مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10371|ئىنكاس: 52

يەرشارىدىكى 3سىرلىق جاي .(كۆك ھىلال)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 730
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3769
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 10:58:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
10_228_a3440e6e4213446[1].jpg
20090730003711-1386772327[1].jpg
20061213112637733[1].jpg
يەر شارىدىكى 100سىرلىق جاي
مۇقەدىمە
  بىپايان ئالەمدە سىز بىلەن مەن كۆزگە چېلىقمايدىغان يولۇچى خالاس، قەدىمدىن بۇيان يۈز بەرگەن، ئەسىرلەر بويى سىرى يېشىلمەي كېلىۋاتقان ئىشلارغا بارلىق زېھنىمىز ۋە كۈچ قۇۋۋىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ، يېقىنلىشىشغا ئۇرۇنساقمۇ، ئەمما پەقەت نادانلىقنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىۋاتىمىز. ئېينىشىيتىن مۇنداق دېگەن : ئىنسانلارنىڭ بارلىق تەجرىبىلىرى ۋە تۇيغۇلىرى ئارىسىدا سىرلىقلىق تۇيغۇسى ھەممىدىن قالتىس. ئۇ بارلىق ھەققىي بەدىئىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي كەشپىياتلارنىڭ ئىلھامى ۋە مەنبەسىدۇر. لېكىن ئۇلۇغ ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېشىشكە ئامالسىز قالغان سىرلار ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي كۈچىگە قىلىنغان مەسخىرىمۇ-ئەمەسمۇ؟
  نۇرغۇن قېتىملىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن يەرشارى بىزگە سانسىزلىغان يېشىش قىيىن بولغان سوئاللارنى قالدۇردى، بىز دىنازاۋۇر ئاللىقاچان يوقالغان دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز؛ بىز شىمالىي كەڭلىك 30 گىرادۇسنىڭ سىرلىق كۈچىدىن قورقىمىز؟ ئۆلگەنلەرنىڭ روھىغا تىزلىنىپ باش ئۇرىمىز، تارىختىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەتنىڭ سېھرى كۈچى ئالدىدا كەينىمىزگە داجىيمىز؛ ئالەم بوشلۇقىنىڭ سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ زىيارەتكە كېلىشىدىن گاڭگىراپ قالىمىز…. ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈرىنىڭ ئاخىرى سوئال بەلگىلىرى بىلەن توشۇپ كەتتى. يىراق قەدىمكى دەۋىرلەرنى سۈرۈشتە قىلساق، پاتقاققا چوڭقۇر پېتىپ قالغان ھەرخىل تېئورىما، قائىدىلەردىن باشقا، ھەرقايسى يەرلەردىكى سىرلىق جايلارنىڭ ئېيتماقچى بولۇپ، توختىۋالغان سانسىزلىغان گەپ – سۆزلىرى باردەك قىلىدۇ. تۆت چوڭ ھالاكەت جىلغىسى، بېرمۇدا، جاننى ئالىدىغان ئارال، قورام تاش، تۈۋرۈكلەر سېپى، چىنشىخۇاڭنىڭ قەبرىسى…. قورقۇنچلۇق، ئاجايىپ، غەلىتە چۈشىنىكسىز، سىرلىق…100سىرلىق جاي ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئاشۇ تونۇش ياكى ناتونۇش يەرلەر ئېكىسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ قەلبىنى يېنىش-يېنىشلاپ داۋالغۇماقتا….
      
دوزاخنىڭ ئىشىكى
يەر شارىدىكى ھاياتلىق چەكلەنگەن ئەڭ قورقۇنچلۇق15رايۇن
بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇنى
جۇغراپىيلىك ئورنى : ئاتلانتىك ئوكياندا
سىرلىق كۆرسەتكۈچى:★★★★★
      
   كىلىماتى ئىللىق، گۈللىرى خۇشپۇراق، تۆت پەسلى خۇددى باھاردەك، كۆك ئاسمان- زۇمرەت سۇلىرى بار، ئاق چايكىلار ئۇچۇپ يۈرىدىغان، بۇ يەر قورقۇنچلۇق ھەم سىرلىق «بېرمۇدا ئۈچ بۈرجەك دېڭىز» رايۇنىدىن ئىبارەت، ئۇ يەنە «شور پىشانە دېڭىز»، «ئالۋاستى دېڭىز»، «پاراخوتلارنىڭ قەبرىستانلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نەچچە يۈزلىگەن ئايروپىلان ۋە پاراخوتلار بۇ يەردە سىرلىق ھالدا غايىپ بولۇپ كېتىپ، ئازراق قالدۇق پارچىلىرىنىمۇ تاپقىلى بولمىغان. ھازىر بېرمۇدا ئۈچ بۈرجەك دېڭىز رايۇنى سىرلىق، چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھەرخىل غايىپ بولۇش ۋەقەلىرىنىڭ ۋاكالەت نامى بولۇپ قالدى.
   
   ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇچقۇچىلار ئەترىتى باھاما تاقىم ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتىۋاتقان ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز ئېلىكتىر دولقۇنى سىگنالى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ، ئاخىرىدا جىمىقىپ كەتكەن. نەتىجىدە، 14نەپەر ئۇچقۇچى ۋە 5ئايروپىلان يەر شارىدىن غايىپ بولغان. شۇنىڭدىن كىيىن 13نەپەر ئايروپىلان خادىمىدىن تەشكىلەنگەن دېڭىزدا ئىزدەش ئايروپىلانىمۇ غايىپ بولۇپ كەتكەن. ئۇ خۇددى ئاشۇ قورقۇنچلۇق قاينامغا شۇڭغۇپ كىرىپ كەتكەندەك، ھېچقانداق ئۇچۇر قايتۇرماستىن، جىمجىت ھالدا غايىپ بولغان. ئەمما ئۇلار ئاسمان تەرىپىدىن يۈتۈپ كېتىلدىمۇ؟ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بېرمۇدادىن مېكسىكا قولتۇقىغىچە بولغان ھەربىر سۇڭ  دېڭىز يۈزىنى ئاختۇرغان بولسىمۇ، نەتىجىدە ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان. بىر چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار  ئايروپىلانى بېرمۇدا دېڭىز تەۋەسى ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتىدىغان چاغدا، ئالدىنقى بىر مىنۇتتا «ئايدىرومغا يېقىنلاشتۇق، چىراغ نۇرى كۆرىنىۋاتىدۇ، قونۇشقا تەييارلاندۇق» دېگەن ئېلىكتىر سىگىنالىنى تارقاتقان، كىينكى بىر مىنۇتتا ھېچقانداق ئىز- دېرىكى بولماي، ئايروپىلان خادىملىرى ۋە بارلىق يولۇچىلارنىڭ بىرسىمۇ ئامان قالمىغان. غايىپ بولۇش گويا بىر دەقىقە ئىچىدە يۈز بەرگەن، خۇددى ئاسماندىن يوغان بىر تۆشۈك ئېچىلىپ ئايروپىلان بىراقلا ئۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپ نام- نىشانى قالمىغاندەك.
  بېرمۇدا ئۈچ بۇرجەك رايۇنى زادى قانداق بىر دېڭىز تەۋەسى؟ بۇ يەردىن ئۆتكەن كولۇمبۇ مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «توساتتىن، شىددەتلىك بوران چىقىپ، ئاسمان – زېمىن قاراڭغۇلىشىپ كەتتى، نەچچە ئون مېتىر ئېگىزلىكتىكى چوڭ دولقۇن گويا تامغا ئوخشاش كېمە ئەترىتىمىزگە ئېتىلىپ كەلدى. بارلىق يول باشلاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىشلىمەس بولۇپ قالدى…. بۇ ئىشلار شاپپىدە ئاخىرلاشتى…» ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان ئادەملەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. فىرانسىيەنىڭ لوچالى ناملىق يەلكەنلىك كېمىسى، كۇبا تەۋەللىكىدىكى رۇبىكاڭ ناملىق يۈك پاراخۇتى، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى «مالىن. كېييىس» ناملىق ماي پاراخوتى…. بېرمۇدا دېڭىز يۈزىدە ئادەملەر غايىپ بولۇپ، پاراخوت بوش قالغان غەلىتە ئەھۋالمۇ يۈز بەرگەن. بايقالغاندا پاراخوتتا بىرمۇ ئادەم يوق، نەرسە- كېرەكلەر ساپمۇساق بولۇپ تاماق شىرەسىگە ئېسىل يېمەكلىكلەر تىزىلغان. ئىستاكانلاردا ئىچىپ بولۇنمىغان قەھۋە ۋە چاي تۇرغان. تامدىكى سائەت نورمال مېڭىپ تۇرغان، پاراخوتتا ئامان قالغان جانلىقلاردىن، ئاچلىقتىن  ئۆلەي دەپ قالغان بىر كانارىيە سېرىق قۇشقىچى ۋە پالوپىدا يالغۇز ياتقان بىر ئىتلا قالغان . پاراخوتتىكى
ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سىرلىق ھالدا غايىپ بولۇپ كەتكەن. زادى نېمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.
زادى كىم ئاستىرىتتىن ھىيلە ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ سۈزۈك نامەلۇم ئەينەك جىسىىممۇ؟ پىروپېللىر قۇيرۇقلۇق دېڭىز ئاستى جانلىقلىرىمۇ؟ سۇ ئاستىدىكى پىرامىدامۇ؟ سۇ ئاستىدىكى غايىپ بولغان كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئىنسانلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندىن كىيىن ، ئاي شارىغا ئۇچۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ بېرمۇدا ئۇچ بۈرجەك دېڭىز تەۋەسىدە يۈز بەرگەن بۇ خىلمۇ خىل سىرلىق ئىشلار غەلىتە ھەم ۋەھىمە بىلەن تولغان.
بۇنىڭغا ھېچكىم جاۋاب بېرەلمەيدۇ، ھەم بۇنىمۇ ھېچكىم بىلمەيدۇ.
  
نابلىس ھالاكەت جىلغىسى
ئىنسانلارنىڭ جەننىتى، ھايۋانلارنىڭ قەبرىستانلىقى
سىرلىق يېرى
   تاغ ۋە كۆللەرنىڭ سۈرەتتەك مەنزىرىسىنىڭ ئارقىسىنى ئۆلۈمنىڭ ھىدى قاپلىغان. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان بۇ يەر ھەرخىل  ھايۋانلار ياشايدىغان گۈزەل ماكان بولۇپ كەلگەن، لېكىن يەنە ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قاباھەتلىك چۈشى بولۇپ قالغان.
جۇغراپىيىلىك ئورنى : ئىتالىيەدە
سىرلىق كۆرسەتكۈچى: ★★★★

   
نابلىس ۋە ۋارۋىرنو كۆلى يېنىدىكى ئىككى جىلغىدا ئىپتىدائىي دەل – دەرەخلەر يىلتىزلىرى گىرەلەشكەن ھالدا ئاسمان –پەلەك ئېگىز ئۆسكەن. ئەمما قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان،   تاغ ۋە كۆللەرنىڭ سۈرەتتەك مەنزىرىسىنىڭ ئارقىسىنى ئۆلۈمنىڭ ھىدى قاپلىغان. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان بۇ يەر ھەرخىل  ھايۋانلار ياشايدىغان گۈزەل ماكان بولۇپ كەلگەن، لېكىن يەنە ئۇلارنىڭ قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قاباھەتلىك چۈشى بولۇپ قالغان.
                             
ھەرقانچە چىرايلىق قۇشمۇ بۇ يەردىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ  
   سەھەردە، جىلغىدا قاتمۇقات ئاق تۇمان كۆتۈرۈلۈپ، غۇۋالىق ئىچىدە گويا ئەزرائىل يېتىپ كېلىدىغاندەك، ئەتراپ ئۆلۈكتەك جىمىتلىشىپ ئادەمنى تۇنجۇقتۇرىدۇ.قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازلىرى، ھايۋانلارنىڭ ئويناشقان ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ. ئاندا- ساندا ئاڭلىدىغىنى ھايۋانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭرىغان ئاۋازى بولۇپ، بۇ ئاۋاز ئېچىنىشلىق ۋە ھەسرەتلىك بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە، ھايۋانلارنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى تاپقىلى بولمايدۇ، پەقەت يەردىكى قان ئىزلىرى ۋە چىرايى بەتبەشىرە بولۇپ كەتكەن تاپلارلا كۆزگە چېلىقىدۇ.

جىلغىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى ۋە چىرىگەن گۆشلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇلار تەبئىي رەۋىشتە ئۆلمىگەن، بىر-بىرىنى ئۆلتۈرمىگەن ھەم كوللىكتىپ ھالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمىغان، ئىنسانلار تەرىپىدىنمۇ ئۆلتۈرۈلمىگەن. ئۇنداقتا ئۇلار زادى قانداق قىسمەتكە دۇچار بولغان؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ھەم بىلگىلى بولمايدۇ. پەقەت بەزىبىر ئېچىنىشلىق سىتاستېكىلىق سانلار جىلغىدىكى شۇملۇقنىڭ ھىدىنى ئاشكارلاپ تۇرماقتا. تولۇق سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھەريىلى نابلىس جىلغىسى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە يۈتۈپ كېتىلگەن ھەرخىل ھايۋانلار نەچچە 10مىڭغا يېتىدىكەن. بارلىق ھايۋانلار نابلىس جىلغىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئەمما ھەمىشە بەزى ھايۋانلار ئۇ يەرگە خاتا كىرىپ قېلىپ ئاخىرى ئۆلۈم تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بەزىلەر جىلغىدىكى زەھەرلىك گاز سەۋەب بولۇۋاتامدىكىن؟ دەپ گۇمان قىلىشقان. ئەمما ھەرقانچە ئۆلچەپمۇ بۇ يەردە زەھەرلىك گازنىڭ قارىسىنىمۇ تاپالمىغان، ئەكىسچە بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ساپ، دەم ئېلىپ داۋالىنىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
   نابلىس جىلغىسى بىگۇناھ ھايۋانلارغا مانا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئاددەتتىن تاشقىرى رەھىم – شەپقەت قىلىدۇ. ئىنسانلار جىلغىغا كىرسە ساق-سالامەت تۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرىلەدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنەلەيدۇ. شۇڭا يەرلىك كىشىلەر بۇ يەرنى «ئىنسانلارنىڭ جەننىتى» دەپ ئاتاشقان. ھايۋانلارنىڭ قەبرىستانلىقى، ئىنسانلارنىڭ جەننىتى دەپ ئاتالغان ئوخشاش بىر جىلغا، قانداقسىگە ئادەم بىلەن ھايۋانغا ئىككى خىل دۇنيا بولۇپ قالغان؟ ئىتالىيە تەرەپ كۆپ قېتىم ئالىملارنى تەشكىللەپ جىلغىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ئەتراپلىق تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، نەتىجىدە قۇرۇق قول قايتىپ چىققان…
داۋامى بار
مەنبە: يەر شارىدىكى 100سىرلىق جاي دېگەن كىتابتىن ئېلىندى  
بۇ ئابدىرشىت ئىلى توربىتىدىن كۆچۇرۇلدى كۆرۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

تۇرمۇش مەڭگۇ ئاچ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2633
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10238
تۆھپە نۇمۇرى: 563
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 11:14:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ  سىرلىق  100نىڭ  ئىچىدە   لوپنور  كۆلىمۇ (جىلغىسى ) باردىمۇ  ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 730
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3769
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 11:17:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zokra يوللىغان ۋاقتى  2012-10-15 11:14 PM
شۇ  سىرلىق  100نىڭ  ئىچىدە   لوپنور  كۆلىمۇ (جىلغىسى ) بارد ...

كەچۇرۇڭ بۇنە بىلمەيمەنكەن .ئىنىقلاپ باقاي ھە

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

مەنىسىز ھايات

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6782
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6433 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 11:20:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللانىڭ مۆجىزىسى چەكسىزدۇر...داۋامىنى تېزراق يوللارسىز،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ياخشىغا كۈن يوق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 846
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6784
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 11:25:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئالتۇن ئۈچ بۇرجەكنىڭ نامىنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ، لېكىن نابلىس ھالاكەت جىلغىسىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن ، راستىنلا قورقۇنۇچلۇق جايكەن.

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئوماق قوزام!!!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1760
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9735
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 11:34:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانچىلا قورقۇنۇچلۇق جايلار بۇ...

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1452
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5188
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 574 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 11:42:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى بېرمۇدا ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك رايۇنى

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 1282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14190
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 9127 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 11:47:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنىڭغا قىلچىمۇ ئىشىنمەيمەن ...............

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3877
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11502
تۆھپە نۇمۇرى: 1253
توردا: 2993 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 11:48:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى مەن بۇرۇن بىر كىتاپتا كۆرگەن ئىدىم، ئامىركىنىڭ بىر  دەرىجىدىن تاشقىرى جەڭ ئايرۇپىلانى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئاھ تەڭرىم : بۇ نىمە؟ بىزنى قۇتقۇزۇڭلار دىگەن بىر سىگىنالنى تارقىتىپلا يوقاپ كەتكەن. كىيىن ئامرىكا دىڭىز ئارمىيسى بىر ئاۋياماتكا 24 جەڭ پاراخوتى ھەم قوغلىغۇچى پاراخوت بىلەن ئىزلەشكە كىرىشكەن. بىراق ئۇلارنىڭمۇ تەڭ يىرىمى دىگۇدەك ئىز-دىرەكسىز غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. تاكى ھازىرغىچە ئۇ يەر بىر سىرلىق ماكان بولۇپ كەلمەكتە سنئىي ھەمراھ ئارقىلىق كۆرگەندىمۇ ھىچنەرسىنى بايقىيالماپتىكەن.. قارىغاندا ئاشۇ يەر شۇ ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85791
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-10-7
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 11:50:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش