چاۋشيەندىكى كىشىلەر ئەڭ مەدھىيلەيدىغان قۇرۇلۇش
گېرمانىيىلىك قۇرلۇش لاھىيلىگۈچىPhilip Meuser ئۆزىنىڭ يازغان ‹‹پيۇڭياڭنىڭ قۇرۇلىشى ۋە مەدەنىيىتى ››دېگەن كىتابىدا نەزىرىنى دۇنيادىكى بۇ ئەڭ سىرلىق جايغا تىككەنلەرنىڭ بىرى .مىزىر بىر قېتىملىق زىيارەتتە Dwell (دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق يېڭى شەكىلدىكى ئۆي جاھازىلىرى ژۇرنىلى ،ئاساسلىقى چەتئەللەردىكى قۇرۇلۇشلار ۋە دۆلەت ئىچىدىكى لاھىيىلەر مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ ،2000 -يىلى تەسسىس قىلىنغان )غا ‹‹مېنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسەتلىرىمنىڭ بىرى ئۇنى سىز بارالمايدىغان جايلارنىڭ بىر قوللانمىسى قىلىش ،مەن دۇنياغا بىر ھەقىقىي چاۋشيەننى ،ھەقىقىي پيۇڭياڭنى تونۇتماقچى ››دېگەن .
ئۇ يەنە ، پيۇڭياڭ چاۋشەين ئۇرۇشىدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ۋەيران بولغان ، شۇڭا قىسىم قۇرۇلۇشلار 60-يىللاردا سېلىنغان ، ئۇ سىزگە چاۋشيەننىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ››دېگەن .
تۆۋەندىكىسى-كىم ئېرسىن مەيدانىدىكى ھۆكۈمەت بىناسى .كىم ئېرسىن مەيدانى چاۋشيەن ھەربىي پارات ئۆتكۈزىدىغان ۋە يىغىلىش قىلىدىغان جاي .
تۆۋەندىكىسى ،كىم ئېرسىننىڭ ھەيكىلىنى مەركەز قىلغان مانسۇداي خاتىرە تېشى .
سۇبىكتىپ ئىدىيە مۇنارىنىڭ چوققىسىدىك قىزىل مەشئەل .‹‹سۇبىكتىپ دىگەننىڭ مەنىسى ‹ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ››› بولۇپ ،، ئۇ چاۋشيەننىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ھېسابلىنىدۇ .
چاۋشيەن خەلق ئۆگىنىش سارىيى پيۇڭياڭدىكى ئاساسلىق كۈتۈپخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ ، تايدوڭ دەرياسىنىڭ قاسنىقىغا جايلاشقان .
كىم ئېرسىن مەيدانىنىڭ قارشى تەرىپىدىن قارىغاندىكى ئۆگىنىش سارىيى .
چاۋشيەن خەلق پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن سېلىنغان بۇ ئابىدە بولقا ، ئورغاق ۋە قەلەمدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىشچىلار ،دېھقانلار ۋە زىيالىيلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .
بۇ ئىككى ئايال ئىككى قولى بىلەن تۇتۇپ تۇرغان مۇكەممەل بولمىغان چاۋشيەننى جىپسىلاشتۇرۇشتىن شەكىللەنگەن ئەگمە ئىشىك .
زەپەر دەرۋازىسى كىم ئېرسىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ ،ئېگىزلىكى 200ئىنگلىز چىسى ،1945-يىلى چاۋشيەنگە قايتىپ كەلگەن كىم ئېرسىن مۇشۇ يەردە سۆز قىلغان .
مەنبە:بۇ يەرنى بېسىڭ
چاۋشىيەنگە مۇناسىۋەتلىك باشقا مەزمۇنلارنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ