|
|
|
|
2012-يىلى10-ئاينىڭ9-كۈنى ھاۋا شۇنچىلىك ئوچۇق ئىدى.رىياسەتچىلەرنىڭ سۆز باشلىشى بىلەن گۇاڭجۇ خېڭدا پۇتبۇل مەكتىۋىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى رەسمى باشلاندى.بۇ مۇراسىمغا،مەملىكەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى،جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى،ئىسپانىيە خانلىق مادرىت پۇتبۇل كۇلۇبى،گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت،گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكىمەت،گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى،گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى،گۇاڭجۇ شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى،گۇاڭجۇ شەھەرلىك پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى،ۋە چىڭ يۈەن شەھەرلىك ھۆكۈمۈت قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى،خېڭدا گورۇھىنىڭ رەھبەرلىرى،ئولىمپىك چىمپىيۇنلىرى،خېڭدا پۇتبۇل كۇلۇبىنىڭ كوماندا ئەزالىرى،تىرىنىرلىرى،خېڭدا پۇتبۇل مەكتىۋىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىللىرى،تېرىنىرلىرى،پۇتبۇل مەستانىللىرى،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا ئانىللىرى،ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى بولۇپ جەمئى10000غا يىقىن ئادەم قاتناشقان ئىدى.
http://bbs.putbol.cn/read.php?tid-29658.html
ھەيۋەتلىك ئىچىلىش مۇراسىمدىن كىيىن خېڭدا پۇتپۇل كوماندىسنىڭ باش تىرنىرى،خېڭدا پۇتپۇل مەكتىۋىنىڭ مۇدىرى لىپىنىڭ باللارغا توپ بىرىشى بىلەن خېڭدا پۇتپۇل مەكتىۋىنىڭ مەشىقى رەسمى باشلاندى.
مەكتەپ ئىشخانسىدىن ئگەللىشىمچە مەكتەپنىڭ ئومومى كۇلىمى 1880مو بولۇپ ھازىر 1500 مۇغا يىقىن قۇرلۇش تاماملانغان.ھازىرغىچە سىلىنغان مەبلەغ 700 مىليۇن يۇەن بولۇپ، يەنە 300 مىليۇن يۇۋەن مەبلەغ سىلىنماخچى ئىكەن.ھازىر قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى 1086 نەپەر بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 40 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار ئىكەن.
بۇ مەكتەپتە بىر خەلىقارالىق پۇتپۇل مەيدانى،76 ئولچەملىك مەشىق مەيدانى(ھازىر 18 مەيدان پۇتۇپتۇ) بولۇپ
كۆلەم،سىلىنما،موھىت جەھەتتە دۇنيا بويىنچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردىكەن.
مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرغا جۇڭگۇ خۇانەن پىداگوگىكا ئونۋىرسىتىتى،پۇتپۇل مەشىقىگە ئىسپانىيە خانلىق مادىرىت كۇلۇبى مەسۇل ئىكەن.
مەن بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 40 نەپەر ئۇيغۇر يۇلتۇزلىرنىڭ پات كەلگۇسىدە جۇڭگۇ ۋە دۇنيا پۇتپۇل سەھنىسىدە چاقنىغان چولپان بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن.
مەنبە؛بىر پارچە سۇرەت ۋە ئاۋازلىق كۆرنۇشتىن باشقىسى ئۆز قەلىمىم،ئۆز سۇرەتلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-15 01:53 AM
|
|
|
|
|
|