مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2168|ئىنكاس: 23

يۇرتۇم قاراقاش ناھىيەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61204
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11600
تۆھپە نۇمۇرى: 1990
توردا: 439 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 04:21:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتۇم قاراقاش ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىرىنچى چوڭ ناھىيەسى،نۇپۇس سانى 600000  مىڭ ئەتىراپىدا 2009 يىلدىكى نۇپۇسى 550 مىڭ ئىدى،نۇپۇسنىڭ 89 پىسەنتى ئۇيغۇرلار بۇلۇپ ئىسلام دىنىغا ئىتقات قىلىمىز، ھەم  ھازىرغا قەدەر يىتىپ كەلگەن مىللىيچە چېلىشىش،ئوغلاق تارتىشىش،دارۋازلىق سەنئىتى،قەدىمى خوتەن قەغىزىنى ياساش .ئەتلەس ۋە گىلەم ماكانىدۇر،
يۇرتۇمدا يەنە تۇلۇق ئوتتۇرا .تۇلۇقسىز ئوتتۇرا بۇلۇپ 16 يېزا بازاردا كەڭ تارقالغان مەكتەپلەر قۇرۇلغان،يەنە ناھىيە مەركىزىگە ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈك سودا مەركىزىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق، كۈلىمى ۋە سۈپىتىدە ئېشىپ چۈشكىدەك ھەم قۇيۇق مىللى پۇراققا ئىگە مىللەتلەر كۇچىسى بولسا،
يەنە يان تەرپىدە يىڭىدىن قۇرۇلغان خەلىق مەيدانى بۇ قەدىم دىيارنىڭ ھۆسنىگە - ھۆسۈن قۇشۇپ كەلمەكتە.يەنە كەينى-كەينىدىن سېلىنغان بىر-بىرىدىن ئىگىز سودا - سارايلار قۇرۇلدى،ھەم تۇنجى بۇلۇپ قاراقاش سارىيى تىجارەت باشلىدى.
دەيمەنكى يۇرتۇم ھەر ھالدا زاماننىڭ ئارقىدا ئەمەس.بازارلىرىمىز بار ھەركۈنى شۇنداق قىززىيدۇ دەڭە،ئالما ،شاپتۇل بىھى، ئەنجۈر،قىزىل ئۈزۈم ئاق بېغىش مۇناقا سەيۋە كىشمىشى ئۈزۈلمەيدۇ مىۋىلەر بازارلاردىن ياز قىشى،بازارلاردا باققاللار ئاندىن تولا يىراق يېقىندىن تۈرلۈك تۈمەن ماللىرى بىلەن بازارلارنى ئاۋاتلاشتۇرسا،ئىش - ئەمگەكتىن بوشىغان دېھقانلار ھەم ئىشچى خىزمەتچىللىرمىز بازارنى شۇنداق قىززىتىۋېتىدۇ،
ھۈنەرۋەنلەر ئاندىن تولا نىمىگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز ئىزدىسىڭىزلا تېپىلىدۇ ،
يەرلىمىز شۇنداق مۇنبەت سۇلۇق يەرلەر شال بىلەن تولسا ، باشقىلىرى چىلان.ياڭاق ،ئالما .ئۈرۈك ، قوغۇن تاۋۇز بىلەن تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى بېيىتىپ كەلمەكتە، بۇغداي-قوناق شۇنداق ئوخشايدۇ،بىزدە ئۇنداق زاۋۇت ئۇنى ئىشلىتىدىغان قائىدە يوق ،پەقەتلا يىرى يوقلار ھەم چوڭ تىز تاماقخانىلار خالتىلىق ئۇن ئىشلىتىدۇ ، باشقا كىشىلىرىمىز يىل بۇيى ئۈزىمىز تېرىغان ئاشلىقنى ئۇزۇقلۇق قىلىمىز ،
قاراقاشنىڭ شەھەر ئەتىراپىدا سەي كۆكتات بەكمۇ كۆپ چىقسا ،يىڭى يەر كاۋاك يېزىلىرىدا ئۈزۈم شۇنداق كۆپ ،يىلدا نەچچە توننا ئۈزۈم ساتىدۇ ھەر ئۆيلۈك دېھقان،يەنە جاھانباغ،داراسكال يېزىللىرىدا شال ئېتىزلىرى بەك كۆپ يەرلىرى ئاساسەن شال بىلەن تولغان ،
يەنە يۇرتۇمنىڭ چوڭ جەمە ئالدىدا تۈمۈرچىلىك شۇنداق تەرەققى قىلغان ، قوللىرى چىۋەر ئەقىللىق ھۈنەرۋەنلىرىمىز چىرايلىق نەقىشلىرى بىلەن تۈمۈردىن تۇرمۇشقا لازىمەتلىكلەرنى ياساپ كىلىۋاتىدۇ،يەنە بىر تەرپىدە ياغاچچى ئۇستىلىرمىز تۈمۈرچىلەردىن قېلىشمۇغىدەك ماھارىتى بىلەن بارزارنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرماقتا،
ھازىر يۇرتىمىزدا قاتناش قۇلايلىق ،يوللارغا ماي ياتقۇزۇلدى ، ھەر كۇچا دوقمۇشلاردا ماگزىنلار ئېچىلدى ،دېھقانلىرىمىز بېيىپ ئانچە - مۇنچە ماشىنىلاشتى ، ئون دېھقاننىڭ بەشىدە ماششىنا بەشىدە مۇتسىكىلىتتىن بىر ئىككىدىن بار ، ئىشەك ھارۋىلار پەقەت يىراق يېزىلاردا ئانچە - مۇنچە ئىشلىتىلىدۇ ،يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىمۇ ھەممىسى دىگۈدەك ماشىنىلاشتى ، ئالۋان سىلىقمۇ ئاز قالدى ، قىسقىسى دېھقانلىرمىز خۇشال ،
جەمىيەت تىنىچ،ھەممىمىز خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز ، ئامانلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كەنىتلەرگە ساقچى ئۇرۇنلاشتى ،
پۇخرالىرىمىزمۇ ئاڭلىق ئۇرۇش جىدەل يوق دىيەرلىك ، بىرسى جىدەللەشسە تۇشمۇ-تۇشتىن ئاجىرتىپ تەسەللى بىرىشكە ئادەتلەنگەنلىكتىن كىم بولمىسۇن ئاجىرتىپ قۇيىمىز ،يىگىتلىرمىز شۇنداق تىرىشچان ھەممىسى دىگىدەك ھۈنەر كەسىپ ئىگىلەپ تۇرمۇشىنى قامداپ كىلىۋاتىدۇ ، تىجارەتچىللىرمىز شۇنداق ئاق كۈڭۈل ، ئەگەر نەرسە سېتىۋالماقچى بولسىڭىز كىيىم بولسا . كىيىپ سىناپ كۈرۈڭ دەپ شارائىت ھازىرلىسا ،يىمەك ئىچمەك بولسا سىز كىلىشىڭىزگە ئاۋال تېتىپ كۈرۈشىڭىزنى سورايدۇ ،ھەرگىز تارتىنجاقلىق قىلمايدۇ ، بىرسى - بىرسىگە ئىچى تارلىق قىلىشمايدۇ ،
تاماقخانىلىرمىز بەك پاكىز ، كۈتكۈچىلەر شۇنداق مۇلاھىم ھەم قىزغىن ، ئۈرۈمچىدىكىدەك تاماققا ئاۋال پۇل دەپ كىيىن چاي ئەكىلىدىغان قائىدىمىز يوق ، سىز كىرىشىڭىزگە سۇغۇق سۇ كەلتۈرەيمۇ چاي ئىچەمسىز دەيدۇ ، ئاندىن نىمە تاماق يەيسىزكىن دەيدۇ ،
ناۋاييلارمۇ ھەم شۇنداق نان يىمەكچى بولسىڭىز قىززىق بولسا سۇغا چۈكۈرۈپ ناننىڭ ئۇلىدا شور تۇز بولسا ئېلىۋەتكەندىن كىيىن قېنى ئالسىلا دەپ ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ، يەنە سىز بىر نەچچە قېتىم نان ئالسىڭىز يېنىڭىزدا پۇل بولمىسىمۇ نىسىيگە بىرىۋېرىدۇ ، ئەگەر كۆپرەك كىرەك بولسا ئۈيىڭىزگىچە ئاپىرىپ بىرىپ ھىساباتنى ئاي ئاخىردا قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ،
دېھقانلىرمىز شۇنداق مېھماندوس مەيلى سىز دوس بۇلۇڭ ياكى ناتۇنۇش بۇلۇڭ تاماق ۋاختىدا بولسا ئاۋال سىزگە كەلتۈرىدۇ ، ئەگەر تاماق ۋاختى بولمىسىمۇ بىر پىيالە چاي ياكى سۇغۇق سۇ بىلەن مەزلە كەلتۈرۈپ ھاردۇق سورايدۇ ، ھەرگىزمۇ قىزغىنىش قورۇنۇش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس.
مانا بۇ قاراقاش مىنىڭ ماكانىم ئايلىنىپ - ئايلىنىپ ھېرىپ كىتىمەن شۇنداق كەڭرى ،
ئەر - ئايال تىرىشچان پۇل تېپىشقا ماھىر بۇلۇپ ئىش-ئەمگەكتە بىرگە قاتنىشىدۇ ، بۇرۇن پاختا تېرىپ يوتقان تىكىپ ساتقان بولسا ھازىر يوتقان تۇرى مېھمان كۆرپىسى تىكىپ سېتىۋاتىدۇ ، ئەرلەرمۇ ھەم كەسىپكە ماھىر بۇرۇن پاختا ئېلىپ ساتاتتى، ھازىر تۈمۈر يەنى كىرەكسىز تۈمۈر باھاسى ياخشى دەپ شۇنۇڭغا كىرىشىپ كەتتى ، دىمەك قاراقاش خەلقى ئىنتايىن تىرىشچان 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاقسۇغا چىقىپ پاختا تىرىش باشلانغاندىن كىيىن ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ ، ھەم تۇرغۇن ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئۇرۇنلاشتى ، بېيىغانلار كىيىنكىلەرنى يىتەكلەپ ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كىلىۋاتىمىز ،
خالىسىڭىز كىلىڭ باغچىلار ئاندىن تۇلا چىمەنزار ھەم ئەزىمەتلەر ئارام گاھى مىڭ يىللىق قەدىمى چىنار سەيلىگاھى ، قەدىمى سۇ تۈگمىنى ساياھەت مەركىزى، قەغەزچىلىك كۇچىسى، شاخلىق پىئودال قورۇسى قاتارلىق مەنزىرگاھلىرمىز ، ئۆزگىچە مىللى پۇراققا ھەم قەدىمى تۈسكە ئىگە ،
مانا بۇ قاراقاش مىنىڭ دىيارىم،يازغانلىرىم تېخى يۈزنىڭ بىرى ،

مەنبە-ئابلىكىم قاراقاش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-15 06:33 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45093
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 368
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 06:38:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراقاشقىمۇ بېرىپ كېلىمەن،ئاللا نېسىپ قىلسىلا

مەن كۆرگەن يەرلەرنىڭ ئىچىدە بىزلەر قويۇق ئولتۇراقلاشقان يەرلەر يەنىلا گۈزەل ئىكەن.

ھىجرانىم تامچىلاپ ئاخىر بولدى كۆل،
ياشلىق مەۋسۇمى ئۇ توزۇغان بىر گۈل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11242
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 768 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 07:18:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراقاشنى مەنمۇ ياقتۇرىمەن مىھرى ئىسسق ماكان  ئۇ

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7571
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7692 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 07:25:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن قەشقەر ۋىلەيىتىنىڭ نوپۇسى كۆپ ناھيىسى بولغاندەك ،قارقاش ناھيىسى خوتەن ۋىلايتىنىڭ نوپۇسى كۆپ ناھيىسى ئىكەن-ھە!

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7158
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 803 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 07:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراقاش ناھىيىسى  ۋىلايىمتىمىز بويىچە نۇپۇسى ئەڭ جىق. ئىگەللىگەن كۆلىمى ئەڭ كەڭ .......
مۇشۇ قاراقاشلىق بىلەن خوتەن ناھىيە تەۋەككۈل يېزىسىدىكى كىشىلەرنىڭ غەيرىتىگە تىرىشچانلىقىغا ھەقىقەتەن قايىلمەن

ھەسرىتىمنى كىمگە ئېيتىمەن ،   بۇ دەردىمنى كىمدىن ئالىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 07:43:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         قاراقاش ئۇچۇر تورى

      http://karkaxuqur.com/ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-15 07:44 PM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21811
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6381
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 1011 سائەت
تىزىم: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 08:09:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ئانا جەمەتىم شۇ قارقاش توخلا  سەيشەنبە بازاردىنكەنتۇق، 100 يىلچە بۇرۇن شايارغا چىقىپتىكەن، لەقىمى باراتلا ئىكەن، مەن قاراقاش توغۇرلۇق مۇشىنىلا بىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29846
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7778
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2011-2-10
ئاخىرقى: 2014-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 08:26:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراقاش ناھىيسدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سودا قىلىشتىكى ماھارىتىگە بارىكاللا. ئەھۋالدىن قارىغاندا خوتەن ۋېلايىتىدىكى كۆپ قىسىم مىللى كارخانىلارنى قاراقاش ناھىيسىدىكى ئۇيغۇرلار قۇرۇپ چىققان ئىكەن.

نورىدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28592
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13063
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 1116 سائەت
تىزىم: 2011-1-31
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 08:41:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۈم گۇمىدىن بولساممۇ بىراق قوشنا يۇرتۇم قاراقاشنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىمەن . ھەقىقەتەن مىھرى ئىسسىق يۇرت بۇ كۆرۈپ كىتىشكە ھەممەيلەننى چاقىرىمەن

ئالىمجان توختىمەت (جانبەر)

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12098
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 09:28:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش