دۆلەتلىك مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان خىزمىتى باشلاندى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
2013-يىللىق دۆلەتلىك مەمۇرلار ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلىنىپ، 24-ئەكتەبىر ئاخىرلىشىدۇ. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2013-يىلى «دۆلەتلىك مەمۇرلار ئىمتىھانى»غا تىزىملىتىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 8دىن 24-ئۆكتەبىر سائەت 18 گىچە بولىدىكەن. 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە سالاھىيىتى تەكشۈرۈلىدىكەن.
ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلىنىدۇ. ئىمتىھاننىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇنداق: سائەت 9دىن سائەت 11گىچە مەمۇرلۇق كەسپى ئىقتىدارى سىنىلىدۇ؛ سائەت 14تىن 16:30 ــ 16:00 غىچە يېزىقچىلىق ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ.
بۇ قېتىملىق قوبۇل قىلىشقا مەركەز ئورگانلىرى ۋە بېۋاستە قاراشلىق ئورگانلار، مەمۇرلار قانۇنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بولۇپ تەخمىنەن 140 دىن ئارتۇق ئورۇن قاتنىشىدىغان بولۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلانماقتا. 13-ئۆكتەبىر قوبۇل قىلىنىدىغان ئورۇن ئۇچۇرلىرى ئىلان قىلىنىدۇ.
2013-يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش سانى 2000 دىن كۆپرەك ئادەمگە كۆپەيتىلگەن. بۇ يىللىق دۆلەتلىك مەمۇرلار ئىمتىھانىدا مەركەزدىكى ئورگانلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا ئەمەلىي قوبۇل قىلىنىدىغان مەمۇر ۋە ئورگان خىزمەتچىلىرى سانى تۈنجى قېتىم 20 مىڭ ئادەم ئۆتكىلىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان بولۇپ، بۇلتۇرقى 17 مىڭ 941 ئادەمگە سېلىشتۇرغاندا، تەخمىنەن 11.5 پىرسەنت ئاشىدىكەن.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
http://www.uycnr.com/jy/zxxw/201210/t20121015_394323.html