ئاغرىنىدۇ» دىيىشىدۇ. ئەمما، ئۆزگىرىشچان ئىقتىسادتا، خىزمەتتىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، خىزمەتنىڭ ئۆزگىرىشى دەۋر ئۆزگىرىشىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى.
ياۋرۇپا نوپۇس ئاستا سۈرئەتتە كۆپىيىىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھالدا كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلماسلىق سىياسىتى ناھايىتى تېزلا ياۋرۇپاغا يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ياۋرۇپادا توغۇلۇش نىسبىتى پەقەت %1.4، ئەمما توغۇلۇش نىسبىتى %2.1 كە يەتكەندىلا ئاندىن نوپۇستا تەڭپۇڭسىزلىق يۈز بەرمەيدۇ. ئەگەر ياۋرۇپا توغۇلۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئامالسىز قالسا (بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى چوڭ)، يەنە كىلىپ داۋاملىق كۆچمەنلەرنىڭ كىلىشىنى چەكلىسە، ئۇنداقتا ئىككى ئەۋلاد كىشىلەر ئۆتكەندىن كېيىن، ياۋرۇپانىڭ نوپۇسى ھازىرقى نوپۇسىنىڭ يېرىمىگە چۈشۈپ قالىدۇ.
خۇددى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ باھا بەرگىنىگە ئوخشاش: «يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، نوپۇس ئەۋزەللىكى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كۈچىنى كۈچەيتىپ، ياۋرۇپا بىلەن بولغان ئارىلىقىنى چۇڭايتىپ، بىر ياش، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، باي قۇدرەتلىك ئامېرىكا بىلەن قېرى، ئاجىز، مۇتەسسىپ ياۋرۇپا ئۇتتۇرسىدىكى چوڭ پەرقى شەكىللەندۈرىدۇ». بۇ سىلىشتۇرۇش ئازراق كۆپتۈرۋىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئەمەلىيەت شۇنداق.
ياۋرۇپانىڭ ئۇلۇغۋار جاسارىتى بولسىمۇ، ئەمما شۈبھىسىزكى، يەنىلا پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ھۆكۈمەت خىزمىتى ھەممە ئادەمنى خىزمەت ۋە پاراۋانلىق بىلەن تەمىنلىمەيدۇ ھەم ئۇنداقمۇ قىلالمايدۇ. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىش مەسلىسى پاراۋانلىق سېستىمىسىدىكى ھەل قىلىش تەس بولغان مەسلە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئاللىبۇرۇن ئېشىپ بارماقتا. شۇنداق تۇرۇقلۇق، كۆچمەنلەر ئارقىلىق توغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىشى ۋە قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراۋاتىدۇ، بەلكى بۇ يەنە دائىم: «كۆچمەنلەر خىزمەت ئورنىنى ئىگىللەپ كىتىۋاتىدۇ» دەپ، كىشىلەرنى ساراسىمىگە سالىدىغان ۋاستە بولۇپ قالدى.
بۇنىڭ ئەكىسچە، ئامېرىكا ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش جەھەتتە ناھايىتى ئاكىتىپ. ئۇ ھەر يىلى بىر مىليوندىن كۆپرەك كۆچمەننى قانۇنلۇق قۇبۇل قىلىدۇ. بۇ سان دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر قوبۇل قىلغان كۆچمەنلەرنىڭ ئۇمۇمىي سانىدىنمۇ كۆپ، يەنە كىلىپ 1976 –يىلىدىن بۇيان، ئىزچىل مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ بىر مىليون كۆچمەن قانداق كىشىلەر؟ ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسمى قابىلىيەتلىك، جاسارەتلىك، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەركىن دۆلەتتە ئۆز ئارزوسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىرادىسى كۈچلۈك بولغان ئىقتىدارلىق كىشلەر. ئامېرىكىدا ئىختىساسلىقلار يىلىغا بىر مىليوندىن كۆپىيىپ بارىدۇ . ئادەتتە، ئەقىل-پاراسەتلىكلەر ۋە قابىلىيەتلىكلەرنىڭ تارقىلىشى تەكشىز بولىدۇ، سەن ئويلاپ باق، پەقەت دۆلەت ئىچىدىكى توغۇلۇش نىسبىتىگىلا تاينىدىغان بولسا، قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىتتا شۇنچىلىك كۆپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگىلى بولىدۇ؟
مېنىڭ تەجرىبەم بولسا، پەقەت ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئېھتىياج ھەمدە ئۇ ئۆزىنىڭ قىممىتى بولسا، ئۇنداقتا ئۆزگىرىش چوقۇم بولىدۇ. ياۋرۇپادا ئىقتىسادى ئىسلاھاتنىڭ زۆرۆرلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ، ئەمما مەنپەئەت مۇشۇنداق ئېنىق تۇرسىمۇ، ياۋرۇپالىقلار يەنىلا ئۆزگىرىشنى خالىمايۋاتىدۇ.
ياخشى بولغان كارخانا مۇھىتى رىقابەتلىك ئىقتىسادنىڭ ئاساسى. ئەمما ياۋرۇپالىقلار: «ھۆكۈمەت چوقۇم كارخانىلار خىزمەتچىلىرىنى ئىشتىن بوشىتىۋىتىشىنى توسۇشى ھەمدە چوقۇم يېڭى ھۆكۈمەت قۇرلۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىپ، يېڭى خىزمەت پۇرسەتلىرىنى يارىتىشى كېرەك» دەپ قارايدۇ. ياپونىيمۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان شۇنداق قارايتتى، ھازىر بىرەر دۆلەتمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش تامامەن سۇ ئاقمايدىغان كىچىك ئېرىقلارغا شۇنچە كۆپ كۆۋرۈكلەرنى ياسىمىدى.
پەقەت كارخانىچىلارلا تۇختىماستىن يېڭى شېركەتلەرنى قۇرۇپ، ھەقىقەتەن خىزمەت پۇرسىتى يارىتىدۇ. بۇ شېركەت قۇرۇش جەريانىدىكى بارلىق بىيروكراتچىلىق تۇسالغۇلىرىنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، بىر قىسىم ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇللىرى بىلەن تەمىنلەشكە ئېھتىياجلىق. مەسلەن، شېركەت قۇرۇلغان بىر يىل ئىچىدە باج ئالماسلىق قاتارلىق. ئەڭ مۇھىم مەسلە، مېنىڭچە، ياۋرۇپالىقلار كارخانىلار پايدا ئالالىسا ئانىدىن داۋاملىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرالايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغاندەك قىلىدۇ. نۇرغۇن ياۋرۇپالىقلار شېركەت پايدا ئېلىش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىشچىلارنىڭ خىزمىتىگە تۆلەم بېرىش ئوتتۇرسىدا تاللاش ئېلىپ بارىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئەلۋەتتە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ھازىر كېرەكسىز گاز چىقىرىش، قايتا ھاسىل بولىدىغان بايلىقلار، تۈرلەرنىڭ كۆپ خىللىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ شالغوتلىشىشى قاتارلىق مەسلىلەرگە نىسبەتەن كەڭ دائىرىدە ئېتىبار بىلەن قاراشقا باشلىدى. ئەمما ئىقتىسادنىڭ كۆپىيىشى جەھەتتە رولى يوق ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا ئۇ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويدى. ئىقتىسادى ئىسلاھاتمۇ تۈپتىن ئەمەلگە ئاشمىدى. جەمئىيەت ئەندىزسىمۇ يەنىلا كىشىلەرنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە ھەتتا بىرەر سىياسىئون مەردانلىك بىلەن بۇلارغا قارشى چىققىنى يوق. شۇنداق، بەزىلەر ھەقىقەتەن: «چوقۇم پاراۋانلىقنى ئازايتىش ياكى يېڭى سېستىمىلارنى كۆچەيتىش كېرەك» دەپ ئۇتتۇرغا قويدى، ئەمما بۇ خىل ئەندىزە ھېچقانداق گۇمانغا ئۇچرىمىدى.
ئىقتىسادى ئىسلاھات چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. بۇ بىردىنبىر ئۆلچەم. بارلىق ئىقتىسادى ئىسلاھاتقا مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم مۇشۇ بىر ئۆلچەم ئاساسىدا باھالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ھازىر، ياۋرۇپا ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە كارخانا ۋە كارخانىچىلارغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراۋاتىدۇ، ھالبۇكى ياۋرۇپا ھازىر دەل مۇشۇلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتەلمەيۋاتىدۇ.

«دۇنيانىڭ يۈزلىنىشى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى؛ يوھان. نەسبىت تۈزگەن، ۋېي پىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. جۇڭشىن نەشرياتى نەشر قىلغان2010   -يىلى 1-ئاي 1-نەشرى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2441 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 12:10:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسى ئىش ئىزلەپ يىراق جايلارغا كۆچۈشىدۇ. ئەجەب ياۋروپاغا كۆچكەن كۆچمەنلەر ئەقىللىق، پاكىز، ھېچ بولمىسا بۇدقا باش ئۇرىدىغانلار(ھېچ بولمىسا ئېتىقادى بار) بولغاچقا، ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشماقتا. ئەمما بەزى جايلاردا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە: دىنسىز، ئېتىقادسىز، قارام، ساپاسىز، قانۇن دىگەننى بىلمەيدىغان، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، مەدەنىيەتتىن ئەسەرمۇ يوق.... مۇشۇنداق سۈپەتكە ئىگە كۆچمەنلەر چۈمۈلە، سۈۋەرەكتەك يامراپ، كۆل، دەريالىرىنى قۇرۇتۇپ، مەھەللىلىرىنى سېسىق پۇرۇتۇپ يۇرىشىدىكەن. مەسىلەن: مىكسىكىدا زەھەر ئەتكەسچىسى كۆچمەنلەر كۆپ، ئامرىكىدا دالاي دەك بۆلگۈنچى كۆچمەن كۆپ، (بىلىمىم چەكلىك، بەزى دۆلەتلەرنى چۈشەنمەيمەن، شۇڭا قايسى دۆلەتتە شۇنداق كۆچمەنلەر كۆپ بۇنى بىرنىمە دىيەلمەيمەن، تورداشلار بىلەمدىكىن) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawaat0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-17 12:11 AM  


ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 12:45:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوبىل مۇكاپاتى ئالماق تەس

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88136
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2014-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 08:13:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا  چەكتىڭىز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دوستلار، ياخشىمۇ سىلەر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش