|
|
|
|
دۇئا قىلغىن
ئاپتورى: نىجات ئەكبەر
ئىلاۋە:
دۇئاــ ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى، دۇئاــ ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم ئىبادەتلەردىن بىرى، دۇئاــ ئاللاتائالاغا بەندىچىلىك قىلىشنىڭ يۇقىرى دەرىجىسى. ئاللاتائالا «قۇرئان كەرىم» دە مۇنداق دېگەن:
«پەرۋەردىگارىڭ ئېيتىدۇكى: ماڭا دۇئا قىلىڭلار. مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن،( تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ.» (40-سۈرە غافىر، 60-ئايەت)
ھەر قانداق بىر ھاجىتىنى دۇئا ئارقىلىق ئاللاھتىن تىلەش، يالغۇز بىر ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ھەر بىر ئىنساننىڭ مەجبۇرىيىتى. مەن بۇ شېئىرىمدا دۇئا قىلىشتىكى مەقسەت ۋە دۇئا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇنۇ ئالتە كۇپلىتقا يىغىنچاقلىدىم.
نەزەر سالغىن ئاسمانلار نېچۈن پايانسىز؟
ئۇنىڭدىكى يۇلتۇزلار ھەم سان-ساناقسىز؟
ئەقىللەرمۇ يەتمەيدۇ كىشى ئامالسىز...
دۇئا قىلغىن ئاللاھ ئۈستۈن كامالەتتە.
ياراتتى بۇ دۇنيانى، تەبىئەتنى ھەم،
تۈرلۈك ئىشلارغا تولغان جەمئىيەتنى ھەم،
بەردى ئىنسانغا ئەقىل، روھىيەتنى ھەم،
دۇئا قىلغىن ھەمدى ئېيتقىن سەن تائەتتە.
پەرز بولدى ئاللاھقا ئىبادەت قىلماق،
ئۈزۈلدۈرمەي نامازنى بەش ۋاخ ئوقۇماق،
رامىزاندا روزىنى كەم قىلماي تۇتماق،
دۇئا قىلغىن دىلىڭ يورار ئىبادەتتە
بۇ دۇنيادا شەيتانلار ھەر ۋاقىت ھەمراھ،
ئۆتكۈزەرسەن كەينىگە كىرىپ بىر گۇناھ،
ئاللاھ ئۇنىڭ شەررىدىن ساقلىسۇن پاناھ،
دۇئا قىلغىن گۇناھ بولسۇن مەغپىرەتتە.
ھاياتىڭدا تىرىكچىلىك قىل، ئېرىنمە،
ئاللاھ بەرگەن نېئمەت بىلەن چوڭ كېرىلمە،
قانائەت قىل «تەكاسۇر» غا بەك بېرىلمە.
دۇئا قىلغىن ئىشىڭ بولسۇن بەرىكەتتە.
تەسبىھ ئېيتىپ ئاللاھقا ئىبادەتمۇ قىل،
ياشاش ئۈچۈن دۇنيادا تىجارەتمۇ قىل،
جەننەت بىلەن دوزاخنى خىيالەتمۇ قىل،
دۇئا قىلغىن ئاللاھ قىلسۇن ھۆر-جەننەتتە.
|
|
|
|
|
|